ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

ئېنگلىزچە ئارا يۈزدە خەنزۇچە خەت نورمال ئەمەس

0 نومۇر
ئۇبۇنتۇنىڭ ئارا يۈز تىلىنى ئېنگلىزچە ياكى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىسەم خەنزۇچە خەتلەر سەت كۆرۈنۈپ قالدى، سىلىق ئەمەس. تىلىنى خەنزۇچىغا تەڭشىسەم خەنزۇچە خەتلەر شۇنداق چىرايلىق چىقتى. ئېنگلىزچە ياكى ئۇيغۇرچە ئارا يۈزدە خەنزۇچە خەتلەرنى (مەسىلەن ھۆججەت ئىسمى، تور بەت يۈزىدىكى خەتلەر...) چىرايلىق، سىلىق چىقىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
ئاۋارە قىلدىم...
meptun تەرىپىدىن سورالدى 1 ئاي ئىلگىرى ئاساسىي مەشغۇلات كاتېگورىيىسىدە

1 جاۋاب

0 نومۇر
Code:
sudo vim /etc/fonts/conf.d/49-sansserif.conf

بۇ ھۆججەتنى ئىچىپ، 9، 12، 18 قوردىكى <string></string> ئارىسىدىكى خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېرغا قاچىلىغان خەنچە خەت نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۋېتىپ، سىسىتېمىنى قايتا قوزغۇتۇڭ. مەسىلەن مىنىڭكى <string>微软雅黑</string> مۇنداق.

vim ئىشلىتەلمىسڭىز، gedit, nano بىلەن ئېچىپ ئۆزگەرتىڭ.
Bakhtiyar تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 1 ئاي ئىلگىرى

ئالاقىدار سوئاللار