ugubuntu » قاچىلاش https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu ئۇبۇنتۇ بىلوگى Wed, 02 Nov 2011 16:38:22 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 بىر deb ھۆججىتى بىلەن ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە فونتلارنى تۇللۇق قاچىلاش https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ug-ttf-fonts-deb.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ug-ttf-fonts-deb.html#comments Sat, 23 Apr 2011 15:44:34 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1087 غەيرەت ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلايدىغان deb ھۆججىتى ياساشقا تۇتۇش قىلغىلى خېلى بولغان. بىراق ئوقۇش ئالدىراشچىلىقى ھەمدە ug-ttf-fonts_1.0.deb نى ئۆچۈرگەندىكى خاتالىقلارنى تۈزەيمەن دەپ بۈگۈن ئەمدى تارقىتىدىغان بولدۇم. ug-ttf-fonts_1.0.deb ھەم بۇنىڭدىن كىيىن يېڭىلىنىدىغان نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلوگنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدە ۋە  http://ugubuntu.googlecode.com دا تەمىنلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىلىرى ئۈچۈن ئايرىم يازما يېزىپ ئولتۇرمايمەن.
ug-ttf-fonts_1.0.deb ئۈچىنچى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن UKIJ نىڭ بارلىق فونتلىرى، تور بەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان ئەلپىدا فونتىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئەلكاتىپ فونتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ug-ttf-fonts_1.0.deb نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://ugubuntu.googlecode.com/files/ug-ttf-fonts_1.0.deb



ug-ttf-fonts_1.0.deb نى چۈشۈرگەندىن كىيىن قوش چېكىپ قاچىلىساقمۇ ياكى ug-ttf-fonts_1.0.deb بار مۇندەرىجىگە كىرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلىساقمۇ بولىدۇ (cd بۇيرۇقى بىلەن deb ھۆججىتى بار مۇندەرىجىگە كىرىپ دېمەكچى)
قاچىلاش بۇيرۇقى:

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo dpkg -i ug-ttf-fonts_1.0.deb


قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن سىستېمىنىڭ ئۇسلۇب، تەگلىك رەسىم … ئۆزگەرتىدىغان يېرىگە كىرىپ فونتلارغا قاراپ باقساڭلار بولىدۇ.


ئەگەر بۇ يەردە مەن يازمىنىڭ ئەڭ بېشىدا ئېيتقان فونتلار نورمال كۆرۈنسە، قاچىلاشتا، deb ھۆججىتىدە مەسىلە يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەگەر بۇ deb ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلانغان فونتلارنى ئۆچۈرمەكچى بولساق، تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزسەكلا بولىدۇ.

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get remove ug-ttf-fonts


ئەگەر قاچىلاش، ئىشلىتىش جەريانىدا قانداق مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلارسىلەر.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ug-ttf-fonts-deb.html/feed 24
ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلاش https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-usb-qachilash.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-usb-qachilash.html#comments Tue, 22 Mar 2011 06:55:38 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=689

ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ، قاچىلاش داۋامىدا كومپيۇتېرنى ئۇبۇنتۇنىڭ liveCD قوزغاتساق، ھازىر قاچىلاش ۋە ھازىر ئىشلىتىش دەپ ئىككى تاللاش كۆرۈنىدۇ. قاچىلاشنى بېسىپ ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش مەشغۇلاتىنى قىلىمىز. ھازىر ئىشلىتىشنى بېسىپ liveCD دىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىمەيمىز. ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش دېگىنىمىز ئۇبۇنتۇ iso سىنى بارماق دىسكىغا (يان دىسكىمۇ بولىدۇ، ھەتتا sd كارتىمۇ بولىدۇ) ئويۇپ، كومپيۇتېرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن ھازىر ئىشلىتىش (try to use مۇشۇنداقراق) بېسىپ ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى: خالىغان جايدا خالىغان كومپيۇتېردا بارماق دىسكىمىزدىكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتەلەيمىز. بىراق سۈرەت ئازراق ئاستا بۆلىشى، قوزغاتقۇچلار ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.
بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاش دېگىنىمىز ئۇبۇنتۇ iso سىنى بارماق دىسكىغا (يان دىسكىمۇ بولىدۇ، ھەتتا sd كارتىمۇ بولىدۇ) ئويۇپ، كومپيۇتېرنى بارماق دىسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن ھازىر قاچىلاش (Install now) بېسىپ ئۇبۇنتۇنى liveCD دىن قاچىلىغانغا ئوخشاش قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلىمىز.
بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى: CD/DVD دىسكىسى ئالىدىغان پۇلىڭىزنى تېجەپ قالىمىز ئەلۋەتتە. ھى…ھى…
بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇبۇنتۇ iso سىنى قانداق قىلىپ بارماق دىسكىغا توغرا ئۇيۇش. ئەلۋەتتە iso نى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۈپ قويساق بولمايدۇ. مەن تۆۋەندە Windows شارائىتىدا ئۆزۈم كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل بىلەن، ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتى تەۋسىيە قىلغان ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

  • UltraISO

UltraISO نى قاچىلاپ ئالدىن تەييارلىۋالغان ئۇبۇنتۇ iso سىنى UltraISO ئارقىلىق ئاچىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 启动光盘–写入硬盘映像 نى باسىمىز. UltraISO ھەقلىق دېتال بولغاچقا xxx نۇسخىسىنى ئۆزۈڭلار بەيدۇ قىلىڭلار. ھى…ھى…

ئېچىلغان كۆزنەكتىن :便捷启动–写入新的驱动器引导区–Syslinux نى تاللايمىز. بۇ باسقۇچ بولمىسا بارماق دىسكىغا ئويۇلغان ئۇبۇنتۇ boot missing دەپ قوزغالمايدۇ جۇمۇ.


ئەمدى ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان بارماق دىسكىنى (يان دىسكا) تاللاپ رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلساقلا بولدى.

  • Universal USB Installer (ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتى تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇل)

ئالدى بىلەن Universal USB Installer نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قوزغىتىمىز. ھەم رەسىمدىكى 1 دېگەن ئورۇندىن ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئۇبۇنتۇ نۇسخىسىنى، 2 دېگەن ئورۇندىن تەييارلىۋالغان ئۇبۇنتۇ iso سىنى تاللايمىز.

ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى 1 نىڭ سول تەرىپىدىن ئۆزىمىز ئىشلەتمەكچى بولغان بارماق دىسكىنى (يان دىسكا) تاللايمىز، 1 نىڭ ئوڭ تەرىپىنى تاللاپ قويساق ئۇيۇشتىن بۇرۇن بارماق دىسكا (يان دىسكا) فورماتلىنىدۇ، ئېھتىيات قىلىڭلار. 2 دېگەن ئورۇندىن ئىشلەتمەكچى بولغان بوشلۇقنى تاللايمىز.

ئىككى خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم، ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ئىلىپ يۈرسەڭلارمۇ ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ قاچىلاپ پۇل تىجىسەڭلارمۇ بولىدۇ (بارماق دىسكىسى بارلار).

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-usb-qachilash.html/feed 7
ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-qattiqdeskigha-qachilash.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-qattiqdeskigha-qachilash.html#comments Sat, 05 Mar 2011 09:05:58 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=91 ئۇبۇنتۇنى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلاشتىن بۇرۇن، كومپيۇتېرىڭىزدا ئۇبۇنتۇلا ئىشلىتەمسىز ياكى windows بىلەن بىرگە قوش سىستېما قىلىپ ئىشلىتەمسىز، بۇنى چوقۇم ئالدىن بىكىتىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇبۇنتۇ بىرلا سىستېما ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بۇ ئاسان تۆۋەندىكى مەن تونۇشتۇرغان باسقۇچ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەگەر windows بىلەن قوش سىستېما قىلماقچى بولسىڭىز ، كومپيۇتېرىڭىزغا ئەڭ ئاۋۋال Windows قاچىلىۋېلىڭ. ئاندىن 20G ئەتراپىدا ئۇبۇنتۇ قاچىلايدىغان يەر ھازىرلاڭ (Windows نىڭ دىسكا بۆلىدىغان قوراللىرى قۇمدەك جىققۇ). قالغان مەشغۇلات ئوخشاش. بىراق قوش سىستېما قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەر قاچىلاش جەريانىدا قاچىلاش رايونىنى تاللىغاندا بەك ئېھتىيات قىلىشىڭلار كېرەك.
مىنڭ ئىشلەتكىنىم ئۇبۇنتۇ 10.04، ئۆخشىمىغان نۇسخىلار ئارىسىدا ئازراق قاچىلاش پەرقى بولۇشى مۇمكىن.ئەمىسە قاچىلاشنى باشلايلى:

  • ئالدى بىلەن ئۇبۇنتۇنىڭ ئورگان بېتى ياكى مەن چۈشۈرۈش بېتىدە تەمىنلىگەن ئادرېستىن ئۇبۇنتۇنىڭ ISO ھۆججىتىنى چۈشۈۋالىمىز.
  • چۈشۈرۈلگەن iso نى نۇر دىسكىغا ئويىمىز (بارماق دىسكىغا ئويسىمۇ بولىدۇ).
  • كومپيۇتېرنىڭ BIOS نى بەلگىلەيمىز. يەنى ئۇنى CD_ROM دىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەيمىز. ئاندىن تەييارلىۋالغان CD نى سېلىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز (ئەگەر بارماق دىسكىغا ئىشلەتكەن بولساق كومپيۇتېرنى USB دىن قوزغىلىدىغان قىلىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز ).
  • رەسىمىدىكى كۆزنەك كۆرۈنگەندىن كېيىن ئەڭ ئۈستىدىكىنى بېسىپ ئۇبۇنتۇنى قاچىلىمايمۇ ئىشلىتەلەيمىز. مەن بۇ يەردە ئاستىدىكى تاللاپ داۋاملىق قاچىلىدىم.

  • بۇ يەردىن ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ۋاقىت رايونىنى تاللايمىز.

  • بۇ يەردىن ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان كۇنۇپكا تاختىسىنى تاللايمىز. ئادەتتە ئىنگلىزچىنى تاللايمىز.

  • بۇ قاچىلاشنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىش بولۇپ، linux دا قاتتىق دىسكىنى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككىگە ئايرىشىمىز كېرەك. يەنى يىلتىز ”/“ بىلەن “sweap /“ . ئەگەر سىز كومپيۇتېرىڭىزدا پەقەت ئۇبۇنتۇنىلا ئىشلەتمەكچى بولساق سۈرەتتىكى تاللاشنىڭ ئۈستىدىكىنى، ئەگەر windows ۋە باشقا مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن بىرگە ئىشلەتمەكچى بولساق ئاستىدىكىنى تاللاپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مەن بۇ يەردە پەقەت ئۇبۇنتۇنىلا ئىشلەتمەكچى شۇڭا ئۈستىدىكىنى تاللىدىم.

  • رەسىمىدىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلساقلا بولدى.


  1. بۇ يەر دىن بىز ئايرىماقچى بولغان دىسكا شەكلىنى تاللايمىز.
  2. دىسكا چوڭ _ كىچىكلىكىنى  بېكىتىمىز.
  3. دىسكا ئورنىنى بېكىتىمىز.
  4. ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بولغان دىسكا تۈرىنى تاللايمىز. ئادەتتە EXT4
  5. بۇ يەردىن بىز ئايرىماقچى بولغان دىسكا رايونىنى قەيەرگە قوشماقچى ئىكەنلىكىمىزنى تاللايمىز.

  • قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن “Forward”  بىلەن قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

  • بۇ يەردىن ئۆزىمىزگە ئىشلەتكۈچى ئىسمى ۋە مەخپىي نومۇر بېكىتىمىز.

  • بۇ يەر بىزنى يۇقىرىدا قىلغان مەشغۇلاتىمىزنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  • سىستېما قاچىلىنىشقا باشلايدۇ .

  • سىستېما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېكراندا قايتا قوزغىتىش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. قايتا قوزغاتساقلا قاچىلىنىش تامام بولىدۇ .

  • مانا بۇ  ubuntu 10.04  نىڭ ئۈستەل يۈزى. قانداق ئاسانمىكەن. ئەگەر قاچىلاش جەريانىدا قانداق مەسىلىگە يولۇقساڭلار مۇشۇ يەرگە سۆز قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار ، بىرلىكتە ھەل قىلىمىز.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-qattiqdeskigha-qachilash.html/feed 6
ئۇبۇنتۇنى Wubi قاچىلاش https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-wubi-qachilash.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-wubi-qachilash.html#comments Sat, 05 Mar 2011 06:24:43 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=67 نۇرغۇن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق قاچىلاش ئۇسۇلى بىرقەدەر ئالاھىدە (بىزwindowsقا كۆنۈپ قالغاچقا، شۇنداقلا قاچىلاش ئۇسۇلى بىز ئىشلىتىۋاتقان xp،vista،win7 لارغا پەقەت ئوخشىمىغاچقا شۇنداق بىلىنىدۇ.)، مۇرەككەپ بولغان قاتتىق دىسكىنى رايونغا ئايرىش نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى يېرىم يولدا توختاپ قېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
تۆۋەندە بىرقەدەر كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇبۇنتۇنىڭ WUBIقاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى ئۇبۇنتۇنى خۇددى windows قا قاچىلىغان ئادەتتىكى يۇمشاق دېتالغا ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدۇ. سىناق قىلغىنىم ئۇبۇنتۇ 9.10.
ئالدى بىلەن ISO باشقۇرىدىغان يۇمتالدىن بىرنى چۈشۈرىمىز. مەن UltraISO تەۋسىيە قىلىمەن. UltraISO نى كومپيۇتېرغا ئورناتقاندىن كىيىن ئۇبۇنتۇنىڭ ئورگان بېتى، ياكى مەن چۈشۈرۈش بېتىدە تەمىنلىگەن ئادرېستىن ئۇبۇنتۇنىڭ ISO ھۆججىتىنى چۈشۈۋالىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ خالىغان ئورۇنغا قۇيىمىز (ئەڭ ياخشىسى C دىسكىغا قويماڭ). مەن تۆۋەندىكى رەسىمدە ISO نى D دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويدۇم.

ئاندىن UltraISO ئارقىلىق ISO ھۆججىتىنى ئېچىپ wubi.exe چىقىرىمىز.

چىقىرىۋالغان wubi.exe چوقۇم ئۇبۇنتۇ ISO ھۆججىتىنى بىلەن بىر مۇندەرىجىدە بۆلىشى كېرەك.

wubi.exe نى ئىجرا قىلىپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى باشلايمىز. رەسىمدىكى كۆزنەكتىن قاچىلىماقچى بولغان ئورۇننى، بۆلۈپ بەرمەكچى بولغان بوشلۇقنى، سىستېما تىلىنى، پارولنى بېكىتىمىز.

يۇقىرىقى مەشغۇلات توغرا بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.

بىرئاز ساقلاپ تۆۋەندىكى كۆزنەك چىققاندا كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز.

قايتا قوزغىتىش جەريانىدا شۇنى بايقايمىز، يەنى قارا ئېكراندا ubuntu دېگەن تاللاش كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ. شۇنى تاللاپ، ئاندىن چىققان تىزىملىكنىڭ بىرىنچىسىنى تاللاپ بەش مىنۇتتەك تەخىر قىلساق قاچىلاش پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ.
wubi قاچىلىغان ئۇبۇنتۇنى ئۆچۈرۈشمۇ ناھايىتى ئاسان، يەنى Windows دا ئادەتتىكى يۇمتالنى ئۆچۈرگەنگە ئوخشاش.

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntuni-wubi-qachilash.html/feed 7