ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > سۈرەتلىك دەرسلىكلەر > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن، يەنە نېمىلەرنى قىلىمەن (1)
ئېلان قىلىنغىلى626 كۈن بولدى / سۈرەتلىك دەرسلىكلەر / 56 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 4,548+


ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن، يەنە نېمىلەرنى قىلىمەن (1)

بىلوگدىكى بەزى سوئاللارنىڭ تەكرار سورىلىشىنى كۆرۈپ ‹‹ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن، يەنە نېمىلەرنى قىلىمەن›› ناملىق سۈرەتلىك دەرسلىكنى ئىشلەشنى پىلانلىدىم، ھەمدە بىرىنچى قىسمىنى ئىشلەپ تۈگەتتىم. مىنىڭ كەسپىم ئوقۇتقۇچىلىق بولمىغاچقا، ھەمدە ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىرەر قېتىم دەرس سۆزلەپ باقمىغاچقا، بۇ 20 مىنۇتلۇق دەرسلىكنى يامان تەستە ئىشلەپ پۈتتۈردۈم. شۇڭا نۇرغۇن نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس.
مەن ‹‹ئۇبۇنتۇنى يېڭى قاچىلىغاندىن كىيىن، يەنە نېمىلەرنى قىلىمەن›› ناملىق سۈرەتلىك دەرسلىكنى جەمئىي يەتتە قىسىم ئىشلىمەكچى. ئاساسلىقى ئۇبۇنتۇ يېڭى قاچىلاپ نېمە قىلىشىنى بىلەي قېلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئىشلىدىم. چۈنكى مەنمۇ نەچچە يىل بۇرۇن ئۇبۇنتۇ 8.04 نى تۇنجى قاچىلاپ ئىككى ھەپتە ئېتىشىپ ئاران ئۇنى مەكتەپ تورىغا ئۇلىغان. شۇڭا دەرسلىكتىكى بەزى بۇيرۇقلارنىڭ رولى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالمىدىم. بۇيرۇقلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئامان بولسام ئايرىم دەرسلىك ئىشلەيمەن. دەرسلىكنى كۆرگەن ۋاقىتتا جىق ئويلاپ ئولتۇرماي ماڭا ئەگىشىپ قىلساڭلارلا بولدى. ئۇبۇنتۇنى ئازراق ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كىيىن، ئۈستەل مەشغۇلاتىغا خىلى پىشىپ قالغاندا Shell بۇيرۇقلىرىنى ئىشلىتىلىشىنى ئۆگەنسە ئۈنۈمى ياخشى دەپ ئويلايمەن.
يەتتە قىسىم دەرسلىكنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
1.تورغا ئۇلاش، يۇمتال تىزىملىكىنى يېڭىلاش،بولاقلارنى يېڭىلاش، قوزغاتقۇچ قاچىلاش، خەت نۇسخىسى قاچىلاش.
2.Ibus ئىشلىتىش، تىل بولىقى قاچىلاش،GB ئۆلچىمىدىكى خەنچىنىڭ قالايمىقان كود بولۇپ كۆرۈنۈشىنى ھەل قىلىش، قويغۇچلارنى Mp3,avi,rm… قۇيىدىغان قىلىش.
3.CompizConfig نى (ئۈستەل ئالاھىدە ئۈنۈمىنى ئېچىشتا ئىشلىتىدىغان يۇمتال) قاچىلاش ئىشلىتىش.
4.Cairo-Dock قاچىلاش ئىشلىتىش.
5.Ailurus, Ubuntu-Tweal (سىستېما ئەلالاشتۇرغۇچ) قاچىلاش ئىشلىتىش.
6.Vi/Vim تەھرىرلىگۈچىسىنى ئىشلىتىش (Gcc دا c تىلى يېزىشنىمۇ ئاددىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەن).
7.يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر موھتاج بولىدىغان بىر قانچە دېتال تونۇشتۇرۇش.
مەنمۇ ئامېرىكىنىڭ چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى دوراپ، بىرىنچى قىسمىنى ئېلان قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى، ئېھتىياجىغا ئاساسەن قالغان قىسىملىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ پۈتتۈرمەكچى. شۇڭا قانداق پىكىر تەلەپلەر بولسا مۇشۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلار.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 56 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 17 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 5 پارچە. دەلىللەنگىنى: 34

  1. كارو : 2011-يىل 30-مارت15:14 جاۋاب

    دەرىسلىك ياخشى چىقىپتۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈنۋالدىم. تېخى بىرەر ماڭا يارىمىغان يەرنى تاپالمىدىم، تاپقان چاغدا ئىنكاس قايتۇراي

  2. نۇرتېكىن : 2011-يىل 30-مارت20:22 جاۋاب

    دەرىسلىكنى ناھايتى ياخشى ئىشلەپسىز جۇمۇ~ خۇددى كەسپىي دىكتورلاردەك سۆزلەپسىز~ نەچچە قېتىم كۈرۈپ چىقتىم،ھازىرغىچە بىرەر مەسىلە بايقىمىدىمغۇ~…. ھە راس… كىيىنكى قىسمنى قاچان يوللايسىز~ تىزرەك يوللىسىڭىز بۇلاتتى~ ( سەمىمى تەكلىپ: مۇمكىن بولسا دەرىسلىكىڭىزنى http://www.tudou.com غا يوللىغان بولسىڭىز يۇكۇ تورىغا يوللىغان دەرىسلىكنىڭ ئىنىقلىقى سەل تۈۋەن. http://www.tudou.com نىڭ ئىنىقلىقى خېلىلى ياخشى بۇلۇپمۇ دەرىسلىك يوللاشقا بەكلا ماس كىلىدۇ.. ) بۇ بىر تەكلىپ جۇمۇ~ ئەمىسە دەرىسلىكنىڭ داۋامىنى كۈتىمىز~ ئاللاھ غا ئامانات~

  3. شاھ ئۇيغۇر : 2011-يىل 31-مارت02:32 جاۋاب

    يامان ئەمەس ئىشلەپسىزغۇ، ئاز تولا بولسىمۇ بىرەر نەرسە بىلىۋالدىم ئۇبۇنتۇ توغرىسىدا

  4. دولقۇن741 : 2011-يىل 31-مارت22:53 جاۋاب

    مۇشۇ QQدىگەن لۈكچەكتىن ئايرىلالمايدىكەنمىز، خەنلەرنىڭ يازمىلىرى بۇيىچە ئۇبۇنتۇغا قاچىلغان بولساممۇ قوزغالمىدى،ئەمما قاچىلاندى. بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر توشتالغان بولسىڭىز

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 1-ئاپرېل20:30 جاۋاب

      سالام بۇرادەر:
      مەن qq بىلەن جىق ئېتىشىپ كەتتىم. ئۇبۇنتۇدا qq نىڭ ياخشى ئىشلىمەسلىكىنى ئۇبۇنتۇدىن ئەمەس، 腾讯 دىن كۆرۈش كېرەك. مىنىڭ تەۋىسيىرىم qq نىڭ ئەڭ مۇكەممەل لىنۇكس نۇسخىسى چىققۇچە (خۇدايىم بۇيرىسا چىقىپمۇ قالار) webQQ ئەڭ ياخشى، مۇشۇنى ئىشلىتىڭ، مەنمۇ شۇنى ئىشلىتىمەن. قالغانلىرىنىڭ ئۇشاق ئاۋارچىلىقى تولا.
      http://web2.qq.com/

      • دولقۇن731 : 2011-يىل 3-ئاپرېل12:17 جاۋاب

        ھىم، ئۇغۇ شۇ. بېكىتىڭىزگە كۆزۈم چۈشىۋاتىدۇ…

  5. ئۇيغۇربەگ : 2011-يىل 4-ئاپرېل00:53 جاۋاب

    ئېنتوناتسىيىڭىز مەندىن ياخشىكەن جۇمۇ! :evil:

  6. ئەلتىكىن : 2011-يىل 4-ئاپرېل20:27 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مومكىن بولسا كومپىيوتىردا تور بەت لاھىىلەيىدىغان php,asp ئىجىرا مۇھىتى ھازىرلايدىغان دەرسلىك ئىشلەپ يوللاپ قويسىڭز بوپتىكەن ،مەن بىر ئاي بولغىلى تۇردى ھەپىلىشۋاتمەن لىكىن php,asp ئىجىرا مۇھىتىنى قۇرالمىدى،خەنزۇچە تور بەتلەردىنمۇ كۆپ ئىزدەندىم لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى نەشىرلىرنىڭ ئىجىرا مۇھىتى ئىكەن شۇڭا ھازىرقى نەشىرلىرگە ماس كەلمەمدۇ ،مەن قاچىلىيالمىدىم.

    • نۇرتېكىن : 2011-يىل 4-ئاپرېل21:30 جاۋاب

      php مۇھىتى قۇرۇش ئۈچۈن تۈۋەندىكى يازمىنى كۈرۈپ بېقىڭ~ مىنىڭچە بۇ يازمىنىڭ سىزگە چۇقۇم ياردىمى تىگىدۇ~ ئادرىسى : http://www.uyghurbeg.net/?p=1511 ئەگەر يەنە چۈشۈنەلمىسىڭىز مىنى ئىزدەڭ~ چ چ : 838808502 :idea:

  7. نۇرئەخمەت : 2011-يىل 29-ئاپرېل18:52 جاۋاب

    ئەمما دەھشەت ياخشى سۆزلەپ قويۇپسەن جۇمۇ

  8. ئامبال : 2011-يىل 3-ماي15:47 جاۋاب

    بۇ دەرسلىكلەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بارمۇ؟ ئەگەر بار بولغان بولسا ئىدى، بىر تەرەپتىن كۆرگەچ بىر تەرەپتىن تەجرىبە قىلساق ياخشى بولاتتى. مەكتەپنىڭ تورى بەك ناچار، سىزنىڭ بىلوگىڭىز ھەم بىلىك قاتارلىق مەن ئامراق تور بەتلەرگە چىقىش ئۈچۈن، تامدىن سەكرىمىسەم بولمايدۇ. ئۇبۇنتۇدا بىر ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قايتا ۋىندوۋزغا كىرىپ توردىن ئىزدەشنى ئاۋارىچىلىق كۆردۈم.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 3-ماي15:50 جاۋاب

      ئەسلىي تورغا يوللاي دېگەن. بىراق بۇ دەرسلىكنى ئەسلىي نۇسخىسى ناھايىتى سۈزۈك ھەم چوڭ بولغاچقا، مۇۋاپىق بوشلۇق تاپالمىدىم. كۆپۇنچە بوشلۇقلاردا بىر قېتىمدا يوللىغان ھۆججەت چوڭ كىچىكلىكىگە چەكلىمە قۇيۇلدىكەن. :mrgreen:

  9. ئۇچقۇن : 2011-يىل 11-ئاۋغۇست10:37 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، سىزنىڭ بۇ سۈرەتلىك دەرىسىڭىزدىكى ئىشلەتكىنىڭىز ئۇبۇنتۇ نىڭ قايسى نەشىرى؟ مەن قاچىلىغان 11.04 نۇسقىسى سىز ئىشلەتكىنىگە ئوخشىمايدىكەن، شۇڭا سۈرەتلىك فىلىمدىن پايدىلىنالمايۋاتىمەن. ئېغىر كۆرمەي ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 11-ئاۋغۇست10:45 جاۋاب

      ئىشلەتكىنىم ئۇبۇنتۇ 10.04، ئەگەر سىز ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقان بولسڭىز، كىرىش كۆزنىكىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن Ubuntu Calssic دېگەننى تاللاپ كىرسىڭىز دەرسلىكتىكىگە ئوخشايدۇ.
      loginoptions.png

  10. ئۇچقۇن : 2011-يىل 11-ئاۋغۇست10:51 جاۋاب

    مەن بىر يېڭى ھەۋەسكار بەختىيار ئەپەندىم، ئىنتايىن تىزلىكتە قايتۇرغان جاۋابىڭىز مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى، مىنىڭ ئۇبۇنتۇ نى قاچلىشىمدا مەسىلە بارمۇ ياكى بىلمىدىم، مەن ئۇبۇنتۇنى بايا قاچىلاپ بولدۇم، ئەمما ھازىرقى كۆزنەك سىز كىسىپ ئەۋەتكەن رەسىمدىكىگە ئوخشىمايدۇ، مەن سىزگە تەگلىكنى تۇتۇپ ئەۋەتەي كۆرۈپ بېقىڭ، قولايلىقراق بولۇشى ئۈچۈن چ چ دا ئاۋارە قىلايمۇ سىزنى؟

  11. شىرخان : 2011-يىل 27-سېنتەبىر16:36 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز.. مەن ئوۇنتۇنى مەۋھۇم كومپىيوتىرغا قاچىلىغان ئىدىم لېكىن پاقاتلا تورغا ئۇلىيالمىدىم … سىزنىڭ دەرىسلىكىڭىز بويىچە بۇيرۇق بەرسەم مەخپى نۇمۇر كىرگۈزۈڭ دەپ چىقىۋالدى. كومپىيوتىرنىڭ قاچىلىغاندىكى مەخپى نۇمۇرىنى كىرگۈزسەم خاتا دەپ تۇرىۋالدى.. ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 27-سېنتەبىر23:15 جاۋاب

      سىز قايسى خىل مەۋھۇم كومپيۇتېر ئىشلەتكەن؟ ئادەتتە Net تاللانغان بولسا، ئەسلى كوميۇتېر تورغا چىقسىلا مەۋھۇم كومپيۇتېرمۇ تورغا چىقالايدۇ. VM ئىشلەتكەن بولسىڭىز (桥接)يەنى Bridge تاللىسىڭىزمۇ ياخشى. ئاندىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ 本地连接 گە قاراپ بېقىڭ.
      ئۇبۇنتۇدا نۇرغۇن بۇيرۇقنى root ھالىتىدە يۈرگۈزىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ، يەنى بۇيرۇق ئالدىغا sudo نى قوشىمىز، بۇ ۋاقىتتا مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزسەك بىخەتەرلىك ئۈچۈن تېرمىنالدا ھىچنىمە كۆرۈنمەيدۇ. مەخپىي نۇمۇر كىرگۈزگەندىن كىيىن ئىككىلەنمەي Enter نى بېسىپ دەۋاملاشتۇرۇڭ.

  12. شىرخان : 2011-يىل 28-سېنتەبىر00:26 جاۋاب

    كەچۈرۈڭ سىزنى بەكلا ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.. خاپا بولماي چ چ نۇ مۇرۇڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.. چ چ ئارقىلىق سوراي دىگەنتىم .. شۇنچە تىرىشىپمۇ قىلالمىدىم.. بولمىسا مىنى
    قاچىلىۋالسىڭىز مۇ بولىدۇ… چ چ : 361232317

  13. شىرخان : 2011-يىل 28-سېنتەبىر00:28 جاۋاب

    ھەراس ماۋھۇم كومپىيوتىر قوزغالغاندا 更新服务器的证书错误。请检查你的网络设置或与你的系统管理员联系 مۇشۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ… مەن wm نى ئىشلەتكەنتىم

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 28-سېنتەبىر17:54 جاۋاب

      مەۋھۇم كوميۇتېر تور كارتىسىنى bridged(桥接)غا توغۇرلاپ، ip, dns,网关 نى بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ. مىنىڭ QQ رۇم 404011482

  14. 励志名言 : 2012-يىل 20-مارت10:34 جاۋاب

    一如既往的支持博主

  15. نۇر : 2012-يىل 14-ئىيۇن19:36 جاۋاب

    دەرىسلىك ياخشى چىقىپتۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈنۋالدىم،سىستېمىنىڭ بەزى يەرلىرى ھازىرقى ubuntu 12.04 بىلەن ئوخشىمايدىكەن ،شۇڭا مۇمكىن بولسا مۇشۇ سىتېمىنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ تۇرۇپ «ubuntu 12.04 نى قاچىلىغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىمەن» توغرىسىدا بىر يىڭى دەرسلىك تۈزۈپ قويغان بولسىڭىز،ماڭا ئوخشاش يېڭى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسانراق بولاتتى،ۋاقتىڭىز بولسا بۇنى ئويلىشىپ باقسىڭىز.

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×