ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > >مەزمۇنى
ھەجەپ يالغۇز قالدىم
ئېلان قىلىنغىلى564 كۈن بولدى / / 85 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,867+

ئۇبۇنتۇنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەن، ھەم ئۇبۇنتۇغا ياكى باشقا لىنۇكس سىستېمىسىغا ئوتتەك ئىشتىياقى بار ھەمراھقا مۇھتاج بولۇپ قالدىم. ئۆتكەن بىر ۋاقىتتا تور بەتمۇ تور بەت ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىندى. بىراق ئۇبۇنتۇنىڭ ھەققىي ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئارتۇقچىلىقىنى قېرىنداشلىرىمىزغا تۇنۇشتۇرشقا سەل قارالدى. ئۆزەم ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىپ مۇشۇ ۋاققىچە بىر ئۇيغۇرچە يازمىدىن پايدىلىنىپ باقمىدىم دەپ كىسىپ ئېيتالايمەن.

ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكەندىن بىرسى ئىسگە كەلگەندە ئىككى تۆتتال يازما يېزىپ قويسا قانچىلىك ئادەمگە پايدىسى تەگمەكچى ئىدى؟ ئۇبۇنتۇغا ئوتتەك قىزىقىشىم ھەم ئۈچ يىل ئۇدا ئىشلىتىشتەك تەجىربەم بولغاچقا، مانا ھازىرچە بۇ بەتنى قۇرۇپ قويدۇم. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە ئۇبۇنتۇنى توغرا قاچىلىيالمىغاچقا تاشلاپ قويغانلىقىنى بىلدىم، ھەم قولىمدىن كىلىشىچە ھەمدەم بولدۇم. ئۇبۇنتۇ ئورگان بېتىگە ئىلتىماس قىلىپ uyghur.ubuntuformus.org نامىدا مۇنبەر قورۇشنى ئويلاپ كىلىۋاتىمەن. بىراق ۋاقتىم ئالدىراش شۇنداقلار ھەممە ئىشنى پىلانلاپ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇپ ماڭىدىغان مىجەزىم بولغاچقا بىر قولۇمنى ئىككى قىلىپ بولالماي قالدىم.

ئۇبۇنتۇ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشمىغىلى ئۇزۇن بولدى، نىمىشاق؟ كونا باھانە ”ۋاقىت يوق“. بەزىدە ئۆزەمگە تەرجىمە خىزمىتىگە ئۇزۇندىن بويان قاتنىشالمىساممۇ تەشۋىق خىزمىتىگە قاتنىشىپ، قېرىنداشلىرىمنى ئۇبۇنتۇ ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار قىلىۋاتىمەنغۇ دەپ تەسەللىي بېرىمەن. شۇنداقلا تەرجىمە خىزمىتىگە ئۈزلىكسىز ھەسسە قوشىۋاتقان غەيرەت ئەپەندىم … قاتارلىقلارغا ھۆرمىتمنى بىدۈرمەن.

شۇڭا مەن دېگەندەك كىشىلەر بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىڭلارنى سەممىي ئۈمد قىلىمەن. باشتا بۇ بىكەتنى بىرلىكتە بىر مەزگىل ماڭغۇزۇپ، ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىدىغانلار بىر ئاز ئاينىغاندىن كىيىن، مۇنبەردىن بىرنى بەرپا قىلساق!  :-)

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 85 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 12 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 3 پارچە. دەلىللەنگىنى: 70

  1. ئەلتىكىن : 2011-يىل 4-ئىيۇل19:01 جاۋاب

    مەن پىكىرىڭنى قوللايمەن ھەم سىزگە قۇلۇمدىن كىلىشچە ياردەمدە بۇلۇشقا تەييار ،مەنمۇ ئوبۇنتۇنى دەسلەپكى بىر ئاي ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ سىستىمىنىڭ نەقەدەر ياخشىلىقىنى ھىس قىلىدىم ھەم داۋاملىق ئىشلىتىپ كىلۋاتمەن،بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىش ئۈچۈن دائىم تور بىتىڭزنى زىيارەت قىلىپ ھەم توردىن ماتىريال كۈرۈپ ئۈگۈنىۋاتمەن ،يېقىن كەلگۈسىدە چۇقۇم بۇ سىسىتىمنى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر ئاممىسى چۇقۇم كۈپۈيدۇ…..شۇڭا بىز بۇنىڭ تەشۋىقاتىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تۇنۇشتۇرشىمىز كىرەك

  2. سۈرخان : 2011-يىل 13-ئىيۇل12:08 جاۋاب

    گەرچە ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ بېكىتىڭىز ۋە كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدىن بۇ مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن، ئاللا خالىسا پات ئارىدا مەنمۇ ئۇبۇنتۇغا كۆچىمەن ۋە سىزگە ياردەملىشىپ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ياردەملىشىمەن

  3. ئېلتەبېر : 2011-يىل 8-سېنتەبىر19:23 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرىنىڭ چ چ توپ نۇمۇرىنى دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن…مەنمۇ يىڭى ھەۋەسكار :smile:

  4. ئېلتەبېر : 2011-يىل 8-سېنتەبىر19:32 جاۋاب

    توپ نۇمۇرىنى تاپتىم..رەھمەت :razz:

  5. قارام ئنسان : 2012-يىل 11-فېۋرال18:38 جاۋاب

    منڭ شۇنداق ئشتىياقىم بار لېكىن تىل بەك بىلىپ كەتمەيمەن لېكىن سىزنى ياغۇزقويماسكىققا سىزدىگەندەك ھەمراببۇلۇشقا تىرىشارئىدىم

  6. aynuri : 2012-يىل 17-مارت06:03 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن راستىنى دىسەم بۇرۇن ئۇبۇنتۇ دىگەنكە قارىغۇممۇ كەلمەيتتى :shock: سەۋەبى بەك قولايسىز ھەم ئاۋارچلىقى تولا دەپ ھىسقىلاتتىم :?: :oops: توربىتىڭلادىكى مەزمۇننى كۇرۇپ يۇرۇپ ئۇبدانلا خاتالاشقانلىقىمنى ھېسقىلدىم :roll: شۇندىلا بىكەتكە كۈندە دىگۈدەك كىرىپ چىقىدىغان بولدۇم :eek: مىنىڭ خىزمىتىم كومپىيوتېر ئالدىدا بولغاشقىمۇ يۇمشاق دىتال ئېچىشقا شۇنداق قىزىقاتتىم :shock: ئەپسۇسۇ :cry: ئۆزئالدىمغا ياسىيالمايتتىم خەقنىڭ ياسىغىننى يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ :evil: ئۆزگەرتىپ ئۆزەمنى :idea: خوشقىلاتتىم توربىكىتىڭىزگە كىرىشنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كۈندە دىگۈدەك توربىتىڭىزنى :roll: تىمسىقىلاپ يۈردىغان بولدۇم سەۋەبى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال ئېچىشنىڭ پىرى ئكەنلىكىنى ھېسقىلغان ئدىم :mrgreen: ھەم قىزىقىشىم تېخىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى :cool: ،
    بۈگۈن توساتتىن سىزنىڭ يازغان ھەجەپ يالغۇز قالدىم دىگەن تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىزنىڭ شاگىرتىڭىز بۇلۇشنى لايىق تاپتىم :razz: ئەگەر خالىسىڭىزمەندەك بىريۈزى قېلىن :sad: قېرىندىشىڭىزنى تەربىتەلەشنى خالامسىز بىلمىدىم :???: بىلىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز :smile: ،

    :shock: مىنىڭ ھەم باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ پىپى تۇماق بۇلۇپ ئولتۇرۇۋېرىشىنى خالىمايمەن
    كونىلاردا مۇنداق بىرئالتۇنغاسېتىۋالغۇسىزابىرھېكمەت قالدۇرغان ئكەن.بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس،ئۆگەنمەسلىك ئەيىب.ئۆگۈنەلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس،تىرىشماسلىق ئەيىپ.
    :sad: شوڭىلاشقا ئۆزەمنىڭ ھەم باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ پىپى تۇماق بۇلۇپ ئولتۇرۇۋېرىشىنى خالىمايمەن . ھەم ئازتولا بولسىمۇ قېرىنداشلىرىمغا بىرنەرسە بىلدۈرۈپ قويسام دىگەن ئۈمۈتتەسىزدىن مىنى ئۇبۇنتۇ بىلىملىرىدە تەربىيەلەپ چىقىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ،
    ئمكانىيىتىڭىز ياربەرسە مىنى شاگىرتلىققاقۇبۇل قىلىشنى لايىق كۆرسىڭىز مەنبىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى چىنكۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن، ئالاقىلىشىشئۇسۇلى :تېلىفۇن:09912625176 18799170775 qq:272723523 Email: h198564@gmail.com

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 17-مارت11:15 جاۋاب

      شۇنداق، كىنۇكس يۇمشاق دېتال ئېچىش ئۈچۈن قولايلىق. بولۇپمۇ C/C++ ، چۈنكى ھەممە دېتالنىڭ دېگۈدەك ئەسلىي كودىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ يازغان كودىنى كۆرۈپ ئۈنىڭدىن ئۆگۈنۈشمۇ بەك ياخشى. چۈنكى پروگرامما يېزىپ بېقىپسىز بىلىسىز C/C++ ئىككىلىسىگە دەششەت پىشماق، بەك تەس ئىش.
      بىلوگقا يازاي دېسەم يازىدىغان دەرسە بەك كۆپ. ئۆزەم نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، مەخسۇس لىنۇكس مۇلازىمىتېرى تەربىيلەش كۇرسىدا 6 ئاي ئوقۇغان. مۇلازىمىتېر توغۇرلۇقمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازغۇم بار. لىنۇكسنىڭ بۇيرۇق ئۆگۈنۈش سۈرەتلىك دەرسىلىكىنىمۇ ئىشلىگىم بار. بىراق كونا باھانە ۋاقىت يوق.
      يېقىندا خىزمەتكە چۈشۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن. خىزمىتىم C/C++ پروگرامىرى. شىركەتنىڭ بىر ئايلىق تەربىيلىشىدىن كىيىن، ئۆزەمنىڭ ئىقتىدارى بىر مىتېر بولسا، شىركەن تەلەپ قىلىدىغىنىنىڭ 10 مىتېر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇ 9 مىتېر بوشلۇقنى تۇلۇقلۇشۇم، ھىچ بولمىغاندا قىسقارتىشىم كېرەكتى. شۇڭا بەك ئالدىراش.
      ئەگەر ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىپ باققۇڭىز بولسا 404011482 QQ نى قاچىلاڭ. مەن QQ جىق چىقمىساممۇ، بارلا بولسام ياردەم قىلىمەن. قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز bakhtiyar108@gmail.com غا خەت يېزىڭ. ىەت ساندۇغۇمنى كۈندە نەچچە رەت تەكشۈرىمەن.

  7. تەنزىل : 2012-يىل 17-مارت11:45 جاۋاب

    :

  8. تەنزىل : 2012-يىل 17-مارت12:18 جاۋاب

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاكا سىزگە ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا سالامى بولسۇن.
    مەن ھازىر تۇلىمۇ ھاياجان ئىچىدە سىزگە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. ئەڭ ئاۋال سىزگە مىللتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۇبۇنتۇدەك بىزنىڭ تىلىمىزغا يات بولغان بىر مەشغۇلات سىستىمىسنى بىزگە تۇنۇشتۇرۇپ ئىشلتىشنى ئۈگۈتۈپ جان كۆيدۈرۈپ ئەجىر سىڭدۈرۋاتقانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.سىزنىڭ شۇ قىلغانلىرىڭىزغا قاراپ مەن ئۈزۈمنى بىر يارىماستەك ھىس قىلىۋاتىمەن. سىزگە بارلىق ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكالىرى نامىدىن نۇرغۇنلىغان ھەم كۆپلىگەن رەھمەتلەر ئېيتىمەن.كۆپ رەھمەت سىزگە.

  9. تەنزىل : 2012-يىل 17-مارت13:09 جاۋاب

    ئاكا سىزدىن يەنە بىر قېتىم ئاۋارە قىلاي،
    ئۇبۇنتۇدا مۇسۇلمانلار پايدىلنالىغىدەك بىرەر جاي بارمۇ؟ بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
    بەك ئاۋارە قىلدىم ھە سىزنى كەچۈرۈڭ :arrow:

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 17-مارت14:22 جاۋاب

      مۇنداق گەپ. مۇسۇلمانلار پايدىلىنىدىغان يىرىگە كەلسەك. ناماز ۋاقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، قىرائەت قىلىدىغان دېتاللار، windows دىمۇ بار. ئۇبۇنتۇدىمۇ بار. شۇڭا قايسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇبۇنتۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا باشقا سىستىمىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقىمۇ يوق. قايسى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
      بىراق ئالىي مەكتەپتە بىر ساۋاقدىشىم بىزنىڭ ئىمامتى (ئىچكىرىدا جۇمەنى مۇشۇنداق ئوقۇيمىز). بىراق ئۇ windows نىڭ ھەققىي نەشىرىنى سېتۋالماي، 5 كويلۇق ئوغۇرى نەشىرىنى ئىشلەتسەم ھارام نەرسە ئىشلەتكەندەك بوپ قالىدىكەنمەن دەپ ماڭا ئۇبۇنتۇ قاچىلىتىپ ئىشلەتكەن. چۈنكى ئۇبۇنتۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئەمەسمۇ.
      قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ كۆرۈڭ، مەن بىر نەرسە دىيەلمەيمەن

  10. تەنزىل : 2012-يىل 17-مارت18:55 جاۋاب

    ھە كۆپ رەھمەت سىزگە؟ ئاۋارە قىلدىم.
    ئۇبۇنتۇنى قاچىلغاندا windows قا ئوخشاش كومپيۇتېرنى قايتا قوزغۇتۇپ باشتىن قاچىلايمىزمۇ ياكى بىۋاستە ئىجرا قىلىپ (我的电脑دىن ئېچىپ) قاچىلايمىزمۇ بۇ توغۇرلۇق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
    يەنە بىر چۈشىنەلمىگەن يىرىم قوش سىستىما قىلىش دىگەننى مەن چۈشنىەلمىدمغۇ. بۇ گەپ ئۇبۇنتۇ بىلەن ۋىندوۋىسنى بىللە ئىشلتىش دىگەن گەپمۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا قانداق قىلىپ قوش سىستما قىلىمىز بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسڭىز ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن. سىزنى ئاۋارە قىلدىم. :arrow:

  11. تەنزىل : 2012-يىل 17-مارت19:13 جاۋاب

    ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلىرىنىڭ چ چ توپ نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.

    ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن كۆپ ئاۋارە قىلدىم

  12. شۆھرەت : 2012-يىل 11-ئاپرېل19:39 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار .
    ئۆزەم چەتئەلدە ياشىغاچقىمۇ ، ئۇيغۇر تېل يېزىقىغا شۇنداق شەيدا بولۇپ قالدىم . بۇرۇن بىلمەپتىمەنكەن ، ھازىر ئۇيلاپ باقسام ئۇيغۇر يېزىقى شۇنداق چىرايلىق كۆرىنىدۇ ..
    قايسى ۋاقتىلاردا ۋىن 8 نىڭ ئۇيغۇرچسى چىقىدۇ دىگەن خەۋەر تارقالغاندا ، ئۆزەمنى قويدىغان يەر تاپالماي قالدىم . خۇشاللىقتا بىر كىچە ئۇخلىماي سېناق نۇسخىسىنى چۇشۇرۇپ شۇ كۈنلا ئىشلەتتىم . لېكىن ھەقىقى نۇسخىسى يەنە 6 ئايدىن كېيىن چىققۇدەك دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئالتە ئاي ساقلاشقا چامىم يەتمىدى ، شۇڭا توردىكى ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى ئۇيغۇرچىنى 95 پىرسەنت قوللىدى دىگەن تېمىلارنى ئوقۇپ مۇشۇنى بولسىمۇ ئىشىلىتىپ خۇمارىمنى باساي دەپ ئۇبۇنتۇ 10.11 نى چۇشۇرۇپ سېناپ باقتىم . ئۇيغۇرچىنى بەك ياخىشى قۇللىدى ..ھازىر مەندە قۇش سېستىما بار ۋىن 8 ۋە ئۇبۇنتۇ 10.11 ، كۇندە دىگۇدەك ئۇبۇنتۇنى زىيارەت قىلىمەن . ھۇزۇرلىنىمەن .
    ئۇيغۇرچىنىلا قوللسا مەن ھەرقانداق سىتىمىنى ئىشلىتىشكە رازى .

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 12-ئاپرېل19:35 جاۋاب

      ئۆزەم چەتئەلدە بولمىساممۇ ھىسسىياتىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن. چۈنكى مەنمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقىلى 8 يىل بولدى. يەنە مۇشۇ يەردە بىر شىركەت بىلەن 4 يىللىق توختام ئىمزالاپ، ھازىر ئىشقا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن.
      بۇرۇن ئىسىمدە ئۆيدىن پوسۇلكا كەلسە، يەيدىغان نەرسە ئوراقلىق ئويغۇرچە، بۇرۇن ئەزەلدىن ئوقۇپ سالمايسدىغان كونا گېزىتلەرنى بىر-بىر ئوقۇپ كىتتەتتىم. :mrgreen:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×