باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ھىلارى كىلىنتون بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-02-23 10:26

      ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون 20 – فېۋرال كەچتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ ، جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى . جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى ليۇ جيې كۈتۈۋېلىشقا چىقتى . جۇڭگو ھىلارىنىڭ بۇ قېتىم ئاسىيادا قىلغان زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ھېسابلىنىدىكەن .

    

جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ھىلارىغا گۈل سوۋغا قىلماقتا  

     ھىلارى كىلنتون جۇڭگوغا يات ئەمەس ، ئۇ 1995 – يىلى ئۆمەك باشلاپ جۇڭگوغا كېلىپ ، 4 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاياللار يىغىنىغا قاتناشقان ، 1998 – يىلى ، ئامېرىكىنىڭ 1 – خانىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتونغا ھەمراھ بولۇپ ، جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن .

    ھىلارى كىلىنتون ئايرودرومدىن ئۇدۇل بۇلتۇر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇش چۈشكەن مېھماساراي — ۋېسدىڭ مېھمانسارىيىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى . مېھمانساراينىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئۇنىڭ بۇ مېھمانسارايغا چۈشۈشى ئادەتتىكى مېھمانلارغا ئوخشاش بولۇپ ، مېھمانساراي بۇ مەزگىلدە ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدىكەن .

    ھىلارى 21 – فېۋرال ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ ، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى دەي بىڭگولار بىلەن كۆرۈشتى ، يەنە جۇڭگو دىپلوماتىيە  مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇ 22 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، بېيجىڭ خەيدىيەن چىركاۋىغا بېرىپ ، ئىبادەت قىلدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى خادىملار ۋە جۇڭگونىڭ ئاياللار ساھەسىدىكى ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشتى .

    ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ھىلارى كىلىنتون بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسى ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ، ئېنېرگىيە قاتارلىق مەسىلىلەر ۋە بۇش زۇڭتۇڭ ۋاقتىدىكى جۇڭگو – ئامېرىكا ئىستىراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت رامكىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن .

 مەنبە: شىنخۇا تورى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

« سەنلۇ» سۈت پاراشوگى دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

ھىلارى ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدى

ئوباما نېمە ئۈچۈن غەزەپلەندى؟

ياۋروپا ئىقتىسادىغا ‹‹سوغۇق تەگدى››

خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

ۋېن جياباۋ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تارىختىكى ئاداۋەتلىرى

روسىيە – ئۇكرائىنا تالاش تارتىشىدا كونا مەسىلىگە يېڭى ئاۋارىچىلىق


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号