تور بېكەت ياسىغۇچىلار سۈرىتى تىز، مۇقىم بولغان FTP ئابۇنتىغا ئېھتىياجلىق. مەن ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىش داۋامىدا نۇرغۇن قوراللارنى ئىشلىتىپ باقتىم، ماڭا ئەڭ يارىغىنى FileZilla بولدى. ئۇنىڭ ئابۇنت نۇسخىسى ۋە مۇلازىمېتىر نۇسخىسى بار بولۇپ، مەن تۆۋەندە ئابۇنت نۇسخىسى ئۇبۇنتۇغا قاچىلاش جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئېكران يۈزىنى بىر كۆرۈپ باقايلى. (سىناق قىلغىنىم ئۇبۇنتۇ 10.04)
قاچىلاش بۇيرۇقى:
تىل بولىقى قاچىلاش (ئىنگلىزچىسى ياخشىلار قاچىلىمىساڭلارمۇ بولىدۇ).
بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلاشنى ئاۋارىچىلىك بىلگەنلەر، ياكى نورمال قاچىلىيالمىغانلار يۇمتال مەركىزى (Ubuntu Software Center) ياكى Synaptic Package manager نى ئېچىپ FileZilla نى ئىزدەپ قاچىلىساڭلارمۇ بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۈچۈن Applications->Internet->Filezilla دىن قوزغىتىمىز.
FileZilla نىڭ Windows, Mac OS نۇسخىلىرىمۇ بار، ئىشلىتىش باشقا FTP ئابۇنتتىدىن پەرقلەنمەيدۇ.
بۇ دېتالنى قاچىلاش ئۈچۈن چوقۇم بۇيرۇق بىلەن قاچىلاش زۆرۈرمۇ؟؟؟؟؟
مەن مۇشۇ كود، بۇيرۇقلار بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايمەن، بۇ مېنىڭ ئۇبۇنتۇغا كۆچۈشۈمگە توسالغۇ بولامدۇ قانداق؟
ئۇنداقمۇ ئەمەس. مەسىلەن filezilla دېتالىنى بىۋاستە ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئىزدەپ قاچىلىسىڭىزمۇ ياكى، ئورگان بېتىدىن deb ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
windows دىن لىنۇكسقا يېڭى ئۆتكەندە، ھەممە ئادەم بۇيرۇقتىن زىرىكىدۇ. بىراق كۆنۈپ قالسىڭىز بۇيرۇق ئىشلىتىشنىڭمۇ ھەقىقەتىن قولايلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز. بىر بۇيرۇق بىلەنلا بىر دېتالنى قاچىلايسىز. ئۇبۇنتۇنى كۆنۈش ئۈچۈن بۇيرۇق يېزىشتىن ئۆزىڭىزنىڭ قاچۇرماڭ. سستېمىدىكى نۇرغۇن تەڭشەكلەرنى بۇيرۇق ئارقىلىق قىلىمىز، بەزى مەسىلىلەرنىمۇ قارا ئىكراندا بۇيرۇق ئارقىلىق ھەل قىلىمىز.
جىق بولغاندا كۆپ ئىشلىتىلدىغان 20 دەك بۇيرۇقنى ئۆگۈنىۋالسىڭىز، كۇنۇپكا تاختىسى دېگەننى ئوينىتىۋېتىسىز. غەيرەي قىلىڭ!!!
بولىدۇ ئەمىسە، مۇشۇ بىرقانچە كۈنگىچە يامان ئالدىراش بولىمەن، ئىشلار بىرپەس جىمىققاندا ئاندىن كۆچەي، ئىككى كومپىيۇتېرنى تەڭ قويۇۋىلىپ، بىرىدە تورغا چىقىپ بىلوگىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇپ قاچىلىمىسام قاچىلىيالمايمەن ھەقىچان، ھازىر ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىپ بولدىمۇ؟ ئالدىنقى كۈنى كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدىن كۆرگەن ئىدىم، %70 ئۇيغۇرچىلاشتى دەپ، بولسا شۇنىڭغىلا كۆچسەم، بولماي قالسا خەنچىسىنىمۇ ئىشلىتىپ تۇرساممۇ مەيلىتى