باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىش ئىچىدە تەستە ئىلگىرىلىمەكتە

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-03-30 12:49

     پۇل مۇئامىلە كرىزىسى تېز ئېغىرلاشقان 2008 – يىلىنى دۇنيا  ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك يىل دېيىلسە، ئۇنداقتا  2009 – يىلىنى خىرىس، خەۋپ ناھايىتى ئېغىر بىر يىل دېيىشكە بولىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا: بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادىدا مەنپىي ئېشىش بولىدۇ، بۇ 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مەنپىي ئېشىش، دەپ مۆلچەرلەندى. پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يامرىغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىستا تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى:  بۇ دۆلەتلەر گەرچە بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان بولسىمۇ،  بۇ يىل ئىقتىسادىي كرىزىس يەنىلا چوڭقۇرلىشىپ، %3.0 تىن %3.5 كىچە مەنپىي ئېشىش كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ مەنپىي ئېشىشى %2.6، ياۋرو رايونىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى %3.2، ياپونىيىدە %5.8 بولىدۇ.

     دۇنياۋىلاشقان دەۋردە، بارلىق دۆلەتلەر كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جامس ئادامس شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىرقى ‹‹پۇل مۇئامىلە كرىزىسى  بىر قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ››.

     تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ كرىزىستىن ساقلىنالمىدى، ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭىدىن گۈللەنگەن يېڭى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى چېكىندى. دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا: يەرشارى ئىقتىسادىدا 1982 – يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مەنپىي ئېشىش كۆرۈلگەنلىكتىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مايىل تاشقى مەبلەغدە  ئۈزۈلۈش كۆرۈلۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادى ۋە سودىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. يەرشارىدىكى ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بۇ  قېتىمقى كرىزىستا دۇنيانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى، دېيىلدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئىقتىسادى ئېكسپورتنىڭ كېمىيىش زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلىدى، بىراق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى قوزغىتىش سىياسىتى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئادامس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بېكىتكەن بۇ يىللىق ئىقتىسادنى %8 ئاشۇرۇش نىشانى، ئەقىلگە ئۇيغۇن نىشان.

     دۇنيا ئىقتىسادى نۆۋەتتە بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. كرىزىسنىڭ ئاخىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنى سىنىماقتا، بۇ ھەم پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى پۇل مۇئامىلە باشلىقلىرىنىڭ  لوندون ئۇچرىشىشىدىكى ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى.

     ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئەمما پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا، بازار ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش مۇھىم ھالقا. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق قارالدى: ھەر قايسى دۆلەتلەر جەزمەن پۇل  مۇئامىلە ساھەسىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشى، ناچار مەبلەغنى ئايرىۋېتىش، قايتىدىن تەشكىللەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قايتىدىن ھەرىكەتلەندۈرۈشى كېرەك.

     2009 – يىلى دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا داۋالغۇش ئىچىدە ئىلگىرىلىمەكتە، بۇ قېتىملىق كرىزىسنىڭ  كەڭ دائىرىلىكلىكى ۋە ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، دۇنيا ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىغا ھازىرچە كېسىپ بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. بىراق بەزى ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق قارىدى: دۇنيا ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىسىدا ئەسلىگە كېلىدۇ، يەنە بەزى ئىقتىسادشۇناسلار: ئىقتىساد ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ 2010 – يىلى ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن، دېدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىدىكى توڭنى ئېرىتىش تېخىمۇ كۆپ دوستلۇققا موھتاج

‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ

ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇش كېرەك

ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش — ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

ھىلارى كىلىنتون بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

« سەنلۇ» سۈت پاراشوگى دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

ھىلارى ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدى

ئوباما نېمە ئۈچۈن غەزەپلەندى؟


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号