باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-03-19 12:32

    گو شياۋيۈ

    28 – فېۋرال، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا، ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە تۈزۈملەر يەنىمۇ چىڭىتىلدى.

    يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

    ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئۈچ جەھەتتىن ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

    بىرىنچىسى، بۆلەكلەر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويغان تارماقلارنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. سەھىيە تارماقلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى بېكىتىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، يېمەكلىكنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش شەرتلىرى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى بېكىتىش، شۇنداقلا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر زور ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدۇ. سۈپەت تەكشۈرۈش، سودا – سانائەت، يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك ئوبوروتى، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. يېزا ئىگىلىكى تارماقلىرى، ئاساسلىقى، ‹‹يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ، يېمەكلىك قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى بېكىتىش، يېمەكلىك قىلىنىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشتا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىدۇ.

    ئىككىنچىسى، گوۋۇيۈەن بۆلەكلەر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاساسىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ، بۇ ئاپپارات يۇقىرى قاتلاملىق كېڭىشىش – ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

    ئۈچىنچىسى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ، رەھبەرلىك قىلىدۇ، تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە قوماندانلىق قىلىدۇ؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى سىناپ باھالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئەمىر – پەرمانلارنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇن بويىچە ئۆز قاىمىقىدىكى سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، سۈپەت تەكشۈرۈش، سودا – سانائەت ۋە يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىدۇ.

    بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ

    ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى تەكشۈرۈش – ئۆلچەش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە تارمىقى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى تەكشۈرۈش – ئۆلچەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە تارمىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ۋە تىببىي، يېزا ئىگىلىكى، يېمەكلىك، ئوزۇقلۇق ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش كومىتېتى قۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالايدۇ.
سەھىيە تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش نەتىجىسى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرىغا ئاساسەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋەپ – خەتىرىنىڭ ئىھتىماللىقى بار بولغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدا، ئاگاھلاندۇش سىگنالى بېرىپ، ئەھۋالنى ئېلان قىلىدۇ.

    يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى

    بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىمىزدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت يۈرۈشلەشكەن دۆلەت ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا مەجبۇرىلاش خاراكتېرى بار ئۆلچەملەرنىڭ تۈزۈلۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزۈش پرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان، ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى تۈزۈش پرىنسىپى بېكىتىلدى.

    ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى

    يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە ئىجازەت بېرىش، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىناۋىتى ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق تۈزۈملەر بەلگىلەنگەندىن سىرت، خەتەرلىك يېمەكلىكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە تىجارەتنى توختىتىش قاتارلىقلار بويىچە تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار تۈزۈملەر بەلگىلەندى.

    بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ئوبوروتى ۋە يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى ئىجازىتى تۈزۈمى. دۆلەت يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە ئىجازەت بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك ئوبوروتى، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قانۇن بويىچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى، يېمەكلىك ئوبوروتى ئىجازىتى ۋە يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى ئىجازىتى ئېلىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، تالون – كىنىشكا تەكشۈرۈش تۈزۈمى. يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار يېمەكلىك خام ئەشياسى، خۇرۇچى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋالغاندا مال تەمىنلىگۈچىنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى خام ماتېرىيال كىرگۈزگەندە تەكشۈرۈپ خاتىرىلەش تۈزۈمى، زاۋۇتتىن مال چىقارغاندا تەكشۈرۈپ خاتىرىلەش تۈزۈمى، مەشغۇلات جەريانىنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، كارخانىلارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغۇچى كارخانىلار ئۆز كارخانىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملارنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بىلىملىرى جەھەتتىن تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خادىملىرىنى سەپلەپ، ئىشلەپ چىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش خىزمتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇن بويىچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىشى كېرەك.

    تۆتىنچى، يېمەكلىكنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە تىجارەتنى توختىتىش تۈزۈمى. ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇنلار ئۆرنەك قىلىنىپ، خەتەرلىك يېمەكلىكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە تىجارەتنى توختىتىش تۈزۈمى قېلىپلاشتۇرۇلدى. يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقارغان يېمەكلىكنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىنى بايقىغان ھامان ئىشلەپچىقىرىشنى دەرھال توختىتىشى، بازارغا سېلىنغان يېمەكلىكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپ چىقارغۇچى – تىجارەتچىلەرگە ۋە ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ئۇقتۇرۇش قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىگە ئېلىشى كېرەك. يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن يېمەكلىكلەرنى قايتۇرۇپ كەلمىسە ھەم ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت تەكشۈرۈش، سودا – سانائەت، يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۇلارنى يېمەكلىكنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

    يېمەكلىك خۇرۇچى بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشى كېرەك

    ھازىر يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە خۇرۇچلارنى ئۆلچەملىك ئىشلەتمەسلىك، ھەتتا كەلسە – كەلمەس ئىشلىتىش ئەھۋالىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى كۆز تۇتۇلۇپ، ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ ئىسپاتلاش لازىملىقى بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىدىكى يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ تۈرى، ئىشلىتىلىش دائىرىسى ۋە ئىشلىتىش مىقدارى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىشى، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن باشقا خىمىيىلىك ياكى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلارنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

    ساغلاملىق بۇيۇملىرى قاتتىق نازارەت قىلىنىپ باشقۇرۇلىدۇ

    ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا، دۆلەت ئالاھىدە سالامەتلىك ئاسراش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارالغان يېمەكلىكلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش تارماقلىرى مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ ۋە تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە مۇنداق كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئالاھىدە سالامەتلىك ئاسراش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارالغان يېمەكلىكلەر ئادەم تېنىگە ئۆتكۈر، ياكى ئىككىلەمچى ئۆتكۈر ۋە ياكى سوزولما خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتمەسلىكى، ماركا ياكى چۈشەندۈرۈشىدە كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش رولىغا ئىگە دېگەندەك مەزمۇنلار يېزىلماسلىقى، ئۇنىڭغا يېزىلغان مەزمۇن چىن بولۇشى، ئىستېمال قىلىشقا باپ كېلىدىغان ياكى باپ كەلمەيدىغان كىشىلەر، يېمەكلىكنىڭ تەركىبى ياكى سىمۋوللۇق تەركىبى ۋە بۇلارنىڭ مىقدارى يېزىلىشى؛ مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى بىلەن تەركىبى ماركا ۋە چۈشەندۈرۈشىدىكى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

    يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

    ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بۇ جەھەتتە كونكرېت ۋە ئېنىق بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئاساسلىقى، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ جەھەتتىكى تۈزۈم بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ:

    بىرىنچى، دوكلات قىلىش تۈزۈمى. يېزا ئىگىلىكى، سۈپەت تەكشۈرۈش، سودا – سانائەت، يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنى بايقىسا ياكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىگە دائىر مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلسا، ئەھۋالنى دەرھال سەھىيە تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. سەھىيە تارماقلىرى مەلوماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى يوشۇرۇشىغا، يالغاندىن مەلۇم قىلىشىغا، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشىغا، مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

    ئىككىنچى، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمى. سەھىيە تارماقلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئاتلىنىشى ھەم تەدبىر قوللىنىپ ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشى كېرەك. زور يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دەرھال يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئورنى تەشكىللەپ، جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشۈرۈش تۈزۈمى. زور يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرى يۈز بەرگەندە، رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى دەرھال مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھادىسە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتكە ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دوكلاتىنى سۇنۇشى كېرەك.

    جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى

    يېمەكلىك ماتېرىيالىدىن باشقا ماتېرىيال بىلەن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ياكى يېمەكلىككە يېمەكلىك خۇرۇچىدىن باشقا خىمىيىلىك ماددىلارنى قوشۇش ۋە ياكى يىغىۋېلىنغان يېمەكلىكنى ماتېرىيال قىلىپ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، ئوزۇقلۇق تەركىبى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بوۋاقلار – بالىلار يېمەكلىكى ۋە باشقا ئالاھىدە كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئېغىر قىلمىشلار توغرىسىدىكى جىنايى ئىشلار، مەمۇرىي ۋە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى توغرىسىدا ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› نىڭ ئون نەچچە ماددىسىدا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلدى.
    ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى›› دا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى جەھەتتە، ھازىر ئېلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدىكى ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە زىيانغا تۆلەم بېرىش قارىشى بۇزۇپ تاشلىنىپ، جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ياكى شۇنداق يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقۇچىلاردىن ئىستېمالچىلار زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندىن سىرت، يەنە ئىشلەپ چىقارغۇچى ياكى ساتقۇچىدىن يېمەكلىك سوممىسىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەر تۆلەم پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈشكە، يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ئۇلار تۆلەيدىغان بەدەلنى ئېغىرلىتىشقا پايدىلىق.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇش كېرەك

ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش — ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

ھىلارى كىلىنتون بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

« سەنلۇ» سۈت پاراشوگى دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

ھىلارى ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدى

ئوباما نېمە ئۈچۈن غەزەپلەندى؟

ياۋروپا ئىقتىسادىغا ‹‹سوغۇق تەگدى››

خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号