C تىلى بىرقەدەر كۆپ قوللىنىلىدىغان كومپيۇتېر تىلى بولۇپ تۆۋەندە ئۇبۇنتۇداGCC تەھرىرلىگۈچ ئارقىلىق C تىلى پروگراممىسى يېزىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۇبۇنتۇ ۋە C تىلى بىلەن يېڭى تونۇشقانلار چوقۇم كۆرۈڭلار.
gcc تەھرىرلىگۈچىسىنى قاچىلاش:
ياكى
GCC نىڭ نەشر ئۇچۇرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز.
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ھازىرقى مۇندەرىجىگە ئارقا بوغۇمى c. بولغان بىر ھۆججەت قۇرۇيمىز. مەن hello.c دەپ قۇرۇۋالدىم. ئاندىن gedit ئارقىلىق بۇ ھۆججەتنى ئېچىپ C تىلى پروگراممىسىنى يېزىپ ساقلايمىز.
#include
int main(int argc, char *argv[])
{
printf("Hello Ubuntu C World");
return 0;
}
پروگراممىنى ساقلاپ كۆزنەكنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، gcc دا تەھرىرلەيمىز. hello ئىجرا ھۆججىتىنىڭ ئىسمى خالىغانچە قويساق بولىدۇ.
ئەگەر خاتالىق كۆرۈلمىسە تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق يازغان C تىلى پروگراممىسىنى قوزغىتىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېكىتىڭىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن!
سىزدىن سورايدىغىنىم . بولسا مۇشۇubuntu دا پىراگىرامما تىللىردىن VB,C, java قاتارلىقلارنى قاچىلاپ ئىشلىتىشنىڭ سورەتلىك دەرسىنى چىقارغان بولسىڭىز. ubuntu نى ھەممىمىز ياقتۇرمىز ئەمما ئۇيغۇرچە دىتاللار، ۋە كىتاپ دىگەندەك نەرسىلەر نى ئېچىشقا ئامالسىزلىقتىن windows قا يۇزلىنىۋاتىمىز .
مەنمۇ بىكار چاغلىرىمدا vb دا ئنچە مۇنچە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قۇيمەن ، ئەمما بۇ ubuntu دا سېستىما يازىدىغان قۇراللارنى قاچىلاش بىر تەسكە چۇشتى دىسە
vb بولسا مېكروسوفت شىركىتى windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن ئاچقان تىل، ئۇبۇنتۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق تەھرىرلىگۈچى يوق. سىز قوش سىستېما قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدىغۇ؟
مەن ئادەتتە java ۋە c ئۈچۈن Eclipse ئىشلىتىمەن. ھازىر بىلوگغا ئاساسىي مەشغۇلاتلارنى كۆپرەك يېزىۋاتىمەن. مەخسىتىم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش. خۇدايىم بۇيرىسا سىز دىگەندەك دەرىسلىكنىمۇ ئىشلەرمەن.
بۇئارقىلىق C++ يىزىشقىمۇ بولامدۇ؟