
ۋېن جياباۋ مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى تەكشۈرمەكتە
شىنخۇا تورى جېڭجۇ 8 – فېۋرال تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 7 – فېۋرالدىن 8 – فېۋرالغىچە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى . ئۇ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى : نۆۋەتتىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ، تېز ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ھەل قىلغۇچ پەيتتە ، ئاشلىقنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ ، ئەھمىيىتى زور . قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىمۇ مۇناسىۋەتلىك . قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان رايونلار قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ مۇھىمىنىڭ مۇھىمى قىلىپ ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ھەر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك .
قىش كىرگەندىن بۇيان ، مەملىكىتىمىزدىكى ئون نەچچە ئۆلكە (رايون ، شەھەر)دە ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ ، شىمالدىكى كۈزگى بۇغداي تېرىلىدىغان رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەممىدىن ئېغىر بولدى . پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ ، جىددى ھالدا ، 400 مىليون يۈەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش تولۇقلىما خىراجى ئاجرىتىپ ، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى ۋە ئاشلىق بىۋاستە تولۇقلىمىسى مەبلىغىدىن 86 مىليارد 700 مىليون يۈەننى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقاتتى . بۇ يىل دۆلەت يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تولۇقلىمىسى ئۈچۈن 10 مىليارد يۈەن ئاجراتقان .
خېنەن مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون بولۇپ ، بۇغداينىڭ مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكىتىمىز بۇغداي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ . بۇ يەردە 110 كۈندىن بۇيان ھېچقانداق ھۆل يېغىن ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولغاچقا ، 50 مىليون مو يەردىكى بۇغداي قۇرغاقچلىققا ئۇچرىغان .