ugubuntu » 永中 https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu ئۇبۇنتۇ بىلوگى Tue, 05 Jun 2012 08:27:22 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.3.1 YOZO Office (永中) 2012 ئۇبۇنتۇدا https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/yozo-office-2012-person.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/yozo-office-2012-person.html#comments Fri, 16 Mar 2012 07:37:32 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=2002 تۆۋەندىكى يازمىلاردىمۇ سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار:
ئۇبۇنتۇ 12.04 ئۈستەلئۈستى قوللانمىسى

ئۇبۇنتۇ ئۇسلۇبى Orta

ئۇبۇنتۇغا Mac ئۇسلۇبى Macubuntu

ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ يېڭى ئىقتىدارى (سۈرەتلىك)

ئۇبۇنتۇ ئۈستەل رەسىمىنى ئاپتوماتىك ئالمىشىدىغان قىلىش
无觅 ]]>
YOZO Office (永中) 2012 شەخسىيلەر نەشرىنىڭ لىنۇكس نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، چۈنكى YOZO Office (永中) 2010 نى ئۇبۇنتۇدا ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا تولا قېتىۋالىدىغان، خەت نۇسخىسىنى چۇقۇق YOZO Office قا ئايرىم قوشۇپ ئاندىن ئىشلىتىدىغان (سىستېمىغا قاچىلىغان خەت نۇسخىسىنى بىۋاسىتە ئىشلىتەلمەيتتى) ئەھۋال بار ئىدى. ئىشلەتمەي دېسەم Microsoft Office بىلەن سىغىشچانلىقى بەك ياخشى ئىدى.

ئۇبۇنتۇدا بىر مەزگىل OpenOffice ياكى LibraOffice ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى ئىشخانا دېتالى ئالامەت ياخشى بولسىمۇ، كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا Microsoft Office ئىشلەتكەچكە، Microsoft Office دا ئىشلەنگەن doc, docx, ppt ھۆججەتلىرىنى بىۋاسىتە OpenOffice ياكى LibraOffice دا ئاچقاندا، بەزى پەرقلەر كېلىپ چىقىدۇ.

مانا YOZO Office (永中) 2012 شەخسىيلەر نەشرىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلاپ ئىككى كۈن ئىشلەتتىم، ئۆزگىرىش كۆپ، ئارايۈزىگە Microsoft Office 2010 Ribbon ئىشلىتىلىپتۇ، ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى قوللايدۇ. Microsoft Office ئىشلەنگەن ھەرقانداق ماتېرىيالنى ئاچساق ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش.

YOZO Office (永中) 2012 لىنۇكس نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://www.yozosoft.com/person/

tar:http://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbgz

rpm:http://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbrpm

deb:http://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbgzdeb

ئۇبۇنتۇ 11.10 ھەم بۇرۇنقى نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئەلۋەتتە deb بولىقىنى قاچىلاڭلار (قۇلايلىق). 32/64 بىتلىق سىستېمىلاردا نورمال ئىشلەيدۇ.
مەن قوش چېكىپ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلىسام نورمال قاچىلانماي، dpkg -i بۇيرۇقى بىلەن قاچىلىدىم.

ئۇبۇنتۇ 12.04 دا deb بولىقى نورمال قاچىلانمىدى، شۇڭا tar بولىقىنى چۈشۈرۈش، يېيىم، يېيىلغان مۇندەرىجىگە تېرمىنال ئارقىلىق كىرىپ، sudo ./setup.sh بۇيرۇقى ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ.

YOZO Office (永中) 2012 نىڭ ئىقتىدارى:

  • 永中表格
  • 永中文字
  • (永中简报 (幻灯
  • 永中 PDF 文档
  • 永中 Office 集成应

خەت يۆلىنىشىنى ئوڭدىن سولغا تەڭشەش ئۈچۈن، تەڭشەشكە كىرىپ ئۇيغۇر دېگەننى تاللىغاندىن كىيىن، دېتالنى قايتا قوزغاتساق، خەت يۆلىنىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىدىكەن. بىۋاسىتە توغرىلايدىغان يېرىنى تاپالمىدىم، بىلىدىغانلار ئىنكاس يازارسىلەر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/yozo-office-2012-person.html/feed 9