ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > لىنۇكس يېڭىلىقلىرى > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 11.10 Beta1 تارقىتىلدى
ئېلان قىلىنغىلى463 كۈن بولدى / لىنۇكس يېڭىلىقلىرى / 37 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 2,596+

Canonical ناملىق بۇ نۇسخىسى ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ بىرىنچى سىناق نۇسخىسى بۈگۈن 9-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي تارقىتىلدى

ئىككىنچى سىناق نۇسخىسى 9-ئاينىڭ 22 -كۈنى تارقىتىلىدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي نۇسخىسى 10-ئاينىڭ 13 -كۈنى رەسمىي تارقىتىلىدۇ.

ئەگەر قاچىلاپ سىناپ باققۇچىلار بولسا سىناپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ،ياكى ماڭا ئوخشاش سەۋرچانلىق بىلەن رەسمىي نۇسخىسى چىقىشنى ساقلىساڭلارمۇ بولىدۇ.

بۇ نۇسخىسىدىكى يېڭىلىقلار تۆۋەندىكىدەك:

  • Linux Kernel 3.0.1  سىستېما يادروسى
  • GNOME 3.1.5  ئۈستەل  يۈزى
  • Deja Dup بېۋىن قورالى
  • Mozilla Firefox 7  تور كۆرگۈسى
  • Mozilla Thunderbird 7 ئېلخەت باشقۇرغۇچى
  • ئۇبۇنتۇ دېتاللار مەركىزى
  • LibreOffice 3.4.2   ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتاللىرى

قاچىلاپ سىناپ باققۇچىلار ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرېسى :Ubuntu 11.10 Beta 32, 64-bit

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 37 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 13 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 2 پارچە. دەلىللەنگىنى: 22

  1. مۇخلىس : 2011-يىل 9-سېنتەبىر20:48 جاۋاب

    ئۇستەل يۇزى رەسىمىنى بەكلەا ئۆزگەرتىۋىتىپتىغۇ !!!

  2. شىرىن بۇلاق : 2011-يىل 10-سېنتەبىر04:23 جاۋاب

    تور يۈزى ئالامەت سىلىق،پاكىزە چىقىپتۇ

  3. بەگتاش : 2011-يىل 10-سېنتەبىر15:04 جاۋاب

    ماۋۇ نۇسقىسىنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ سىنىغىلى بولارمۇ

    • ئۆمەر : 2011-يىل 10-سېنتەبىر17:00 جاۋاب

      لىنۇكىس نىڭ ھەر قانداق بىر نەشرىنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ سىناشقا ۋە شي بارماق دىسكىدا تۇرغۇزۇپ ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدۇ ، ھازىرقى نەشرىمۇ ئۇنىڭدىن سىرىت ئەمەس

  4. ئۆمەر : 2011-يىل 10-سېنتەبىر16:57 جاۋاب

    بۇ لىنۇكىشنىڭ يېڭلىنىشى بەك تىز بولۋاتامدۇ قانداق ؟ ئادەم ئەمدى بىرنى ئەپلەشتۈرۈپ بولغۇچە يەنە بىرسى چىققان

  5. قەيسەر : 2011-يىل 20-سېنتەبىر14:42 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئۇبۇنتۇنىڭ 11.04 نەشىرىدە تورغا چىقىش سۈرئىتى بەكلا ئاستا! مەن ۋىندوۋستا سىزنىڭ بۇ تور بېتىڭىزگە ناھايىتى تىزلا كىرىمەن.ئەمما ئۇبۇنتۇدا بولسا پەقەت كىرەلمەيمەن~ بۇنىڭغا dnsmasqتىن باشقا تور سۈرئىتىنى تىزلىتىشكە ئامال بارمىدۇ؟ (مەن dnsmasq نى سىناپ باقتىم.ئەمما ئۈنۈمى يوق)

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 20-سېنتەبىر23:08 جاۋاب

      ئەگەر ئىشلەتكىنىڭىز جوڭگو تېلىگىرافىنىڭ ياكى باشقا تېلگىرافنىڭ تورى بولسا dnsmasq نىڭ ھەقىقەتەن بەك رولى يوقكەن، مەن سىناپ باقتىم، بىراق مەكتەپ تورى بولسا خىلى تىزلەشتى.

      تور سۈرىتى ئاستا بولسا، بىرسى كوميۇتېر ئۈسكۈنىسىنىڭ، يەنە بىرسى مۇلازىمىتېرنىڭ ئىشى، بىراق سىز Windows دا شۇنداق نورمال چىقىدىغان تورسىڭىز، ئۈنداقتا سىزدە بۇ مەسىلىلەر يوق دېگەن گەپ. ئۇبۇنتۇ تورغا چىقالىغانلا بولسا قوزغاتقۇچتمۇ مەسىلە يوق.

      سىز، dnsmasq نى تەڭشىگەن چاغدا، ھەر قېتىم تورغا ئۇلىغاندا etc/resolv.conf/ ھۆججىتنى ئىچىدىكى سىز يازغان يەرلىك DNS سى يەنى 127.0.0.1 قاپلىنىڭ كەتكەن كەتمىگەنلىكىگە دېققەت قىلىڭ. ئەگەر تورغا ھەرقىتىم ئۇلىغاندا 127.0.0.1 ئادرىس، dhcp ئارقىلىق باشقا ئادرىسقا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولسا dnsmasq رولى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا ئالاھىدە ھوقۇق i قوشۇپ قويۇڭ (شۇنداق بولسا خەت يېزىڭ، مەن قانداق قوشىدىغانلىقىنى دەپ بېرەي)

      ئاندىن sudo /etc/init.d/dnsmasq status بۇيرۇقى بىلەن قاراپ بېقىڭ، ئاستىدا (running) دەپ كۆرۈندىمۇ؟

  6. قەيسەر : 2011-يىل 22-سېنتەبىر00:17 جاۋاب

    مەن etc/resolv.conf/ بۇ ھۆججەتنى ئادەتتىكى ئابونت نامىدا ئاچسام ئىچىدە ھىچنىمە يوق،ئەمما root ھالەتتە كىرىپ ئاچسام 127.0.0.1 بۇ ئادرىس بار ئىكەن،ئەپسۇس تورغا چىقىش سۈرئىتى ئوخشاش،تىزلەشكەندەك ئەمەس.
    ئاۋۇ running دەپ كۆرۈندى… :???:

    • Bakhtiyar : 2011-يىل 22-سېنتەبىر10:27 جاۋاب

      ئەمىسە ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ كۆرۈڭ، مەن ئۇبۇنتۇنىڭ تورسۇرىتىنى تىزلىتىشتە dnsmasq دىن باشقىنى بىلمەيدىكەنمەن.
      سىز قايسى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تورغا چىقىسز؟

  7. قەيسەر : 2011-يىل 22-سېنتەبىر15:13 جاۋاب

    بىر تال يانتۇ سىزىق بەلگىسى سەۋەبىدىن etc/resolv.conf/ كۆرۈنمەپتىكەن.127.0.0.1 بۇ ئادرىس كۆرۈندى…
    ئەمما ۋىندوۋستەك تىز ئەمەس… بوپتىلا باشقا ئامالنى مەن google لاپ باقاي…
    رەھمەت! :oops:

  8. weyrani : 2011-يىل 18-ئۆكتەبىر22:31 جاۋاب

    مەن ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچنى قوشالمىدىم..ياردەم قىلسىڭىز..

  9. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 19-ئۆكتەبىر04:28 جاۋاب

    ئاتامانلا 11.10 نىڭ سېستىما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلغان ئىدىم، ئەمدى ئاۋارچىلىققا يولۇقتۇم فونتنى نەرىدىن توغۇرلايمەن بۇنىڭ.

  10. ئابدۇللاھ : 2011-يىل 19-ئۆكتەبىر05:09 جاۋاب

    ھەل قىلىۋالدىم، باشقا پىروگرامما چۈشۈرۈپ قىلىدىكەنمىز ئەسلى……………

  11. سازام : 2011-يىل 25-ئۆكتەبىر15:36 جاۋاب

    فونىتنى توغۇرلاش ئۈچۈن قايسى پىروگىراممىنى چۈشۈردىكەنمىز ؟

    • Eltikin : 2011-يىل 25-ئۆكتەبىر16:56 جاۋاب

      sudo apt-get install gnome-tweak-tool

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×