-
تورنى ئارلاۋىتىپ يەنە بىر قىسىم رەسىملەر ئالدىدا توختاپ قالدىم . تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە ئىلىپ كەلدىم .
1.بەلكىم بۇ مەكتەپ بولسا كىرەك . قار ئۇچقۇنداپ تۇرۇپتۇ . ئەمما كىيىملىرى ئانچە قېلىن بولمىغان بۇ بالىلار كۈلۈپ تۇرۇپتۇ . بەلكىم سۈرەتكە چىرايلىق چۈشەرمىز دەپ كۈلگەندۇ ؟ بەلكىم.....
2. بۇ ئىككى كىچىك بالىغا قاراڭلا ، چىرايىنىدىن نىمىنى بايقىدىڭلار؟
3. كىچىك چاغلىرىمدا مەنمۇ شۇلاردەك ئاغىنىلىرىم بىلەن مەكتەپكە ماڭغان ، ئەمما مەن چوڭ يۇلدا ماڭغان ، تىخى كوچا چىراقلىرى بار ئىدى.
4. بۇ كۈنلەرگە تىخى بالدۇر ئىدى . دۈمبىڭىزدە كىچىك ئىنىڭىز ئەمەس بەلكى چىرايلىق بوقچىڭىز بولسا بولاتتى.
5. يۈزىڭىزدە كۈلكە ، دۆمبىڭىزدە ئوتۇن ،
6. قولىڭىزدىكى مىۋىنى سېتىۋالمىدىڭىز ، بەلكى سىز مىۋە ساتىسىز ، يانچۇقۇمدا قانچە پۇل بولسا شۇنچە پۇلنى سىزگە تۇتقۇزۇپ مىۋىلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى مەن سىتىۋالدىم دىگۈم كەلدى.
7. قۇلۇڭ مۇزلىدىمۇ ئۇكام ، ھەرنىمە بولسا كاۋاپ ئوتتا پىشىدىكەن ، بولمىسا نەدە ئىسسېنا بولغۇيتىڭ؟
8. يىراقتا تىزلىنىپ ئىشلەۋاتقان كىشى دادىڭىز يا ئانىڭىزدۇ ؟ تارىخ تەكرارلانمىسۇن .
9. مىنىڭ ياتقان بۆشۈگۈم شۇنداق چىرايلىق ئىدى . سىزنىڭمۇ ھەم شۇنداقتۇ ، ئەمما .........
بۇ رەسىملەرنى ئالدىنقى قىتىم بىر تىمامدا يۇللىغان ئىدىم . بۇ تىمغا قېتىپ قويسام تىخمۇ كۆپ كىشلەر كۆرەلەيدۇ دەپ ئويلاپ بۇ يەرگە ئۇلاپ قويدۇم.
10. مانا بىز قولىمىزنى ئىسسىق يانچۇقىمىزغا سىلىپ ئاياق مايلىتىمىز ، لىكىن سەن مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىڭ بىلەن ئاياق مايلايسەن.
11. ساتقان يىپ-يىڭنە ، سەرەڭگىلىرىڭ بىلەن ئوقوش ئۈچۈن كىتاب ئالىسەن شۇنداقمۇ؟ ياق بەلكىم سەن ئاتا-ئاناڭغا ھەمدەم بولوپ ئۆي باقىسەن.
12. جىنىم ئۇكام داداڭ سەن بىسىپ ئولتۇرغان ياغاچلارغا خېرىدار ئىزدەپ كەتتىمۇ؟
مەن ئۇيغۇر ، سەنمۇ ئۇيغۇر ، قارا ئاۋۇ ئىچىلىپ كۈلىۋاتقانلارمۇ ئۇيغۇر ، يەنە قارا ئاۋۇ ئالدىغا پارچە لاتا قويۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانمۇ ئۇيغۇر . <بالىلقىم كەلسەڭچۇ يىنىپ> دەپ بىرسى ناخشا ئىتقان ئىدى . ئەگەر يۇقىرقىدەك بولسا مەن قارشى مۇقام توۋلاي . چىرايىغا كۈلگە يۇگىرتىپ ياشاۋاتقانلار ، شۇ كۈلكىگە زار بولوپ ياشاۋاتقانلار ...... بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر ، مانا مۇشۇ سۆز بىلەن ئۆزۈمنى ئالداپ تۇراي ،،
مەنبەسى مانا بۇ يەردە随机文章:
[ﺭﻩﺳﯩﻢ]ئەڭ داڭلىق 10 تاپانچا 2009-04-11دۇنياغا داڭلىق خىيالىي رەسىملەر 2009-02-12تارىختىكى ئەڭ قورقىنۇشلۇق جازا قوراللىرى 2008-12-20تارىخىي مىنۇتلاردا... 2008-12-16
收藏到:Del.icio.us