پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تالىبانلارنىڭ يېزا، كەنتلەردىكى دالا ئۇرۇشى نۆۋەتتە كوچا ئۇرۇشىغا ئۆزگەردى. پاكىستان ھەربىي ئەمەلدارى 20 – ماي: بۇ ئۇرۇشتا ئۇزاققا قالماي غەلىبە قازىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل، دېدى. بىراق ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈش تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە 2 مىليون كىشى سەرسان – سەرگەردان بولغان. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق ئانالىز قىلدى: پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم تالىبانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشى زور سىياسىي خەۋپكە تەۋەككۈل قىلغانلىق، ئۇرۇش ھەرگىزمۇ ئۇلار ئويلىغاندەك تېز ئاخىرلاشمايدۇ.
پاكىستاننىڭ ھەربىي باياناتچىسى ئابباس 20 – ماي: پاكىستان ھەربىيلىرى تالىبانلار كونتروللۇقىدىكى بۇنېر رايونىدىكى مۇھىم قەلئە سالتان بازىرىنى ئىگىلىدى، ئۆتكەن 24 سائەتتە غەربىي شىمال رايونىدا 80 دىن كۆپرەك قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. پاكىستان ھەربىيلىرى 19 – مايدىن باشلاپ شەھەر، بازارغا كىرىشكە باشلىدى ھەم ماتادا قۇراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن قاتتىق كوچا ئۇرۇشى قىلدى. سىياسىي ئوبزورچى ماسئۇد مۇخبىرنىڭ زىيارىتى قۇبۇل قىلغاندا: بۇ پاكىستاننىڭ تالىبانلار بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي تۇتۇشىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇرۇش كوچا ئۇرۇشى بولدى، بۇنداق ئۇرۇشنى ئامېرىكىمۇ قىلىپ باقمىغان. ھازىر پاكىستان ئارمىيىسى ۋاستا جىلغىسىدىكى ئىككى ھالقىلىق شەھەر بازىرىنى ئىگىلىدى ھەم تالىباننىڭ مۇھىم تۇرار جايى مىنگۇلاغا قىستاپ كەلدى، دېدى.پاكسىتان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قىستاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى شەھەردىكى كۆۋرۈك ۋە يوللارغا مىنا كۆمۈشكە باشلىدى ھەم شەھەردىكى ئۇرۇش قىلىشقا ئەپلىك ئېگىزلىكلەرنى ئىگىلەپ ئىستېھكام قۇردى. ئىلگىرى يەرلىك ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى تۇرغان چوڭ قۇرۇقلۇق مېھمانخانىسىنىڭ ئۆيلىرى تالىبانلار يوشۇرۇنىدىغان ئورۇنغا ئايلاندى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 20 – ماي مۇنداق دېيىلدى: ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ تالىبانلار پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى كاراچىغا كىرىپ، قوشۇننى رەتكە سېلىۋېتىپتۇ.
پاكىستاندىكى ھەر قايسى خەۋپسىزلىك تارماقلىرى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ سەرگەردان بولغان كىشىلەرگە قوشۇلۇپ چوڭ شەھەرلەرگە كىرىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى. پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباد يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، بىخەتەرلىك، قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار تەپسىلىي پىلان تۈزدى. پاكىستان ئارمىيىسى ئۇرۇشقا ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن قاراۋاتىدۇ. پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى جىيانى راۋالىپىندىدا ئارمىيىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەن قىسىمدىكىلەرنىڭ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى ۋە جاسارىتىدىن ناھايىتى رازى. پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەھمەد مۇختار شۇنىڭدىن بۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى: ئۇرۇش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئۈچ ئايدىن تۆت ئايغىچە ۋاقىتتا تېررورلۇققا قارشى بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز.
پاكىستاننىڭ رادىئو ئاخبارات كاتىپى 19 – ماي مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە پاكىستان ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە زور غەلىبىگە ئېرىشتى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىنى تېزلا ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ پاكىستاننىڭ كۈچلۈك ھەربىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇش ئىشەنچىسىگە باغلىق.ب د ت نىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش پارتلاپ ھازىرغىچە پاكىستاندا 2 مىليون كىشى سەرسان – سەرگەردان بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلغان. پاكىستاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، قۇتقۇزۇش، ياردەم ماددىي ئەشيالىرى چەكلىك بولغانلىقتىن، بارلىق سەرگەردانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەسكەن، سەرگەردانلار يىغىلغان بۇ بارگاھتا ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىغا دۇچ كېلىۋېتىپتۇ.
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى 19 – ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكا پاكىستاننى 110 مىليون دوللارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھىلارى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ پاكىستاننى مۇنداق ياردەم بىلەن تەمىنلىشىمىز پاكىستان ئامېرىكا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، ئەشەددىي كۈچلەر ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا پاكىستان جەمئىيىتىدە تالىبانلارغا نىسبەتەن زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال، بۇ كىشىنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ.
شاڭخەي خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ گەنچېڭ ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پاكىستاندىكى تالىبانلار ھەر قانداق جايغا سىڭىپ كىرەلەيدىغان تەشكىلات، جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، ئارمىيە ئىچىدىمۇ تالىبان كۈچلىرى بار. بۇلاردىن باشقا پاكىستاندىكى تالىبانلار بىلەن ئافىغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار، ئۇلار بىر بىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. بۇ تەرىپى يېقىندا مەغلۇپ قىلىنغان سرىلانكا ئىلام يولۋاس تەشكىلاتىدىن ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ. ئىلام يولۋاس تەشكىلاتى بىر ھەربىي تەشكىلات، ئۇلارنىڭ خادىملىرى مەركەزلەشكەن، تەشكىللىنىشى ئېنىق، ئۇلارنىڭ كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلسە، ئۇلار دەرھال ئۆچ ئالىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە پاكىستاندا تالىبانلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلار چاغلىق، شۇڭا بۇ قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ تالىبانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشى ناھايىتى زور سىياسىي خەۋپكە تەۋەككۈل قىلغانلىق. ئۇ مۇنداق قارىدى: پاكىستاندىكى بۇ ئۇرۇش تېز ئاخىرلاشمايدۇ، شۇنداقلا ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى تالىباننى تەلتۈكۈس يوقىتىشلا ئەمەس. ئەگەر مۇساپىرلار مەسىلىسى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىگە ئايلانسا، پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.