باش تاختا(dash) ئارقىلىق پروگراممىلارنى، ھۆججەتلەرنى، مۇزىكىلارنى ۋە باشقىلارنى تېپىش
تاختا نى ئىشلىتىش ئارقىلىق، پىروگرامما، ھۆججەت ۋە نەغمىلەرنى ئىزدىگىلى، يېقىندا ئىشلەتكەن تۈرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. سىز بىرەر ئېلېكترونلۇق جەدۋەل(spreadsheet) ئىشلەپ ياكى بىرەر سۈرەتنى تەھرىرلەپ ئۇنى قەيەرگە ساقلىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، Dash نىڭ مۇشۇ خىل ئىقتىدارىنىڭ پايدىلىنىپ ئۇنى تېزلا تاپالايسىز.
باش تاختا نىڭ ئىچىدە ئىزدەش بالدىقى، پروگرامما ۋە ھۆججەت تېزلەتمىلىرى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان پروگراممىلارنىڭ ئىجراچىلىرى بار(توركۆرگۈ، ئەخلەت پروگراممىسى قاتارلىقلار).
باش تاختا نى ئېچىش ئۈچۈن، ئېكراننىڭ ئۇستى-سول تەرىپىدىكى ئۇبۇنتۇنىڭ تۇغىنى چېكىسىز ياكى Super كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. باش تاختا نى يوشۇرۇش ئۈچۈن Esc باسسىڭىز بولىدۇ.
ئىزدەش بالدىقىنى ئىشلىتىپ پروگراممىلارنى ۋە ھۆججەتلەرنى تېپىش
ئىزدەش بالدىقى ئورتاق ئىزدەش بالدىقىدۇر، بۇ دېگەنلىك بۇ ئارقىلىق پروگراممىلارنى ۋە شۇنداقلا ھۆججەتلەرنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي، باش تاختىنى ئېچىپلا، كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك پروگرامما ۋە ھۆججەتلەرنىڭ ئاتى ۋە سىنبەلگىسى، سىز كۇنۇپكىنى باسقان ھامان كۆرۈنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك پروگرامما بىر قۇردا، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر ئىككىنچى قۇردا كۆرۈنىدۇ. ئەگەر ماس كېلىدىغان پروگرامما تېپىلماي قالسا، پەقەتلا ھۆججەت تىزىمى كۆرۈنىدۇ. ئوخشاشلا، ماس كېلىدىغان ھۆججەت تېپىلمىسا، پەقەتلا پروگرامما تىزىمى كۆرۈنىدۇ.
سىز ئىجرا قىلماقچى بولغان پروگرامما، ياكى ئاچماقچى بولغان ھۆججەت كۆرۈنسە، چاشقىنەك بىلەن چەكسىڭىزلا بولىدۇ. يەنە Enter كۇنۇپكىسى بېسىلسا، تىزىمدىكى تۇنجى تۈر باشلىنىدۇ(ئىجرا بولىدۇ ياكى ئېچىلىدۇ).
ئادەتتە، باش تاختا ناس كەلگەن بىر قۇر پروگرامما ياكى ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەخمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى كۆرۈش نى چەكسە بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار
- ئىجراچىدا كۆرسىتىلىدىغان پروگراممىنى ئۆزگەرتىش — ئىجراچىغا كۆپ ئىشلىتىدىغان پروگراممىلارنى قوشۇش، يۆتكەش ياكى چىقىرىۋېتىش.
پروگرامما ۋە ھۆججەت تېزلەتمىلىرى
ئېكراندىكى باش تاختانىڭ ئەڭ ئاستىدىكى قۇردىكى توپچىلارنى چېكىپ، ئەينەكلەر نى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
ئەڭ ئاستىدىكى قۇردىكى ئىككىنچى سىنبەلگە چېكىلسە، پروگراممىلار دېگەن ئەينەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردە سىز كۆپ ئىشلىتىدىغان، سىز ئورناتقان پروگراممىلار، ۋە شۇنداقلا «ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى» دىن ئورناتقان قوشۇمچە پروگراممىلار بار.
ئەڭ ئاستىدىكى قۇردىكى پۈتۈك سىنبەلگىسىنى چەكسىڭىز، سىز يېقىندا ئىشلەتكەن ھۆججەتلەر تىزىمى، چۈشۈرۈلمىلەر قىسقۇچىدىكى ھۆججەتلەر تىزىمى ۋە خەتكۈچلەنگەن قىسقۇچلار تىزىمى كۆرۈنىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى ئىككى كۆرۈنۈشتە يەرلىك ۋە توردىكى نەغمە ۋە سىننى كۆرسىتىدۇ.
ئەڭ ئاستىنقى قۇردىكى ماكان توپچىسىنى چەكسىڭىز، باش تاختىنىڭ باش كۆرۈنۈشىگە قايتالايسىز.
More Information
- ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى — ئۇبۇنتۇ ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى