باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئامېرىكىدا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 642 گە يەتتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-05-07 12:29

ئامېرىكىدا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن قازا قىلغان تۇنجى ئادەم ( تېكساس شىتاتىدىن جۇدى )

      شىنخۇا تورى ۋاشىنگتون 6 – ماي تېلېگراممىسى : ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ 6 – ماي تارقاتقان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە : ئامېرىكىدا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 642 گە يەتكەن بولۇپ ، ئىككى ئادەم قازا قىلغان .

      سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە : A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ئامېرىكىنىڭ 41 شىتاتىغا تارقالغان بولۇپ ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىللىنويىز شىتاتى (122 ئادەم ) ، نيۇيورك شىتاتى (97 ئادەم ) ، كالىفورنىيە شىتاتى (67 ئادەم ) ، تېكساس شىتاتى (61 ئادەم ) ، ئارىزونا شىتاتى (48 ئادەم ) لار ئىكەن .

      ئامېرىكىدا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى يېقىنقى ئۈچ كۈندە بىر ھەسسە كۆپەيگەن . 4 – مايدىكى سانلىق مەلۇماتتا 297 ئادەم ، 5 – مايدىكى مەلۇماتتا 403 ئادەم يۇقۇملانغان بولۇپ ، يەنە بىر ئادەم قازا قىلغان . 4 – ماي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىللىنويىز شىتاتىدىكى 8 نەپەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى 5 – ماي 83 كە كۆپەيگەن .

      ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى رىچاد بىسار 4 – ماي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ 50 شىتاتىنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن .

      5 – ماي ، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى سەھىيە تارمىقىدىكى مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى : تېكساس شىتاتىدىكى جۇدى ئىسىملىك ئايال A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىپ ئامېرىكىدا قازا قىلغان تۇنجى ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .

 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ۋاكالىتەن قۇرۇش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى

بىرلىكتە مۇداپىئە سېپى قۇرۇپ ، يوچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك

شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسىدىكى مۇتەخەسىسسلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

تېببىي دورا ، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدىغان لايىھىسى ( 2009–يىلىدىن2011–يىلىغىچە)

دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىش ئىچىدە تەستە ئىلگىرىلىمەكتە

ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىدىكى توڭنى ئېرىتىش تېخىمۇ كۆپ دوستلۇققا موھتاج

‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ

ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号