باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

تېببىي دورا ، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدىغان لايىھىسى ( 2009–يىلىدىن2011–يىلىغىچە)

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-04-14 11:45

      ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى›› (تۆۋەندە ‹‹پىكىر›› دېيىلدى)گە ئاساسەن، 2009 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە بەش تۈرلۈك ئىسلاھات نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇلىدۇ: بىرىنچى، ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق دورىلار تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ تۆتىنچى، ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قەدەممۇ قەدەم باراۋەرلەشتۈرۈلىدۇ؛ بەشىنچى، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

      بەش تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەقسەت، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۆپرەك بولغان ‹‹كېسەل كۆرسىتىش تەس، قىممەت بولۇش›› مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش. ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر – بازار ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئۆزى تۆلەيدىغان دورا پۇلى يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئاساسلىق دورىلار تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قۇلايلىق يارىتىلىدۇ؛ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە دورا باھاسى تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى قەدەممۇ قەدەم باراۋەرلەشتۈرۈلۈپ، شەھەر – بازار ئاھالىلىرى ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىنىپ، كېسەلنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە  ئالدى ئېلىنىدۇ. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ.

      1. ئاساسىي داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

       (1) ئاساسىي داۋالاش كاپالىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. ئۈچ يىل ئىچىدە، شەھەر، بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (تۆۋەندە شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دېيىلدى)، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (تۆۋەندە شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دېيىلدى) ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى شەھەر، يېزىلاردىكى بارلىق ئاھالىنى قاپلاپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %90 تىن ئاشۇرۇلىدۇ. ئىككى يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، تاقىلىپ قالغان، ۋەيران بولغان كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققانلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. تاقىلىپ قالغان، ۋەيران بولغان كارخانىلاردىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى بىلەن كارخانىنىڭ ھەق تاپشۇرۇشىنى ئايرىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. مەركەز مالىيىسى قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى تاقىلىپ قالغان، ۋەيران بولغان دۆلەت كارخانىلىرىدىن پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىدۇ. 2009 – يىلى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، مەكتەپتىكى ستۇدېنتلارنىڭ ھەممىسى شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. شەھەر – بازارلاردىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى كەسىپكارلار، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىش تېپىشى تەس بولغان شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ھەققى ئۈچۈن تولۇقلىما بېرىدۇ.

       (2) ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا مەبلەغ توپلاش ئۆلچىمى ۋە كاپالەت سەۋىيىسى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. 2010 – يىلى ھەردەرىجىلىك مالىيىنىڭ شەھەر – بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا ياردەم پۇل بېرىش ئۆلچىمى ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 120 يۈەن قىلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ، كونكرېت ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتىدۇ. ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسى ۋە نىسبىتى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ ۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر – بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى تۆلەش چېكى شۇ جايدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئالتە ھەسسىسى ئەتراپىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى تۆلەش چېكى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.

      (3) ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ يىللىق قالدۇقى ۋە جەمئىي قالدۇقى مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، قالدۇقى كۆپرەك بولغان جايلار كاپالەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش چارىلىرىنى قوللىنىپ، قالدۇقنى تەدرىجىي مۇۋاپىق سەۋىيىگە چۈشۈرۈشى كېرەك. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىدا بىرتۇتاش غەملىنىدىغان فوندىنىڭ شۇ يىلدىكى قالدۇق نىسبىتى پرىنسىپ جەھەتتىن %15 ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ، جەمئىي قالدۇقى شۇ يىلى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان فوندىنىڭ %25ىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى خەۋپىنى تەڭشەش پۇلى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. فوندنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىنىدۇ. 

      (4) شەھەر، يېزىلارنىڭ داۋالاش، قۇتقۇزۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىدۇ، قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى تەستىقلاش، تارقىتىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ، شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى ئەزالار، بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياكى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ئۆزلىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم پۇل بېرىش ئۆلچىمى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

      (5) ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يەرلىكنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ۋە تېببىي دورا مۇلازىمىتى قىلىدىغان تەرەپلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇلۇپ دورا، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە تېببىي ماتېرىياللارغا ھەق تۆلەش ئۆلچىمى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، تەننەرخ خىراجىتى كونترول قىلىنىدۇ. داۋالاش كاپالىتى مۇلازىمىتى ياخشىلىنىدۇ، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشتە ‹‹ھەممىباب كارتا›› ئىشلىتىشى كېڭەيتىلىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار بىلەن نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ بىرتۇتاش غەملىگۈچى رايون تەۋەسىدە نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ كېسەل كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، ناھىيە تەۋەسىدىن سىرتقى جايلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشتە يۆتكەش رەسمىيىتى ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ. باشقا جايلاردا كېسەل كۆرسىتىپ راسچوت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ، باشقا جايغا ئورۇنلاشقان پېنسىيىگە چىققۇچىلارنى شۇ جايدا كېسەل كۆرسىتىپ، شۇ جايدا راسچوت قىلدۇرۇش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. شەھەر – بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى، شەھەر، يېزىلارنىڭ داۋالاش، قۇتقۇزۇشنى باغلاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. شەھەر، يېزىلارنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

      2 .دۆلەتنىڭ ئاساسلىق دورىلار تۈزۈمى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇلىدۇ

     (6) دۆلەتنىڭ ئاساسلىق دورىلار مۇندەرىجىسىدىن تاللاش، تەرتىپكە سېلىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئاساسلىق دورىلار مۇندەرىجىسى قەرەللىك تەرتىپكە سېلىنىدۇ ۋە يېڭىلىنىدۇ. 2009 – يىلىنىڭ دەسلىپىدە دۆلەتنىڭ ئاساسلىق دورىلار مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

     (7) ئاساسلىق دورىلار بىلەن تەمىنلەش، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى دەسلەپكە قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ. بازار مېخانىزمىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت كارخانىلىرى قوشۇۋېتىلىپ ياكى قايتىدىن تەشكىللىنىپ، بىر تۇتاش تەقسىملەپ بېرىش كېڭەيتىلىپ، كۆلەملىك تىجارەت ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ پارچە سېتىش دورىخانىلىرى زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. كەسپىي پراۋىزورلۇق تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارچە سېتىش دورىخانىلارغا بەلگىلىمە بويىچە كەسپىي پراۋىزورلارنى سەپلەپ، ئاغرىقلارنىڭ دورا سېتىۋېلىشىغا مەسلىھەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئاساسلىق دورىلارنىڭ پارچە سېتىلىش يېتەكچى باھاسىنى بېكىتىپ بېرىدۇ. ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خېرىدار چاقىرىش ئەھۋالىغا قاراپ، دۆلەتنىڭ يېتەكچى باھا بەلگىلىمىسىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئۆز رايونىنىڭ ئاساسلىق دورىلارنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش باھاسىنى بېكىتىدۇ، جۈملىدىن تەقسىملەش خىراجىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جايلار ئاساسلىق دورىلارنىڭ باھاسىنى يەنىمۇ چۈشۈرۈشتىكى مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

     (8) ئاساسلىق دورىلارنى ئالدىن تاللاش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىش تۈزۈمى تەسىس قىلىنىدۇ. 2009 – يىلىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاساسلىق دورىلار تەقسىملەپ بېرىلىدۇ ۋە ئىشلىتىلىدۇ، باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ بەلگىلىمە بويىچە ئاساسلىق دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. ئاغرىقلارنىڭ رېتسېپ بويىچە پارچە سېتىش دورىخانىلىرىدىن دورا سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئاساسلىق دورىلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالەت دورىسىنى ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئاساسلىق دورىلاردىن باشقا دورىلارنى  ئاتچوت قىلىش نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ. 

       3 . ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

     (9) ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېزا ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مەركەز ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ يىل ئىچىدە  2000دەك ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، ھەر بىر ناھىيىدە ئاز دېگەندە بىر ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلچەملەشكەن سەۋىيىگە يەتكۈزۈلىدۇ. يېزا – بازارلىق شىپاخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش ئۆلچىمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. 2009 – يىلى مەركەز پىلانلاپ ياردەم بېرىدىغان 29 مىڭ يېزا – بازارلىق شىپاخانىسى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئوموميۈزلۈك تاماملىنىپ، يېزا – بازارلاردىكى 5000 مەركىزىي شىپاخانىنى ئۆزگەرتىپ سېلىشقا ياردەم بېرىلىدۇ، ھەر بىر ناھىيىدە بىردىن ئۈچكىچە دوختۇرخانىغا ياردەم بېرىلىدۇ. يىراق، چەت رايونلاردىكى كەنت سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە مەملىكەتنىڭ ھەممە مەمۇرىي كەنتىدە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئۈچ يىل ئىچىدە شەھەرلەردىكى 3700 مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە 11 مىڭ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى يېڭىدىن سېلىنىدۇ ياكى ئۆزگەرتىلىدۇ. مەركەز قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى 2400 مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

     (10) ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش – ساقلىق ساقلاش قۇشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېزىلارغا تولۇق تېخنىكا ئىگىلىگەن دوختۇرلارنى ھەقسىز تەربىيىلەپ بېرىش ۋە كەسپىي ۋراچلارنى تەكلىپ قىلىش پىلانى تۈزۈلىدۇ ۋە يولغا قويۇلىدۇ. ئۈچ يىل ۋاقىت ئاجرىتىلىپ يېزا – بازارلىق شىپاخانا، شەھەر مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە كەنت سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتلىرى ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم 360 مىڭ، 160 مىڭ ۋە 1 مىليون 370 مىڭ ئادەم قېتىم داۋالاش – ساقلىق ساقلاش خادىملىرى تەربىيلەپ بېرىلىدۇ. شەھەر دوختۇرخانىلىرى يېزىلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ھەر بىر شەھەردىكى ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇرخانا ناھىيە دەرىجىلىك ئۈچ دوختۇرخانا بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ‹‹10 مىڭ ۋراچنىڭ يېزا سەھىيىسىگە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى›› داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ.

     تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. 2009 – يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى يېزا – بازارلىق شىپاخانىلىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق پىدائىي بولۇپ بارىدىغان، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلىنى دۆلەت ۋاكالىتەن قايتۇرىدۇ.

     (11) ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تەننەرخى مۇلازىمەتتىن ھەق ئېلىش ۋە ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. ھۆكۈمەت يېزا – بازارلىق شىپاخانا، شەھەر مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئاساسىي قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش، خادىملارنىڭ خىراجىتى ۋە ئۈستىگە ئالغان ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى كەسپىي خىراجىتىگە مەسئۇل بولۇپ نورما، تۈر بېكىتىش ۋە مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم پۇلى بېرىدۇ. تېببىي خادىملارنىڭ مائاش سەۋىيىسىنى شۇ جايدىكى كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسى بىلەن تەڭلەشتۈرىدۇ.

      ھۆكۈمەت يېزا، كەنت دوختۇرلىرى ئۈستىگە ئالغان ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.

      (12) ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت مېخانىزمى ئۆزگەرتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى مۇۋاپىق تېخنىكا، مۇۋاپىق ئۈسكۈنە ۋە ئاساسلىق دورىلارنى ئىشلىتىپ، مىللىي تېبابەت – دورىگەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشى، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ھەم تۆۋەن تەننەرخلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. يېزا – بازارلىق شىپاخانىلار مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تېببىي خادىملارنى يېزا، كەنتلەردە سەييارە داۋالاشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك؛ شەھەرلەردىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مۇلازىمەت پونكىتلىرى ماڭالمايدىغان ئاغرىقلار ئۈچۈن ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ ھەم كىرىدىغان، ھەم چىقىدىغان ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. كىرىمنى تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سانىنى يادرو قىلغان، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى بىلەن نەتىجىسىنى ئاساس قىلغان باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

        4 . ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

      (13) شەھەر – يېزىلاردا ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتى تۈرىنى بېكىتىپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. 2009 – يىلىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاھالىلەر ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ باشقۇرۇلىدۇ. 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلار – بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىنى تەكشۈرۈش، ھامىلىدار ئاياللارنى تۇغۇتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش ۋە تۇغۇتتىن كېيىن قەرەللىك كۆزىتىش، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى، نېرۋا ئاجىزلىق، ئەيدىز، تۇبېركۇليوز كېسىلى قاتارلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنى ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ساغلاملىق بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ، 2009 – يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ساغلاملىق قانىلى تەسىس قىلىدۇ، مەركەز بىلەن يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ساغلاملىق بىلىملىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقات – تەربىيىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

     (14) دۆلەتنىڭ زور جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتى تۈرىنى كۆپەيتىش. تۇبېركۇليوز كېسىلى، ئەيدىز قاتارلىق زور كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېتلاش پىلانى شۇنىڭدەك يېزىلاردىكى ئاياللارنىڭ دوختۇرخانىدا بوشىنىشى قاتارلىق زور جامائەت ساغلاملىقى تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. 2009 – يىلىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇش يەنى 15 ياشتىن تۆۋەنلەرگە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش؛ كۆمۈر قالاشتىن كېلىپ چىقىدىغان فتوردىن زەھەرلىنىش خەۋپىنى تۈگىتىش؛ يېزىلاردىكى ئاياللارغا ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن ۋە ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش؛ تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ كۆزىگە ئاق چۈشكەن نامراتلارنى قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرۈش؛ يېزىلارنىڭ سۇ ۋە ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

     (15) جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. روھىي ساغلاملىق، ئانا – بالىلار ساغلاملىقى، ساغلاملىقنى نازارەت قىلىش، پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق كەسپىي جامائەت ساغلاملىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈسكۈنە شارائىتىنى نۇقتىلىق ياخشىلاش كېرەك. زور كېسەللىكلەر ھەم تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەم ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، چۇما كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى، قان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتى ۋە باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىدىكى ئالاھىدە خەۋپلىك ئىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

     (16) جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتىگە كېرەكلىك خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. كەسپىي جامائەت ساغلاملىقى ئاپپاراتلىرىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ خىراجىتى، تەرەققىيات – قۇرۇلۇش خىراجىتى، جامائەت ئىشلىرى خىراجىتى ۋە كەسپىي خىراجەتنى ھۆكۈمەت خام چوتىدىن تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك كىرىمنى مالىيە مەخسۇس ھېساباتىغا تاپشۇرۇش ياكى خام چوت باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈش كېرەك. جامائەت ساغلاملىق مۇلازىمىتى خىراجىتىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 2009 – يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمىتىنىڭ خىراجەت ئۆلچىمىنى 15 يۈەندىن تۆۋەن قىلماسلىق، 2011 – يىلى 20يۈەندىن تۆۋەن قىلماسلىق كېرەك. مەركەز مالىيىسى يۆتكىمە چىقىم ئارقىلىق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا ياردەم پۇلى بېرىدۇ. 

      5 . ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

     (17) ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ھەرىكەت مېخانىزمى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار پاراۋانلىق خاراكتېرى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قوغداش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاغرىقلارنى مەركەز قىلىشى كېرەك. جايلارنى ھۆكۈمەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوختۇرخانا باشلىقلىرىنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش ۋە ئىش ئورنى قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تېببىي خادىملارنىڭ ئۇنۋان باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش ئورنى ئۈنۈم مائاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى مۇنتىزىم تەربىيىلەش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جايلارنى رويخەتكە ئېلىنغان ۋراچلارنىڭ بىر قانچە جايدا دوختۇرلۇق قىلىش چارىسى ۋە شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

      (18) ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تۆلەم مېخانىزمى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تۆلەمنى مۇلازىمەت ھەققى، دورا قوشۇلما كىرىمى ۋە مالىيە تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەدرىجىي مۇلازىمەت ھەققى ۋە مالىيە تولۇقلىمىسىغا تايىنىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش، چوڭ ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش، نۇقتىلىق پەنلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ خىراجىتى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك زىيىنىنى تولدۇرۇپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارغا ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدۇ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار زىممىسىگە ئالغان جامائەت ساغلاملىقى ۋەزىپىسىگە ھۆكۈمەت مەخسۇس تولۇقلىما بېرىدۇ، ھۆكۈمەت بېكىتكەن جىددىي قۇتقۇزۇش، سىرتقا ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى، چېگرا مۇداپىئەسىنى قوللاش قاتارلىقلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ جۇڭگو تېبابىتى (مىللىي تىبابەت) دوختۇرخانىسى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، ئاياللار دوختۇرخانىسى، بالىلار دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارغا سېلىنما جەھەتتە ئېتىبار بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى، ئۆلچىمى ۋە قەرز ئېلىشى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دورا قوشۇلمىسى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، دورىدىن ئايرىپ بېرىلگەن پىرسەنتى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

       ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار تەمىنلەيدىغان ئالاھىدە مۇلازىمەتنىڭ نىسبىتى ئومۇمىي مۇلازىمەتنىڭ %10تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

      (19) كۆپ مەنبەلىك دوختۇرخانا باشقۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، رايون سەھىيە پىلانىغا ئاساسەن، تەۋەلىكىدىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئەسلىھە سانى، جايلىشىشى، كارىۋات كۆلىمى، چوڭ تىپتىكى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ سەپلىنىشى ۋە ئاساسلىق ئىقتىدارىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. بىر قىسىم ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنى ئاكتىپ، مۇقىم ھالدا پۇقراۋى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئۆزگەرتىش كېرەك. ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش سىياسەت – تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

     پۇقراۋى كاپىتال بىلەن پايدا ئالمايدىغان دوختۇرخانا قۇرۇشقا مەدەت بېرىش كېرەك. نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى بېكىتىش، تەتقىقات تۈرى تۇرغۇزۇش، ئۇنۋان باھالاش ۋە داۋاملىق تەربىيە، مۇلازىمەت ئىجازىتى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇقراۋى دوختۇرخانىلارغا ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، ئوخشاش كۆزدە قاراش كېرەك.

     ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلار ئىسلاھاتى 2009 – يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، 2011 – يىلى تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ.
                                شىنخۇا ئاگېنتلىقى

 مەنبە: شىناڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىش ئىچىدە تەستە ئىلگىرىلىمەكتە

ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىدىكى توڭنى ئېرىتىش تېخىمۇ كۆپ دوستلۇققا موھتاج

‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ

ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇش كېرەك

ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش — ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

ھىلارى كىلىنتون بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

« سەنلۇ» سۈت پاراشوگى دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

ھىلارى ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号