ugubuntu » ئۇسلۇب https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu ئۇبۇنتۇ بىلوگى Wed, 02 Nov 2011 16:38:22 +0000 en hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 Android ئۇچۈن ئۇبۇنتۇ unity ئۇسلۇبى https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-unity-android-skin.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-unity-android-skin.html#comments Wed, 25 May 2011 05:42:18 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1454 Android يانفۇنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن ئۇبۇنتۇ unity شەكلىدە يېڭى ئۇسلۇب ياسىلىپ تارقىتىلىپتۇ. بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلىسا خۇددى ئۇبۇنتۇ 11.04 نى يانفۇنغا قاچىلىۋالغاندەكلا تۇيغۇ بېرىدىكەن. بۇلۇپمۇ Android يانفۇنى ئىشلىتىلۋاتقان ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى سوۋغا ئىكەن.

ئۇسلۇب كۆرۈنىشى:

سىن بەلگە كۆرۈنىشى:

چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://u.115.com/file/bhb6abuy

ئەسىلىي چۈشۈرۈش ئادرېسى (تامدىن ئاتلاش كېرەك): http://dl.dropbox.com/u/1391113/Ubuntu-Unity-LauncherPro.zip

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-unity-android-skin.html/feed 0
ئۇبۇنتۇ 11.04 سۈكۈت ئۇسلۇبىنى يېڭىچە ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/nautilus-elementary-ambiance-theme-in-ubuntu11-04.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/nautilus-elementary-ambiance-theme-in-ubuntu11-04.html#comments Sat, 21 May 2011 00:37:35 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=1405 تۆۋەندىكى مىنىڭ ئۇبۇنتۇرۇمنىڭ ئۈستەل يۈزىنى بىر كۆرۈپ بېقىڭلار. سىلەرنىڭ بىلەن قانداق ئوخشىماسلىقى بار ئىكەن. تېخىمۇ چىڭ قارىساڭلار بىلەلەيسىلەر (ئوڭ تەرىپىدىكى conky دېتالى، بۇنى كىيىن تونۇشتۇرىمەن).


ئەمەلىيەتتە مىنىڭ ئىشلەتكىنىممۇ ئۇبۇنتۇ 11.04 سۈكۈت ئۇسلۇبى Ambiance. زەن سېلىپ قارىساڭلار، ئوڭ تەرەپتىكى مۇندەرىجە، دىسكا ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان، سول يۇقىرى تەرىپىگە، سىن بەلگىنى ئەسلىي ھالەتتە، تىزىملىك ھالىتىدە كۆرسىتىدىغان، ئۈچ دانە كىچىك كۇنۇپكا قوشۇلغان. كۆزنەك رەڭگى پۈتۈنلەي قارا قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ تېخىمۇ كۆركەملەشكەن.

ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشىش بەكمۇ ئاسان، Nautilus Elementary نى قاچىلايمىز.

sudo add-apt-repository ppa:am-monkeyd/nautilus-elementary-ppa
sudo apt-get update
sudo apt-get dist-upgrade
nautilus -q

بۇنى قاچىلىغاندىن كىيىن، كۆزنەك رەڭگىدىن باشقا ھەممە نەرسە يۇقىرىدىكى رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمدى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن Ambiance ئۇسلۇبىنىڭ ئازراق قىستۇرمىسىنى چۈشۈرىمىز.
http://fc03.deviantart.net/fs71/f/2011/138/1/5/unfinished_work_by_simplygreat-d3golt2.zip

چۈشۈرگەن zip ھۆججىتىنى يېشىم، ئىچىدىكى Ambiance ھۆججەت قىسقۇچىنى، ئۆزىمىزنىڭ home مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى themes. مۇندەرىجىسىگە ئەكىرىپ قويساقلا بولدى (يەنىthemes./~ غا).

ئۇبۇنتۇ 11.04 كە untiy ئىشلىتىلگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە gnome 2 شۇ. تۆۋەندە ئۆزۈم ئىشلىتىپ باققان ئىككى ئۇسلۇبنىڭ قاچىلاش بۇيرۇقىنى تەمىنلەي، ئىشلىتىپ باقارسىلەر.

  • Equinox Evolution ئۇسلۇبى
sudo add-apt-repository ppa:tiheum/equinox
sudo apt-get update
sudo apt-get install gtk2-engines-equinox equinox-theme
  • Orta ئۇسلۇبى
sudo add-apt-repository ppa:nikount/orta-desktop
sudo apt-get update
sudo apt-get install orta-theme
]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/nautilus-elementary-ambiance-theme-in-ubuntu11-04.html/feed 1
ئۇبۇنتۇغا Mac ئۇسلۇبى Macubuntu https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntumac-uslubi-macubuntu.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntumac-uslubi-macubuntu.html#comments Tue, 29 Mar 2011 00:00:24 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=781 ئالما كومپيۇتېرلىرىدىكى سىستېمىنىڭ كۆرۈنۈشى كۆپچىلىككە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. Macubuntu ئۇسلۇبىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلاش ئارقىلىق ئۇبۇنتۇنى MacOs قا ئوخشاش قىلىۋەتكىلى بولىدۇ. كىشىگە تۇيۇقسىزلا ھەقسىز MacOs سىستېمىسىغا ئېرىشكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. مەن ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى سۈكۈت ئۇسلۇبنى ياقتۇرساممۇ، كۆپچىلىككە ئۇبۇنتۇغا قانداق قىلىپ بۇ ئۇسلۇبنى قاچىلاپ ئالما چاپىنىنى كىيدۈرۈشنى بىر سۆزلەپ ئۆتەي.
قېنى باشتا Macubuntu ئۇسلۇبىنى قاچىلىغاندىن كېيىنكى ئۇبۇنتۇ ئارايۈزىنى بىر كۆرۈپ باقايلى:





Macubuntu ئۇسلۇب تۈرىنىڭ ئورگان بېتى: http://sourceforge.net/projects/macbuntu
ئالدى بىلەن ئىشلىتىۋاتقان ئۇبۇنتۇ نۇسخىسىغا ئاساسەن Macubuntu ئۇسلۇبنى چۈشۈرىمىز.
ئۇبۇنتۇ 10.04 Macubuntu ئۇسلۇبىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://sourceforge.net/projects/macbuntu/files/macbuntu-10.04

ئۇبۇنتۇ 10.10 Macubuntu ئۇسلۇبىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://sourceforge.net/projects/macbuntu/files/macbuntu-10.10

قاچىلاش ئۇسۇلى:
باشتا ئۆزىمىز چۈشۈرگەن Macbuntu-10.04.tar.gz ياكى Macbuntu-10.10.tar.gz يېشىمىز. ئاندىن تېرمىنالدا cd بۇيرۇقى بىلەن يېشىلگەن Macbuntu-10.04 ياكى Macbuntu-10.10 ھۆججەت قىسقۇچى مۇندەرىجىسىگە كىرىپ، تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن قاچىلايمىز.

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo ./install.sh

ئەگەر ئۆچۈرمەكچى بولساق يەنە شۇ ھۆججەت قىسقۇچ مۇندەرىجىسىگە كىرىپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن ئۆچۈرىمىز.

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo ./uninstall.sh
]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntumac-uslubi-macubuntu.html/feed 14
ئۇبۇنتۇ ئۇسلۇبى Orta https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-uslubi-oral.html https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-uslubi-oral.html#comments Sun, 20 Mar 2011 00:58:33 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/?p=672 Orta بولسا ئىنتايىن چىرايلىق بولغان ئۇبۇنتۇ ئۇسلۇبى بولۇپ مەن تۆۋەندە ئۇنى قاچىلاش ئۇسلۇبىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
تېرمىنالنى ئېچىپ، PPA مەنبەسىنى قوشىمىز، ھەم قاچىلايمىز.

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo add-apt-repository ppa:nikount/orta-desktop
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get update
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install orta-theme

بۇ ئۇسلۇبنى تەڭشەشتە، بېزەشتە ئىشلىتىدىغان قىستۇرما قاچىلايمىز.

www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install orta-emerald-decorators
www.uyghur-archive.com/ugubuntuputer:~$sudo apt-get install orta-xfwm4-decorators

ئەگەر ئۇسلۇبنى قوزغىتىپمۇ رەسىمدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلەر، 系统System-管理Administration-Orta setting manager گە كىرىپ تەڭشەش ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ.
ئۇسلۇب كۆرۈنۈشى:

]]>
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntu-uslubi-oral.html/feed 2