ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > ئاساسى ساۋات > مەزمۇنى
لىنۇكىسنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان سۇئاللىرى
ئېلان قىلىنغىلى680 كۈن بولدى / ئاساسى ساۋات / 59 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,226+

س:linux نىڭ نېمىشقا شۇنداق كۆپ نۇسخىلىرى بار؟
ج:linux بولسا بىر خىل مەشغۇلات سىستېمىسى، يەنى ئىچكى يادرونى(内核) كۆرسىتىدۇ، بىراق دائىم رەسمىي ئىشلەتكۈچى ئابۇنتلار ئىشلىتىدىغىنى بولسا تارقىتىلغان نۇسخىسى.
لىنۇكس(linux)نىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش شەكلى باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرى بولسا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئېلخەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ linux تىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەمدە مۇتلەق كۆپ سانىدىكى يۇمشاق دېتاللار ھەممىسى ئەسلى كود شەكىلدە تارقىتىلىدۇ، ئابۇنتنىڭ مەلۇم بىر يۇمشاق دېتالنى قاچىلىشى ئازراق ئاۋارىچىلىك. ئۇنداق كۆپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يۇمشاق دېتالنى، ئابۇنتلارغا ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس. شۇڭلاشقا، بەزى ھەۋەسكارلار ئۆزى ياسىغان سىستېمىغا ئىسىم قۇيۇپ، تارقىتىش نۇسخىسىغا ئايلاندۇرغان، تارقىتىش نۇسخىسى ئابۇنتلار ئۈچۈن بىر يۈرۈش يۇمشاق دېتاللارنى تاللاپ،ئابۇنتلارنىڭ قاچىلىشىغا قۇلايلىق ئەكەلگەن.
تارقىتىش نۇسخىسىمۇ تەرەققىي قىلغان (开发)يۇمشاق دېتالغا ئوخشاش تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، تارقىتىش نۇسخىسىنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ، ھەر بىر تارقىتىش نۇسخىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار: بەزى تارقىتىش نۇسخىسى خىزمەت پونكىتى (作工作站)قۇرۇشقا ماس كەلسە،بەزىلىرى مۇلازىمېتىر (服务器)قۇرۇشقا ماس كېلىدۇ،بەزىلىرى ئۈستەل يۈزى ئاپپاراتى(桌面机) قۇرۇشقا ماس كەلسە، بەزىلىرى ئوت مۇداپىئە تېمى(防火墙)، يول بۆلگۈچ(路由器)قۇرۇشقا ماس كېلىدۇ.
س:لىنۇكس(linux) بىلەن Windows قانداق ئوخشىمايدۇ؟
ج:لىنۇكس(linux) بىلەن Windows پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، مەن كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلسام، لىنۇكس(linux) نى دەسلەپ ئۆگەنگەن ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنىڭ Windows نى ئىشلىتەلەيدىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
س:لىنۇكس(linux) نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلىشى نېمانداق يامان؟
ج:لىنۇكس(linux) بولسا ئىچكى ساقلىغۇچ بولسىلا ئىشلىتىدۇ، كۆپ ساندا كېچىكمە ساقلاش(缓存) ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. (مەسىلەن ئەگەر دىسكا بىر ھۆججەتنى ئۇقۇپ بولغاندىن كېيىن باشقا پروگرامما يەنە بۇ ھۆججەتنى ئوقۇماقچى بولسا، ئەگەر كېچىكمە ساقلاش(缓存)بولسا، بىۋاسىتە ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئوقۇسىلا بولىدۇ).
يەنى لىنۇكس(linux) دىكى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن Windows نىڭ ئۇقۇمى ئوخشىمايدۇ. Windows دا دىسكا بوشلۇقىنى ئىشلىتىپ تەقلىدىي بولغان ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ دېيىلىدۇ. بىراق لىنۇكس(linux) دا بولسا يۇمشاق دېتال ئىشلىتەلەيدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇق مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ دېيىلىدۇ، يۇمشاق دېتال بولسا ئۆزىنىڭ ئىشلەتكىنىنىڭ فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچتىكى بوشلۇقمۇ ياكى دىسكىدىكى بوشلۇقمۇ بىلمەيدۇ. لىنۇكس(linux) دىسكىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ بوشلۇقى ئالماشتۇرۇش بوشلۇقى ((交换空间(swapspace)) دېيىلىدۇ، ئەگەر يەككە بولغان رايوننى ئالماشتۇرۇش بوشلۇقى قىلساق، دائىم بۇ رايوننى ئالماشتۇرۇش رايونى (交换分区)دەپ ئاتايمىز. Windows ھەمىشە مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىشلىتىدۇ؛ بىراق لىنۇكس(linux) ھەمىشە ئالماشتۇرۇش بوشلۇقىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا، لىنۇكس(linux) دا فىزىكىلىق ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئىشلىتىلىشى 100% گە يېقىنلاشقاندىمۇ سىستېما ئازراقمۇ ئاستىلىمايدۇ؛ بىراق ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشمەسلىك ئەسكەرتىشى بولسا ئالماشتۇرۇش بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى يۇقىرى، بۇ ۋاقىتتا سىستېما ئىنكاسى زور تۆۋەنلەيدۇ.
س:لىنۇكس(linux) دا نېمىشقا مېنىڭ كومپيۇتېرىم يوق؟ C دىسكا نەگە كەتتى؟
ج:لىنۇكس(linux) بىلەن Windows نىڭ مۇندەرىجە تەشكىللەش شەكلى ئوخشىمايدۇ. Windows ئاستىدا قوزغاتقۇچ(驱动器) يول(路径) ئۈچۈن يىلتىز نۇقتىسى(根节点)، قانچە قوزغاتقۇچ بولسا شۇنچە يىلتىز نۇقتىسى بار، بۇ بولسا DOS تىن بىۋاسىتە داۋاملىشىپ كەلگەن، ئۆتۈشچانلىق مەسىلىسى بولغانلىقتىن ئۆزگەرتىشكە ئامال يوق. Linux دا پەقەت بىرلا يىلتىز نۇقتىسى بار، قوزغاتقۇچ ئېسىلغان(挂载)دىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھۆججەت سىستېمىسى بىر مۇندەرىجە بولۇپ يىلتىز نۇقتىنىڭ بىر تارمىقىدا كۆرۈنىدۇ، زىيارەت قىلغاندا، مۇندەرىجە تەشكىلى ۋە قاتتىق دېتال پۈتۈنلەي ئايرىلغان مۇناسىۋەت.
ئېسىلغان(挂载)ۋە چۈشۈرۈلگەن(卸载) بولسا قارمۇ-قارشى جەريان، ئېسىلغان بولسا بىر ئەسۋاب ئۈستىدىكى ھۆججەت سىستېمىسىنى بىر مۇندەرىجە قىلىپ، زىيارەت قىلىدۇ؛ چۈشۈرۈلگەن بولسا مەلۇم ئەسۋاب ئۈستىدىكى ھۆججەت سىستېمىسى ۋە ئۇنىڭ ئېسىلغان نۇقتىسى ئايرىلغان مۇناسىۋەت.
ئەمەلىيەتتە، Windows2K دىن باشلاپ،Windows نىڭ ئىچكى قىسمىمۇ Linux غا ئوخشايدىغان يەككە دەرەخ شەكىللىك مۇندەرىجە تەشكىلى شەكلىنى قوللانغان، بۇ نېمىشقا بارماق دىسكىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى.
س:لىنۇكس(linux) دا ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى ۋىرۇسخور بارمۇ ؟
ج:بار، بىراق دائىم ئېھتىياجلىق بولمايسىز. چۈنكى لىنۇكس(linux) ۋىرۇسى يوق دېگۈدەكلا، لىنۇكس(linux) نىڭ بىخەتەرلىك تۈزۈلمىسى ۋىرۇسقا نىسبەتەن تەبىئىي قارشىلىقى بار، ھەمدە Windows نىڭ ۋىرۇسلىرىlinux دا يۈرگۈزۈلمەيدۇ.(ئۇلار ئوخشاش بولمىغان سىستېما). Linux دىكى ۋىرۇسخور بولسا دائىم windows نىڭ ۋىرۇسلىرىنى تازىلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن linux نى 3 يىل ئىشلىتىپ، ئەزەلدىن ۋىرۇسقا يولۇقمىدىم، قانداق تورغا چىقىشتىن،نېمە مەزمۇننى كۆرۈشتىن قەتئىينەزەر؛ ئەگەر windowsبولغان بولسا 3 ھەپتە ئىچىدىلا ئاساسى جەھەتتىن ۋىرۇس يۇققان بولاتتى.

ئەسلى مەنبە : www.ylmf.net

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 59 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 0 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 0 پارچە. دەلىللەنگىنى: 59

    ئىنكاس يېزىش

    سۈرىتىڭىز يوقما؟


    تاقاش×