ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىدا زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››ىنى قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: دۆلەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ئاپتونوم رايون بولغان شىنجاڭغا سالىدىغان مەبلەغ ۋە قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ. بىز بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چۈشەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى سىلىق، سىجىل، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك!
ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش جېڭى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك باشلاندى: ئون تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاندى؛ قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ؛ مىليونلىغان دېھقان – چارۋىچىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ‹‹ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش›› پائالىيىتى قاينام تاشقىنلىق بىلەن قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ...
90 مىليارد يۈەن مەبلەغ 170 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە سېلىنىدۇ، بۇ سېلىنمىنىڭ، تۈرنىڭ كۆپلۈكى، لىنىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش
120 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1768 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى ياسىلىدىغان لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2 – قوش لىنىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى باھالاش يىغىنى 13 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئارقىدىن تۈرلۈك ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىش باشلاپ، ئۈچ يىلدا تاماملاپ قاتناش باشلاش پىلانلاندى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يەنلياڭ ئىشنى چوڭ، تېز باشلاشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: بىر قاتار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويغان بىر قانچە قىيىن مەسىلە ھەل بولىدۇ.
دۆلەت ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزغا يەنە 3 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ بەرگەندىن سىرت، ئاپتونوم رايون 90 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 170 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىشلەتمەكچى، بۇنىڭ ئىچىدە 26 تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پولات ئىمىنوۋ 9 – مارت تولۇق ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: قاتناش — ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىكى ئالدىنقى ۋەزىپە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن 6 مىليارد 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 37 تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن كۆپىيىدىغان ئومۇمىي مۇساپە 3928 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. باھار كىرىشى بىلەن بەزى تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، ھازىر يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر ئورتاق غەيرەتكە كېلىپ، 4 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان داۋاملاشتۇرۇلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان يېڭى قۇرۇلۇش تۈرىدە تېزدىن ئىش باشلىماقچى.
يېقىندا كۈيتۈڭ – بېيتۈن تۆمۈريولى قارامايغا تۇتاشتۇرۇلدى. ئۈرۈمچى – جىڭ قوشۇمچە لىنىيىسى قاتارلىق تۆت تۆمۈريول بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتىدۇ؛ قەشقەر – خوتەن تۆمۈريولى قاتارلىق ئالتە تۆمۈريولدا قۇرۇلۇش تېزلىتىلىدۇ؛ كورلا – گېئېرمۇ، جۇڭگو – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق ئالتە تۆمۈريول لىنىيىسىدە ئىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. بىر قانچە 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئۈچ چوڭ ئويمانلىققا سېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى تېپىلىدۇ. 2 –ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى غەربىي شىمال شۆبە شىركىتى بۇ يىل 10 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى 600 مىڭ توننا كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
‹‹غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش›› ئىستراتېگىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرچىلىك تەرەققىياتى بىردىنلا باش كۆتۈردى. پىچاننىڭ ئۈچ يىلغىچە 100 مىليون توننا كۆمۈر قازالايدىغان بولۇش، بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 10 مىليون توننىغا يەتكۈزۈپ، 1 مىليارد يۈەن كىرىم قىلىشتەك كۆمۈرچىلىك تەرەققىيات نىشانى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.
— 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتر تورى تۈرى 26 – فېۋرال مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى. بۇ يىل ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىغا 11 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشى تارىخىدا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان بىر يىل!،– دېدى، شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور سۇ شېڭشىن پەخىرلەنگەن ھالدا.
تارىم دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈر مەبلىغى 2010 – يىلنىڭ ئاخىرى تولۇق ئەمەلىيلىشىدۇ، بۇ يىل مەركەز مالىيىسىدىن 900 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، شىنجاڭدىكى 149 خەتەرلىك سۇ ئامبىرىنى مۇستەھكەملەشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ مەركەز مالىيىسى سېلىنمىنى يەنە كۆپەيتىپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مىليونلىغان دېھقان – چارۋىچىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا، سۇچىلىق مىنىستىرى چېن لېي 5 – مارت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، شىنجاڭلىق ۋەكىللەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، ئۈرۈمچى شەھەر قۇرۇلۇشى، قىزىل ساياھەت مەنزىرىلىك رايونى قۇرۇلۇشى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ
قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆستەڭبويى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق قۇربانجان زۇنۇن 26 – فېۋرال تاڭ يورۇماستىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆي كۆچۈشكە تەييارلاندى. ئۇنىڭ ھازىر ئولتۇرۇۋاتقان 18 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيى چوڭ دادىسىدىن قالغان بولۇپ، بىر قانچە ئون يىللىق تارىخقا ئىگە بولغاچقا، خېلىلا كونىرىغان ئىدى. بۈگۈن ئۇ مەھەللىدىكى 150 ئائىلىلىك قوشنىسى بىلەن قەشقەر ‹‹بەخت مەھەللىسى››دىكى يېڭى بىنا ئۆيگە كۆچتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ، قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى. بۇ تۈرگە دۆلەت 2 مىليارد يۈەن، ئاپتونوم رايون 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۇ قۇرۇلۇشنى بەش يىلدا تاماملاپ، 51 مىڭ ئائىلىلىكنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى پىلانلىدى.
ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىنىڭ شىمالىي رايونىدا ئۆي – زېمىن كەسپى ۋە ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئازادە سىياسىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئۆي – زېمىن كارخانىلىرىنى تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، شىمالىي رايوننى يېڭىچە سانائەتلىشىشكە مۇلازىمەت قىلىدىغان گۈللەنگەن شەھەر رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدى. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 15 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر يولى، باغ – ئورمانلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش، مۇھىت ئاسراش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىدىكەن، دېگەن بىر خۇش خەۋەر مەركىزىي شەھەر ئاھالىلىرىنى خۇش قىلىۋەتتى. كەسىپ ئىگىلىرى مۇنداق دېدى: بۇ مەبلەغ ئۆتكەن ئون يىلدا مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغكە باراۋەر.
ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەنزىرىلىك ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، قارلىق تاغ، قۇملۇق، مۇزلۇق، فىلولوگىيە قاتارلىق خاس ساياھەت تۈرلىرىدىن باشقا، قىزىل ساياھەت مەنزىرىلىك رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۆتۈرۈپ كۆلەملەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى.
ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، موتسىكلىتنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، ھەممە يېزا، كەنتتە بازار بولۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەر 3 مىليون دېھقان – چارۋىچىنى مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى بازارلارنىڭ ئىستېمالىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ
دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 1 – مارتتىن باشلاپ، دېھقان – چارۋىچىلار تىزىملىك دائىرىسىدىكى رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ(توڭلىتىش ساندۇقى)، يان تېلېفون، كىرئالغۇ، موتسىكلىت، سۇ ئىسسىتقۇدىن ئىبارەت ئالتە خىل ئائىلە ئېلېكتر سايمىنىنى سېتىۋالسا، باھادا %13 تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 مىليون 950 مىڭ دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ ھەر يىلى ‹‹ئائىلە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش›› دائىرىسىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلغان ئوتتۇرىچە چىقىمىنى 500 يۈەندىن ھېسابلىغاندىمۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە تىجارەت سوممىسى ھەر يىلى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دۆلەتنىڭ 200 مىليون يۈەنگە يېقىن تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.
مەركەز بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزغا بەرگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالغانلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇلى 2008 – يىلى 2 – ئايدىكى 200 مىليون يۈەندىن 500 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىلدى؛ بۇ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن 70 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا – ئۈسكۈنىلىرى كۆپىيىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 40 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ.
‹‹2009 – يىللىق شىنجاڭنىڭ تولۇقلىما بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكى›› يېقىندا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاندى، بۇ تىزىملىك 11 چوڭ تۈر، 36 كىچىك تۈر، 1836 مەھسۇلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹مەھسۇلات تىزىملىكى›› جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىغا چۈشۈرۈلدى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇچۇر تورىدا جەمئىيەتكە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسى ئېلىش ئۈچۈن تىزىملىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.