باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2009-02-09 12:39

       قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى ياخشى ئېلىپ بارايلى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – فېۋرال تېلېگراممىسى. بۇلتۇر قىش كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۈزلۈك بۇغداي كۆپ تېرىلىدىغان رايونلىرىدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولدى، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى داۋاملىق ئېغىرلاشماقتا، يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاز كۆرۈلگەن ئىنتايىن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ھازىرقى قۇرغاقچىلىقنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بارلىق كۈچنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تۈرلۈك قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچەپ تاقابىل تۇرۇشنى؛ قۇرغاقچىلىق ئېغىر رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، قۇرغاقچىلىق بولغان رايونلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىغا ياردەم بېرىپ، يازلىق ئاشلىق، شۇنداقلا پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ يىل ئىقتىسادنى داۋاملىق سىلىق، تېزرەك ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشنى تەلەپ قىلدى.

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇي لياڭيۈنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5 – فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس يىغىنى ئېچىلىپ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تەستىقىي يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھازىرقى قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى، مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىندى، يېزا ئىگىلىكىدە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ مايسىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خۇي لياڭيۈ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلار، بولۇپمۇ ئاپەت بولغان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ھازىرقى قۇرغاقچىلىقنىڭ خەۋىپى ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوقۇم ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئىلگىرى سۈرۈش، مول ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈشنى ھازىرقى يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار خىزمىتىدىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە؛ مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئۇلنى مۇستەھكەملەش، خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىر؛ ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسىي خىزمەت قىلىپ، باش باھاردىن كېيىنكى بۇغداي مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە ھوسۇلغا ئاساس سېلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، تېزدىن قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەركەز قىلىنغان ئەتىيازلىق پەرۋىشى دولقۇنىنى قوزغاپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن ئازايتىپ، يازلىق ئاشلىق، ياغلىق داندىن مول ھوسۇل ئېلىش، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىنى تەلەپ قىلدى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھىلارى كىلىنتون بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

« سەنلۇ» سۈت پاراشوگى دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى

ھىلارى ياپونىيىدە زىيارەتتە بولدى

ئوباما نېمە ئۈچۈن غەزەپلەندى؟

ياۋروپا ئىقتىسادىغا ‹‹سوغۇق تەگدى››

خۇجىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى كېچياڭلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

ۋېن جياباۋ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى

پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تارىختىكى ئاداۋەتلىرى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号