بۇ بىلوگۇمنىڭ سۈيۈملۈك ئوۇقۇرمىنى ‹‹شەمشەر117›› ئۆزىنىڭ ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشتىكى ھەققىي تەسىراتى ئىكەن، كۆپچىلىككە سۇنۇپتۇ.
گەرچە ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئۇنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھېس قىلغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي.
ئۇبۇنتۇنى دەسلەپتە قىزىقىش يۇزىسىدىنلا قاچىلىدىم، بۇ سىستېمىغا نىسبەتەن ھېچقانداق تونۇشۇممۇ يوق ئىدى، قارىسام كۆرۈنمە يۈزى بەك پاكىز، سۈزۈك ئىكەن، بىر قاراشقىلا ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىكەن. ئۇبۇنتۇغاwindows قاچىلىغاندەك قوزغاتقۇچلىرىنى بىردىن بىر قاچىلاپ يۈرمەيدىكەنمىز، بۇ يېرى ماڭا بەك ياقتى بولمىسا(كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال ئەھۋالىغا ئاساسەن) …..
يەنە بۇ سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن ئىشلىتىلىشچان دېتاللار قاچىلاغلىق ئىكەن، مەسىلەن: openoffice, firefox دېگەندەك. Windows تىكىدەك ئۈزىمىز قول سېلىپ قاچىلاش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلدۇرىدىكەن، ئەمما QQ دېگەندەك بىز دائىم ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللىرى ئاز بولغاچقا، تازا دېگەندەك كۆنەلمەي، ئىشلىتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈۋەتتىم.
كىيىن يەنە ئۇبۇنتۇ تورىدىن ۋە باشقا توربېكەتلەردىن ئۇبۇنتۇغا ئائىت ئۇچۇرلارنى، ماتېرىياللارنى كۆرگەندىن كىيىن يەنە قايتا قىزىقىش پەيدا بولدى-دە، قايتا قاچىلاپ ئىشلەتتىم، بۇ قېتىم ئالغان تەسىراتىم شۇ بولدىكىwindows ئىشلەتكەندىكى ئىدىيىمىزنى ئۇبۇنتۇغا سۆرەپ كىرىۋالماسلىقىمىز كېرەككەن، بىرەر يۇمشاق دېتال قاچىلاشنىمۇ، ئۆچۈرۈشنىمۇ بۇيرۇق بىلەن تاماملايدىكەنمىز، بۇيرۇقنىڭ رولى مائۇسنىڭكىدىن چوڭكەن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن. ئەمما بۇيرۇقسىزمۇ خېلى جىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىكەن.
ماڭا ئەڭ ياققان يېرى، ئۇبۇنتۇغا ۋىرۇسخور قاچىلاش ھاجەتسىز، ھەم پۈتۈنلەي ھەقسىز. ھازىر دۆلىتىمىز ئوغرى نەشردىكى دېتاللارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، مېنىڭچە ئۇبۇنتۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىستىقبالى پارلاق دېيىشكە بولىدۇ.
مەنمۇ كۆچۈشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇنى ۋىندوۋىستىن ياخشىراق دەپ تونىدىم. بىراق ئىشنى نەدىن باشلايمەن؟ مۇشۇ ھەقتە كۆرسەتمە بەرسىڭىز، بىلوگدىكى يازما بەك كۆپ بولغاچقا ئوقۇپ بېشىم قېيىپ كەتتى
ئاۋۋال ۋۇبى بىلەن قاچىلاپ قوش سېستىما قىلىپ ئشلىتىپ كۆنۈپ تۇرغان مۇۋاپپىق. چۈنكى بىزنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلىرىمىز پۈتۈنلەي ۋىندوس ھالىتىدە قېلىپلىشىپ بولدى. شۇڭا ئۇبۇنتۇنىڭ ۋىندوۋسنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئېلىشىغا خېلى بىر ۋاقىت كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدا پۈتۈنلەي كۆچۈش مۇۋاپپىق ئەمەس ھەم مۇمكىن ئەمەس.
نۆل ھالەتتىن ئۆگىتىدىغان ئىلمىيرەك دەرسلىك كىتابچىلار ياكى سىن دەرسلىكلەر بىلەن تونۇشتۇرساق بولغۇدەك. سەمىمىي تەكلىپ ۋە پىكىرلەر. باشقا غەرىزىم يوق.
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى ئاۋارىچىلىلىق ھىس قىلغان بولسىڭىز ئۈرۈمچىدىكى كومپىيۇتىر شەھەرچىسىگە بېرىپ ئەڭ ئاستىدىكى قەۋەتتىن پىلاستىنكىسىنى ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. لىنۇئكىس ، ئۇبۇنتۇ ، ۋۇبەنتۇ دىسىڭىز بىلىدىغانلار يوقتەك قىلىدۇ . ئەمما خۇڭموزى (قىزىل قالپاق) دىسىڭىز ھەممىسى بىلىدىكەن .مەن بۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. توردىن چۈشۈرگىنىم بىلەن ئاساسەن ئوخشاشكەن . ئۇيۇنلار سەل كۆپكەن .ئۇيغۇرچە تىل تاللانمىسى يوقكەن ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى قاچىلىسا ئۆلچەملىك خەت يازغىلى بۇلىدىكەن ،يېڭىدىن ئۇچراشقان بولسىڭىزقاچىلاش جەريانىدا ماڭا ئوخشاش قاتتىق دىسكىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى يۈتتۈرۈپ يۈرمەڭ
«红帽子2012,redhat ,linux2012 »-توردىن ئىزدىسىڭىز
ۋىندوۋىستا تۇرۇپ ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغان دىسكىنى يۇيۇۋېتىشتىن دىققەت قىلىڭ
ئاخىرىدا بىر سۇئال ، مۇشۇ كۆزنەكتە ئىنكاس يازغاندا يېزىق شەكلىنى ئوڭدىن سولغا ياكى سولدىن ئوڭغا تەڭشىمەكچى بولساق قانداق قىلساق بۇلىدۇ؟