باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-06-03 11:38

ئامېرىكىدىكى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە ‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى 1 – ئىيۇل سوت مەھكىمىسىگە ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇندى. بۇنىڭ بىلەن يېرىم يىلدىن بۇيانقى ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تۈرلۈك قىياسلارغا جاۋاب چىقتى. خىلمۇ خىل مۇرەككەپ يۈزەكى كۆرۈنۈشلەرنى بىر ياققا قايرىپ تۇرۇپ كۆزەتكەندە ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ ۋەيران قىلىپ قوغداش نامىدا قايتا تەشكىللىنىش ئارقىلىق يېڭىۋاشتىن تىرىلىش مەقسىتىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

   تارىخى ئۇزاق ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ‹‹ھەممىباب›› شىركىتى ئۇزاقتىن بۇيانقى تەرەققىيات جەريانىدا ئېغىر تارىخىي يۈكنى زىممىسىگە ئارتىۋالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رىقابەتچىلىرىنىڭ زەربىسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقاچقا، ئاخىرى ۋەيران قىلىپ قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى.

   غايەت زور قەرزنى قانداق ھەل قىلىش ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ كەلگەن مەسىلە، شۇنداقلا ئوبامانىڭ بۇ يىل 3 – ئايدا ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ 17 – فېۋرال تاپشۇرغان قايتا تەشكىللىنىش لايىھىسىنى رەت قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. شۇنىڭ ئۈچۈن، 27 – ئاپرېل، ‹‹ھەممىباب›› شىركىتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قايتا تەشكىللىنىش لايىھىسىدە قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش، يەنى ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ زايوم ئىگىلىرى تەخمىنەن 27 مىليارد دوللارلىق كېپىلسىز ھەقدارلىق بىلەن قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى يېڭى ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ %10 پاي ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالماشتۇرۇش باھاسى بەك تۆۋەن بولغاچقا، بۇ لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەنلا، زايوم ئىگىلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

   بەلگىلەنگەن ۋاقىت 26 – ماي يېرىم كېچىدىن بۇرۇن، ئوتتۇرا، كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پەقەت %15 ى بۇ لايىھىنى قوبۇل قىلدى، بۇ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن%90لىك نىسبەتتىن ئىنتايىن يىراق بولۇپ، 27 – ماي سەھەردە سۆھبەتنىڭ بۇزۇلغانلىقى جاكارلاندى.

   ئەمما، 28 – ماي، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئويلىمىغان يەردىن ‹‹پايدىسى›› تېخىمۇ كۆپ ھەقدارلىقتىن ۋاز كېچىش تولۇقلىما لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى ئەسلىدىكى%10 پاينى تەڭ باھادا ئالماشتۇرۇش ئاساسىدا، زايوم ئىگىلىرىگە ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ باشقا%15 پېيىنى بىر قەدەر تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش ھوقۇقى بېرىلدى، ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ پاي باھاسىنىڭ بازار قىممىتى 15 مىليارد دوللار ۋە 30 مىليارد دوللارغا يەتكەندە، ئايرىم – ئايرىم ھالدا %7.5 پاي قوشۇپ بېرىلىدىغان بولدى. ھازىر تەخمىنەن%35 زايوم ئىگىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى بۇ لايىھىنى قوبۇل قىلدى.

   قارىماققا، ھۆكۈمەت ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ قەرز ئىشلىرىنى سوتنىڭ سىرتىدا كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن بەلگىلىك يول قويغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ‹‹پايدا›› ئۈچۈن زايوم ئىگىلىرى يەنىلا بەدەل تۆلەيدۇ، يەنى ئۇلار ‹‹ھەممىباب›› شىركىتى ۋەيران بولۇشنى قوغداش تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ قايتا قۇرۇش لايىھىسىگە ‹‹ياق›› دېيەلمەيدۇ. ‹‹تۆۋەن باھادا پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش›› ئەمەلىيەتتە زايوم ئىگىلىرىنىڭ ئاغزىنى ‹‹مايلىغان››لىقتۇر.

   روشەنكى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى ئوتتۇرىغا قويغان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش كېلىشىمى ‹‹تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولۇپ قايتا تەشكىللىنىش››نى ئېھتىمالغا يېقىنلاشتۇردى، چۈنكى بۇ، ئەمەلىيەتتە زايوم ئىگىلىرىنى ‹‹ھەممىباب››شىركىتىنىڭ قەرز ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىق بىلەن باراۋەر.

   ھازىر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇپ قايتا تەشكىللىنىش لايىھىسى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى، يەنى ‹‹ھەممىباب›› شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى ئاساسلىق سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ‹‹ھەممىباب››شىركىتىگە سېتىپ بېرىدۇ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 30 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېڭى‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ پاي ھوقۇق قۇرۇلمىسىدا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى% 72.5 پايغا، بىرلەشمە ئاپتوموبىل شىركىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى% 17.5 پايغا، زايوم ئىگىلىرى باشقا% 10 پايغا ئىگە بولىدۇ.

  ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ قايتا تىرىلىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىدە نوقۇل قايتا تەشكىللەشكىلا تايانغان بىلەن بولمايدۇ. ئامېرىكا ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىپ ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولسا، ئاندىن ‹‹ھەممىباب›› شىركىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىدىن ھەقىقىي ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ‹‹تېرە تاشلاش›› شەكلىدىكى بۇ ۋەيران قىلىپ قايتا تەشكىللەش پەقەت قىسقا مەزگىللىك ئارام ئېلىۋېلىشلا بولۇپ قالىدۇ، خالاس.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

‹‹ھەممىباب›› ئاپتوموبىل شىركىتى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى سرىلانكىدىكى ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرمەكچى

ئىراننىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى 130مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىگە تەھدىت بولدى

نۇرغۇن ئۆلكە،شەھەردە سۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ

ئوبامانىڭ گۋانتانامو مەسىلىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ۋاقىت كېتىدۇ

پاكىستان بىلەن تالىبان كوچا ئۇرۇشى قىلىشقا باشلىدى

ئامېرىكىدا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 642 گە يەتتى

قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号