ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
ئۇبۇنتۇ 11.10 ئۈچۈن مەخسىۇس تېما
ئېلان قىلىنغىلى413 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 35 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 3,472+


سالام كۆپچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت يوقاپ كېتىپ قالدىم. ئوقۇش، خىزمەت ئىزدەش مېنى ناھايىتى ئالدىراش قىلىۋەتتى. ياراتقان ئىگەم تىرىشقانغا بېرىدىكەن. يۇرتتىن بىرمەزگىل ئايرىلىپ ئىشلەيدىغان ئىش بولسىمۇ، ئۆزۈم رازى بولغۇدەك، ئۆزۈمنى ئوبدان باققۇدەك خىزمەتكە ئېرىشتىم. ئاللاغا مىڭ شۈكرى.

بىر نەچچە ئايدىن بېرى، بىلوگ يېڭىلاشقا پەقەت ۋاقتىم يەتمىدى، شۇنداقتىمۇ، سوئالخانىدا، بەزىدە QQ  دا نۇرغۇن دوستلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ كەلدىم. ھەمدە يېڭى تارقىتىلغان ئۇبۇنتۇ 11.10 نى ئىشلىتىشتە كۆپ سورالغان سوئاللارنى مۇشۇ تېمىغا بىراقلا يىغىنچاقلاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.

يەنە بىر گەپ، بىلوگقا ئاز بولسىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى يېزىپ، بىلوگنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارى ئەلتىكىنگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈۋېتىپ ئاندىن يازمىنى باشلاي.

  •  ما ئۇبۇنتۇنىڭ تېرمىنال دېگەن يېرى نەگە كەتتى

ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ تېرمىنال بىر يەرگە كەتمىدى، شۇ سىستېمىدا بار :mrgreen: . ئۇبۇنتۇ 11.10 كە gnome 3.12 ئىشلىتىلگەن بولۇپ، gnome 3.0 دىن بۇرۇنقى نەشرىگە ئوخشايدىغان كلاسسىك ئۈستەل يۈزى بولمىغاچقا، تۇنجى قاچىلىغانلار تېرمىنالنى تاپالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. ئادەتتە ئۇبۇنتۇ ھەم ئۇبۇنتۇ ئاساسىغا قورۇلغان ھەرقانداق لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۈستەل يۈزىگە كىرىپ ‘Ctrl+Alt+T’ ئۈچ كۇنۇپكىنى تەڭ باسساق تېرمىنال ئېچىلىدۇ. ياكى ئۇبۇنتۇ 11.10 دا Super كۇنۇپكىسىنى (يەنى Windows كۇنۇپكىسىنى ) بېسىپ، ‘Terminal’  دېگەن خەتنىڭ يېرىمىنى كىرگۈزۈپ بولغۇچە تېرمىنال كۆرۈنىدۇ.

تورغا ئۇلاپ تېرمىنالنى ئېچىۋالغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن يۇمشاق دېتال تىزىملىكىنى، يۇمتاللارنى بىر يېڭىلىۋېتىپ، ئۇبۇنتۇنى ئاندىن ئىشلىتىمىز.

sudo apt-get update && sudo apt-get upgrade

ئۇبۇنتۇنىڭ بۇ نەشرىدە بۇ باسقۇچنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپتۇ، يەنى ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى كۇنۇپكىنى چېكىپ، Software Up to Date دېگەننى باسساقمۇ يۇقىرىدىكى بۇيرۇقنىڭ ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز.

  • MP3 نىمۇ قويالمايدىغان سىستېمىكەن ماۋۇ

MP3 نى دەھشەت قويىدۇ دەيمەن ما سىستېما. لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك (Debian نىڭ يېڭى نەشرىدىن باشقا)، ogg, ogv دىن باشقا ئۈن-سىن كود يەشكۈچلىرى سىستېما بىلەن بىرگە قاچىلانمىغان. ئەلۋەتتە سىزنىڭ تور شارائىتىڭىز ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش جەريانىدا تورغا ئۇلاشقا ئىمكانىيەت بەرسە، قاچىلاش جەريانىدىلا، ناھايىتى كۆپ ئۈن-سىن كود يەشكۈچلىرىنى سىستېمىنى قاچىلىغاچ بىرگە قاچىلىيالايسىز. ھەم سىستېمىغا كىرىپلا mp3.mp4,mp5… avi,rmvb … دېگەندەكلەرنى بىۋاسىتە كۆرەلەيسىز.

ئەگەر سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ كود يەشكۈچلىرىنى قاچىلاش توغرا كەلسە، تورغا ئۇلىغاندىن كىيىن، ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى قويساقلا سىستېما ئاپتوماتىك تورىدىن ئىزدەپ قاچىلاپ بېرىدۇ. ياكى بىۋاسىتە تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۈن-سىن كود يەشكۈچلىرىنى قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.

sudo apt-get install ubuntu-restricted-extras
  • كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسام قارا ئېكران بولۇپ قالدى

ئۇبۇنتۇ گۇرۇپپىسى ناھايىتى كۈچلۈك گۇرۇپپا، ئۇلار Nvidia قاتارلىق ئۇبۇنتۇدا قوزغاتقۇچ قاچىلاشقا تېگىشلىك بەزى قاتتىق دېتال قوزغاتقۇچلىرىنى ئۇبۇنتۇغا ئەڭ ماس كېلىدىغان قىلىپ ئەلالاشتۇرغان. شۇڭا قوزغاتقۇچ قاچىلىغانلار ئەڭ ياخشىسى سىستېما ئۆزىنىڭ كېرەكلىك قوزغاتقۇچلارنى تېپىپ بېرىدىغان قورال ”附件驱动/Additional Drivers“ نى ئىشلىتىڭلار.

  • ئۇبۇنتۇنىڭ بۇ نەشرىدە خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمامدۇ نېمە؟

لىنۇكسدا بىر نەرسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمامدۇ دېگەنگە ئىشەنمەيمەن. ئۇبۇنتۇ 11.10 دە سىستېما ئۇسلۇبى ئۆزگەرتىدىغان جايدا جايدا خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيدىغان جاي تەمىنلەنمەپتۇ بىراق لىنكۇسدا دېتال قوراللاردىن تولا نېمە يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن Advanced Settings بۇ قورالنى ئۇبۇنتۇ ئورگىنىمۇ تەۋسىيە قىلىپتۇ، خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا ئۇسلۇب قاچىلاش، Gnome-shell ئىشلىتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان قورال.

sudo apt-get install gnome-tweak-tool
  • Unity ئارا يۈزىنى تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوبدانراق قورال بارمىدۇ

ئۇبۇنتۇ Unity ئارايۈزىنى يەنى ئۇبۇنتۇ 11.04 دىن باشلاپ ئىشلىتىلگەن يېڭى كۆرۈنمە يۈزىنى تەڭشەش ئۈچۈن بىرقەدەر ياخشى قورال يەنىلا CCSM. قاچىلاش بۇيرۇقى:

sudo apt-get install compizconfig-settings-manager

بۇ ئارقىلىق Unity سول تەرەپ Lancher ئىستونىنىڭ سىن بەلگە چوڭلۇقنى، ھەرخىل ئۈنۈملىرىنى نۇرغۇن Unity تېزلەتمە كۇنۇپكىسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

ئەگەر 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقارماقچى بولساق، General Options نى تاللايمىز. ھەم ئۈستەل يۈزىنى ۋېرتىكال 1، گورىزونتال 4 قىلىمىز.

ئاندىن كۇب ئۈنۈمىنى چىقىرىدىغان تاللاشلارنى تاللاپ قويساق بولىدۇ.

نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىمىزنى مەن ئۇبۇنتۇ 11.04 تە 3D ئۈستەل يۈزىنى چىقىرىش دېگەن يازمامدا تەپسىلىي تۇنۇشتۇرغان.

ئەگەر قانداق بىنورماللىق كۆرۈلسە، compizconfig نىڭ باقلىق سەپلىمەن ھۆججىتىنى ئۆچۈرمەتسەك بولىدۇ.

rm -rf .gconf/apps/compiz*
rm -rf .cache/compizconfig-1/
rm -rf .config/compiz-1/
rm -rf .compiz*

ئەگەر ھەرخىل ئۈنۈملەر بىلەن ئېتىشپ، ئۈستەل يۈزى بۇزۇلۇپ كەتسە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى Alt+F2 نى بېسىپ ئېچىلغان كۆزنەككە كىرگۈزۈپ يۈرگۈزۈپ

unity –reset

سول تەرەپ Langcher قورال ئىستونى بۇزۇلۇپ كەتسە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى Alt+F2 نى بېسىپ ئېچىلغان كۆزنەككە كىرگۈزۈپ يۈرگۈزۈپ ئوڭشىۋالساق بولىدۇ.

unity –reset-icons

بۇ نىڭ رولى يۇقىرىدا دېگەن compizconfig نىڭ بارلىق سەپلىمەن ھۆججىتىنى ئۆچۈررۈش بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.

  • gedit ئارقىلىق windows دېگى خەنزۇچە تىكېست/كىنو خېتى قاتارلىقلار ئاچسام تاشقى پىلانىت يېزىقىدا كۆرۈندى

بۇ 字体编码 نىڭ ئىشى، نورمال ئېچىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز(بۇيرۇقنى ئىشلتكەندە‹“› نى ‹“› غا ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىڭلار).

gsettings set org.gnome.gedit.preferences.encodings auto-detected ”['UTF-8', 'GB18030', 'GB2312', 'GBK', 'BIG5', 'CURRENT', 'UTF-16']”

ئاندىن قايتا ساقلاشنى بېسىپ، Linux UTF8 قىلىپ قويساق قويغۇچلاردىمۇ خەنزۇچە قالايمىقان كۆرۈمەيدۇ
ھازىرچە چوڭ دائىرىدىكى مەسىلىلەردىن مۇشۇلار ئېسىمگە كەلدى. ئەگەر باشقا سوئاللار بولسا ئېلخەتتە، ياكى سوئالخانىدا كۆرۈشەيلى.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 35 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 11 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 2 پارچە. دەلىللەنگىنى: 22

  1. ئۆمەر : 2011-يىل 29-ئۆكتەبىر06:28 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەختىيار ئەپەندىم سالامەت تۇردىڭىزمۇ ؟ مەن ئۇبۇنتۇ ئەڭ يېڭى نەشرىنى قاچىلاپ بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدىم ھېچ ئايرىلدىغان چىراي ئەمەس ، ئۇنى بۇنى قېلىپ بۇنىڭ خۇي پەيلىنى ئالدىم ، بۇرۇن قاچلىغان دېتاللارنى تاپالماي شۇنداق زېرىككەنتىم ، قارىسام بۇنىمۇ تاپقىلى بولدىكەن ، ئىشقىلىپ ھازىر ئۇستا بوپ قالغىلى تۇردۇم لىكىن مۇشۇ ئۇبۇنتۇ 3 د ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلالماي بەك ئاۋارە بولۋاتىمەن ، يەنە بىر مەسىلە بىر دانە نۇسخىلاش ماشىنىسى بارتى لىيەنشاڭنىڭ مۇشۇ ئۇبۇنتۇ سېستىمىسغا تونۇتسام بولاتتى ، ئوپتىك دىسكىدا ئۇبۇنتۇنىڭ قوزغاتقۇچىسنى تەمىنلىمەپتۇ بىرەر ئامال قىلىپ باقساق

  2. Bakhtiyar : 2011-يىل 29-ئۆكتەبىر14:54 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇ 11.10 دا مەن 3D ئۈنۈمىنى سىناپ باقمىدىم. ئىككى يىلدىن بىرى مەن ئۇبۇنتۇدا Compiz دېگەننى ئىشلەتمەيمەن. ئۇبۇنتۇ 11.04 دە باشقىلار بەك سوراپ تۇرىۋالغاچقا مەن بىر سىناپ بۇ خىل ئۇسۇلنى تاپقان. باشقىلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇبۇنتۇ 11.10 دىمۇ 3D ئۇنۈمىنى چىقىرىپتۇ.
    https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-natty-3d.html
    نۇسخىلاش ماشىنىسى غا كەلسەك، نۇرغۇن لىنۇكس ئىشلىتىدىغانلار مۇشۇنداق ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇپ، شۇ خىل ئۈسكىنىنىڭ لىنۇكس قوزغاتقۇچىسى بار يوقلىقىنى بىلىپ ئاندىن سېتىۋالىدۇ. ئادەتتە 联想 ھەممە ئۈشكىنىلىرىنىڭ دېگۈدەك لىنۇكس قوزغاتقۇچىسى بولىدىغان. توردىن ئاقتۇرۇپ بېقىڭ. ياكى بولمىسى شۇ ماشىنىنىڭ بارلىق ئۇچۇرىنى تەپسىلىي يازسىڭىز مەن ئىزدەپ باقاي.
    يەنە بىرگەپ نۇسخىلاش ماشىنىسى دېگەن 扫描机 ما؟

  3. ئۆمەر : 2011-يىل 29-ئۆكتەبىر21:01 جاۋاب

    ماركىسى : لىيەنشاڭ Lenovo تىپى : M7205

  4. بەگتاش : 2011-يىل 11-نويابىر14:55 جاۋاب

    مەنمۇ 11.10نى يىڭىدىن قاچىلىغان، سىستىما كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچىغا توغىرلىسام، سىستىما نورمال قوزغالدى، لىكىن ھىچقانداق مەشغۇلات ئىلىپ بارغىلى بولمىدى، ھەر راس كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتكەندە مۇندەرىجىلەرنىمۇ ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتەمسىز دەپ سورىغاندا ھەئە نى بىسىۋىتىپتىكەنمەن، شۇنىڭ تەسىرىمۇ يا؟ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. :arrow:

  5. ئارمانىم : 2011-يىل 11-نويابىر23:19 جاۋاب

    ياتاقتا iNode ئىشلىتىپ تورغا چىقاتتۇق، بىراق ئۇنىڭ لىنكۇس نۇسقىسىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلىسام قوزغالماي تۇرىۋالدى،قاچىلاش ئۇسۇلىنى توردىن ئىزدەپ شۇ بويىنچە قىلغان ئىدىم بولمىسا،ياردەم قىلغان بولسىز. :?:

  6. مىنىستىر : 2011-يىل 20-نويابىر20:20 جاۋاب

    مىنىڭ مۇشۇ ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ ئىمانغا كەلتۈرۈشۈم ئاسانغا توختىمىدى .لىكىن 11.10نەشرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىشلىتەلمىدىم .10.04نەشرىنى ئىشلىتىپ خەت نۇسخىسى قاچىلاش ،3د ئۈستەل يۈزىنى چىقىرىش ،سىستىما خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش ،ۋە باشقا مەشخۇلاتلارنى ھەر ھالدا كۆڭلۈمدىكىدەك قىلالىدىم .لىكىن يۇمشاق دىتال جەھەتتە بىر ئاز مەسىلە كۆرۈلدى .ئۆزىمىزگە لازىملىق يۇمشاق دىتاللارنى قانداق ئىزدەيمىز ؟ۋىندوۋستا ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللارنى (ھەممىسىنى بولمىسىمۇ بىر قىسمىنى ) ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟ئۇستازلارنىڭ ياردەم بىرىشىنى سورايمەن .

  7. ئابدۇسام : 2011-يىل 8-دېكابىر02:32 جاۋاب

    E: Unable to lock the administration directory (/var/lib/dpkg/), is another process using it?
    administrator@ubuntu:~$
    بۇنى قانداق چۇشىنىمەن ؟ مەن ئۇبۇنتۇ نى يىڭى ئشلەتكەن ىدىم بەك نۇرغۇن جايللر نى بىللەلبمىدىم ياردەم قىلغان بولسىڭىز ..؟ مىنڭ چچ نۇمۇرۇم 1076022600مىنى قۇشىۋالغان بولسىڭىز….؟ رھمەت سىزگە…. :?:

  8. ئەكرەم : 2012-يىل 27-يانۋار05:23 جاۋاب

    مىنىڭ كومپىيۇتېرىم تورغا ئۇلاق ئەمەستى بىراق مۇشۇ ئۇبۇنتۇنى بەك ياىتۇرغانتىم ياماقلىرىنى قاچلىيالمايۋاتمەن تور بولمىغانلىقتىن قانداق قىلسامبۇلا :cry:

  9. قەيۇم : 2012-يىل 6-فېۋرال20:33 جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم….مەن بۇسىستىمىغا بەك قىززىقىپ قالدىم….،11.10 نەشىرىنى قاچىلاپ بەك ئېتىشىپ كەتتىم لىكىن،سىزنىڭ تۇزگەن دەرىسلكىىكىڭىزدە سۆزلەنگەن مەزمۇنلار،،11.10 نەشىرى بول مىغاچقا قاچىلانغان قىستۇر مىلارنى تاپالماي ئاۋارە بولۇپ كەتتىم،،،،،،مالال كۆمىسىڭىز،،،11.10 ،،،دىكى پەرىقلەرنى تەپسىلىراق چۇشەندۇرۇپ ئۇتكەن بولسىڭىز……4-5 كۇن بولدى….بۇسىستىمىغا ئاشىق بوپقىلىپ….بەكلائاۋارچىلىققا قالدىم :mrgreen:

  10. پىداكار : 2012-يىل 22-فېۋرال14:10 جاۋاب

    بۇرادەرلەر 11.10 نەشىرىنىڭ كۆزنەك كۆۈرۈنىشىنى 10.10 نەشىرىدىكىدەك ئۆزگەرتكىلى بۇلامدىكەن؟ بۇنداق سورىشىمدىكى مەقسەت 10.10 نى ئىشلىتىپ كۈنۈپ قالغان ئادەم 11.04 ياكى 11.10 غا دەماللىققا كۈنەلمەي قالىدۇ. يەنە كىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى Linux Mint قا كۈچۈپ كىتىۋاتقۇدەك…

    • ئابدۇۋەلى : 2012-يىل 7-مارت15:20 جاۋاب

      ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . Ubuntu 11 دىكىسى Unity ئۈستەل يۈزى ، Ubuntu 10 دىكىسى Gnome ئۈستەل يۈزى . Ubuntu يۇمشاق دىتال مەركىزىدىن Gnome دەپ ئىزدەپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ ، ئاندىن سىستېمىغا كىرگەندە Gnome نى تاللاپ كىرسىڭىز بولىدۇ . :mrgreen:

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 7-مارت16:17 جاۋاب

      ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان Unity ئارا يۈزى Gnome ئارا يۈزىگە كەيگۈزۈلگەن بىر چاپان خالاس(基于GNOME的shell界面)، ئىچكى قىسمى يەنىلا شۇ Gnome. بولمىسا بۇرۇنقى نۇرغۇن دېتاللارنى شۇ پېتى ئىشلىتەلمىگەن بولاتتۇق. ئۇبۇنتۇ ئورگىنىنىڭ Unity نى داۋاملىق ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرىشى Gnome 3.0 دىن باشلاپ ماڭا باك ياقمىدى. Unity نىڭ 全局菜单 ناھايىتى قولايلىق دەپ ئويلايمەن. ئۇبۇنتۇ 12.04 دىن تارتىپ HUD Lands دېگەن يېڭى نەرسە ئىشلىتىلىپتۇ، ئىزدەش سۈرىتى بەك تىزكەن.
      مىنىڭچە بولسا شۇ Unity نى زورلاپ بولسىمۇ ئىشلىتىپ كۆنۈڭ، كۆنۈپ قالسىڭىز كىلاستىك Gnome ئارايۈزىنى پەقەت ئىشلەتكىڭىز كەلمەيدۇ.

  11. ئالدىراڭغۇ : 2012-يىل 21-مارت15:58 جاۋاب

    قوش سېستىما ھالەتتە گوست قاچلىساق تىزىملىك ئۆزگەرمەي، خاتالىق چىقىدىكەن . بۇنى قانداق ئوڭشايمەن. 11.10

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×