ugubuntu » تىل https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu ئۇبۇنتۇ بىلوگى Fri, 25 May 2012 06:20:52 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.3.1 ئۇبۇنتۇ سىستېما تىلىنى ئۆزگەرتىشتە يۇلىقىدىغان مەسىلە https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/chage-ubuntu-language-some-problems.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/chage-ubuntu-language-some-problems.html#comments Thu, 08 Mar 2012 08:01:05 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1992 تۆۋەندىكى يازمىلاردىمۇ سىزگە لازىملىق نەرسىلەر بار:
ئۇبۇنتۇ 11.04 سۈكۈت ئۇسلۇبىنى يېڭىچە ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش

ئۇبۇنتۇ 11.10 ئۈچۈن مەخسىۇس تېما

ئۇبۇنتۇ 11.10 ھەقىقى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

ناھايىتى كۆركەم 60 دانە ئۇبۇنتۇ Gnome ئۇسلۇبى

ئۇبۇنتۇ 11.04 دىكى قوللىنىشچان دېتاللار تىزىملىكى
无觅 ]]>
نەچچە ۋاقىتتىن بىلوگقا قارايدىغان پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىغان، ھازىر كۈندە ئازراق بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بىلوگقا بىرنەرسە يازغاچ، ئىنكاسلارغا جاۋاب يېزىۋاتىمەن. شۇڭا ئىنكاسى جاۋابسىز قالغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەتئىي ئاغرىنماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۈگۈن سوئالخانىدىكى جاۋابسىز سوئاللارنى ئارىلاۋېتىپ، ئۇبۇنتۇ 11.10 نىڭ سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىشتا سورالغان بىرنەچچە سوئالنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. ھەم بەزلەرنىڭ سىستېمىنى ئىنگلىزچە قىلىپ قاچىلاپ، كىيىن خەنچە قىلاي دېسە قىلالمىغانلىقىنى بىلدىم.

بىرىنچى مەسىلە:

سىستېما قاچىلىغاندا سىستېما تىلىنى خەنچە ياكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلنى تاللاپ قاچىلىغان بولساق، مەسىلەن ئىنگلىزچىنى تاللاپ قاچىلىغان بولساق، سىستېمىغا كىرگەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە ياكى خەنچە تىل بولىقى قاچىلىغاپ Language Support نىڭ Regional Formats دىن خەنچىنى ياكى ئۇيغۇرچىنى تاللىغان تەقدىردىمۇ، Language دىكى uighur/uyghur ياكى 中文 دېگەن تاللاشنى تاللىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىستېما تىلى يەنىلا خەنچىگە ياكى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرمەيدۇ.

گەپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىشنىلا سۆزلەيلى، خەنچىمۇ ئوخشاش. مەسىلەن مەن سىستېمىنى قاچىلىغاندا ئىنگلىزچىنى تاللاپ قاچىلىغان.

ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلاي

Regional Formats نى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەي

بارلىق سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلاي

مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە، بەلكىم سىز ماڭا ئوخشاش تىل بولىقىنى قاچىلىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇ يەردىن سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان تىلنى تاللىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. چۈنكى مەن سىستېما قاچىلىغاندا، سىستېما تىلىغا بۇ تىلنى تاللاپ قاچىلىمىغان.

ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇلى، سىستېمىنى قايتا قاچىلاپ، قاچىلاش جەريانىدىلا سىستېما تىلىغا  ئۇيغۇرچىنى تاللاپ، سىستېمىغا كىرگەندىن كىيىن شۇ تىل بولىقىنى يېڭىلاپ قويۇش. ھى..ھى.. چاق-چاق ھە. مەن ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىڭلار دېمەكچى ئەمەس.

ھەل قىلىشنىڭ ئىككىنچى خىل ئۇسۇلى(چوقۇم مۇشۇنداق): ئۆزىمىز خالىغان تىلنىڭ تىل بولىقىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن user accounts نى قوزغىتىمىز.

ئاندىن بۇ يەردىن ئۆزگەرتمەكچى بولغان تىلنى تاللايمىز.

ئەمدىن Language Support نىڭ Language دېگەن يېرىگە قاراپ باقايلى، بايا ئۇيغۇرچىنى تاللىغىلى بولمىغان، ئەمدى بولىدۇ. تاللاپ بولغاندىن كىيىن سىستېمىغا چېكىنىپ كىرسەكلا بولدى.

سىستېمىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ سەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇبۇنتۇ 11.10 ئۈچۈن مەخسۇس تېما دېگەن يازمامدا Advanced Settings دېگەن قورالنى تونۇشتۇرغان، شۇ ئارقىلىق خەت نۇسخىسىنى ئۆزگەرتىۋالساڭلار بولىدۇ. ياكى كۆككەپتەر بىلوگىدىكى ubuntu11.10 دا (Unity يۈزلۈكى) ئۇيغۇرچە فونتنى بەلگىلەش دېگەن يازمىدىن پايدىلانساڭلارمۇ بولىدۇ.

ئىككىنچى مەسىلە:

سىستېمىنى ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كىيىن، كىرىش كۆزنىكىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر يەنىلا سەت كۆرۈنىدۇ. كىرىش كۆزنىكىنىڭ سەپلىمە ھۆججىتىنى /etc/lightdm نىڭ ئىچىدە، بۇ يېدىكى unity-greeter.conf كىرىش كۆزنىكىنىڭ خەت نۇسخىنىمۇ كونترول قىلىدىكەن. بۇ ھۆججەتنى ئېچىپ قارىساق تۆۋەندىكىدەك بىر قۇر بار. ئالدىدىكى ubuntu خەت نۇسخىسى ئىسمى، كەينىدىكى 11 خەت چوڭ كىچىكلىكى.

font-name=Ubuntu 11

مەن بۇ قۇرغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقتىم، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك، خەت نۇسخىسىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلاشمىدى. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغانلار بولسا ئورتاقلاشساق.

font-name=ukij tuz tom 12

无觅相关文章插件,快速提升流量

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/chage-ubuntu-language-some-problems.html/feed 9