باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىدىكى توڭنى ئېرىتىش تېخىمۇ كۆپ دوستلۇققا موھتاج

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-03-30 12:44

     ئىران يېڭى يىلدا گۈزەل باھار پەسلىگە كىرىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دەل مۇشۇ پەيتتە ئويلىمىغان يەردىن توردا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىرانلىقلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى ھەم ئىران بىلەن ‹‹ئاكتىپ›› مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، سوۋۇپ كەتكىنىگە خېلى بولغان ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىگە ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

     ئوبامانىڭ بۇ دوستلۇقىدىن ئىرانلىقلار بىرئاز ئەندىشە قىلىشتى. ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى خامانەيى: ‹‹ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىران ئاممىسىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىراننى تېررورلۇقنى قوللايدۇ ۋە يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، دەپ داۋاملىق ئەيىبلەۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىدە قانداقمۇ ئۆزگىرىش بولدى، دېگىلى بولسۇن؟›› دېگەن سوئالنى قويدى، بۇ ئىران رەھبەرلىرىنىڭ ئوباما سۇنغان ‹‹زەيتۇن شېخى›› غا يەنىلا ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىپ، ئامېرىكىنى ھەرىكەتتە ‹‹ھەقىقىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش››قا ئۈندەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     ئېرىمەس توڭ بىر كۈندە شەكىللەنگەن ئەمەس. 30 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ئىران زادى چىقىشالماي كەلدى، تارىخىي ئاداۋەت ۋە ئەمەلىي زىددىيەت مۇرەككەپ بولغاچقا، يارىشىش تەسكە توختاۋاتىدۇ. ئوباما ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئىرانغا ئاندا – مۇندا دوستلۇقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىدى. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئوباما ھۆكۈمىتى ئىرانغا قاراتقان جازالاش مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئىران ‹‹ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە داۋاملىق تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ››، دېدى. مۇشۇ مەنادىن ئېيتقاندا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى توڭنى ئېرىتىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ.

     ئامېرىكا – ئىران مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا، ئىراننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توسالغۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىراندا ھېلىھەم مۇنداق قاراشتىكىلەر مەۋجۇت: ئىران ئىلگىرى ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا ياردەم بەرگەن، ئامېرىكىنىڭ تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى ۋە كارزائى ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشىغىمۇ ھەسسە قوشقان، نەتىجىدە ئىران بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹رەزىللىك ئوق مەركىزى›› تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ھازىر ئىران روشەن ‹‹جاۋاب›› قا ئېرىشەلمىسە، ئامېرىكا بىلەن تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ ھەمكارلاشماسلىقى مۇمكىن.

     ئىران رەھبىرى ئوباما بىلەن سۆزلەشكەندە، ئامېرىكىنىڭ ‹‹خاتالىق›› ىنى تىلغا ئالدى. مەسىلەن: ئىراننى ئۆز ئالدىغا جازالاش، ئىران – ئىراق ئۇرۇشىدا سادام ھاكىمىيىتىنى قوللاش، 1988 – يىلى ئىراننىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش، ئىران ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكىتىنى قوللاش ۋە ئىراننى يادرو قورالىنى مەخپىي تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەش قاتارلىقلار. قارىماققا بۇ ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ تۈزىتىشى ياكى ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلىش تىزىملىكىدەك قىلىدۇ، بەلكىم بۇ ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەت جەھەتتە ‹‹ھەقىقىي ئۆزگەرتىش›› كىرگۈزۈشى زۆرۈر بولغان يېرى بولسا كېرەك.

     لېكىن، ئىران رەھبىرىنىڭ بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېيتقىنىدەك ئامېرىكىنىڭ يېقىنلىشىش مۇددىئاسىنى كەسكىن رەت قىلغىنى يوق. خامانەيىنىڭ ‹‹سەن ئۆزگەرتسەڭ، مەنمۇ ئۆزگىرىمەن›› دېگەن سۆزىدىن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش يولىنى توسۇپ قويمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەد نىجادنىڭ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى مۇنداق دېدى: ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتسە، ئىران ھۆكۈمىتى ۋە ئىران خەلقىمۇ ‹‹قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرمىغان بولاتتى››.

 مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ

ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇش كېرەك

ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش — ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

ھىلارى كىلىنتون بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

« سەنلۇ» سۈت پاراشوگى دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

ھىلارى ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدى

ئوباما نېمە ئۈچۈن غەزەپلەندى؟

ياۋروپا ئىقتىسادىغا ‹‹سوغۇق تەگدى››


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号