ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

مەكتەپ تورىدا ئۇبۇنتۇنى تورغا ئۇلاش توغۇرسىدا ياردەم ..!!

0 نومۇر
ئەسسلاممۇ -ئەلەيكۇم .. سىزدىن مۇنداق بىر ياردەمنى سوراي دىگەن .. ubuntu بىلەن ئۇچىراشقىلىمۇ ئانچە ئۇزۈن بولمىغان ،دەسلەپ ئىشلەتكىنىمدە VMW دا مەۋھۇم كومپۇتېر قۇرۇپ ئۆگەنگەن ھەپتە بولدى wubi ئارقىلىپ win7 بىلەن قوش سېستىما قىلۋالغىلى ..لىكىن تورغا يىتەكلەش ئۇسۇلنى قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم ،توردىن ئىزدەپ باقتىم مائارىپ تورىدا ئىشىلتىرىغان mentohust دىگەن دىتالنى چىقىرىپ بەردى ..ئۇنىڭ dep بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاي دسەم ubuntu غا ئەكىرگەندىن كېيىن قايسى بىر ئۇچۇرنى چىقىرىپ مۇۋاپىقىيەتلىك قاچلانمدى..مەن شنجاڭ ئونۋىرسىتىدا ،مەكتەپتىكى كومپۇتېرلار ئاساسەن ئۇقۇغۇچىلار ئىشىلتىدىغان(ئۇقۇتقۇچىلار ۋە ئىشخانىلاردا قانداق نەرسىنى ئىشىلتىپ تورغا ئۇلايدىغىننى بىلمەيمەن) 虚拟adsl دەيدىغان بىر نەرسە بار..شۇنى ئىشىلتىپ تورغا چىقىمىز مەكتەپنىڭ ئالدىنقى ماۋسۇمدىن باشلاپ ھەقسىز ئېچىۋەتكەن sd62 ,chntelfree1,2,3,4 … دەيدىغان ئابونت ئىسىملىرى بار ..ئەگەر سەينادا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىدىن چىقىدىغانلار بولسا ئېنىق بىلىدۇ ..مۇشۇلارنى ئىشىلتىپ تورغا ئۇلايمىز … مەكتەپ تەمىنلەپ بەرگەن IP ھەركەتچان IP پات -پاتلا ئۆزگىرەپ تۇرىىدۇ70.255~.111.115.60 مۇشۇ دائىرىدە ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ..تورغا ئۇلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەكتەپنىڭ تورلىرىنى نۇرمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ ..客户端 نى ئاچقاندىن كېيىن ئاندىن سىرتقى تورغا نۇرمال چىقالايمىز … بىر قاملاشمىغان يىرى 客户端 نى پەقەت Windows ئابونتىلىغالا تەمىنلەپ بېرىپتىكەن ..mac ۋە linux ئابونتلىرىغا تەمىنلەپ بەرگەن 客户端 يوقكەن .. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن ubuntu نى تورغا يىتەكلىيەلەمدىم ..ئىشىلتىدىغان باشقا ئۇسۇللار بارمۇ ؟؟؟ بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز ..!! رەھمەت!!
alpha تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى

1 جاۋاب

0 نومۇر
ۋەلەيكۇم ئەسسالام قېرىنداش. مەنمۇ شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدا ئوقۇيمەن، مەنمۇ دەل سىىلىگە ئوخشاشمەسىلىگە دۇچ كەلدىم. adsl虚拟客户端نى ubuntu دا ئىشلەتكىلى بولمىغاچقا ئامالسىز سىمسىز تور ئىشلىتىپ تۇرىۋاتىمەن. بەلكىم linuxسىستىمىسى قوللايدىغان 虚拟客户端 نى چۈشۈرسەك ئىشەپ قېلىشى مۇمكىن . تەڭ ئىزدىنىپ ئورتاق ئىلگىرلەيلى، ئەمسە ھەل بوپ قالسا خەۋەر قىپ قوياسىلە...
kaxkarlek تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 2 ئاي ئىلگىرى

ئالاقىدار سوئاللار

0 نومۇر
1 جاۋاب
dilsiri تەرىپىدىن سورالدى 1 ئاي ئىلگىرى تور بىلىملىرى كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
kbjys تەرىپىدىن سورالدى 3 ئاي ئىلگىرى تور بىلىملىرى كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
0 جاۋاب
iDiqut تەرىپىدىن سورالدى 6 ئاي ئىلگىرى ئاساسىي مەشغۇلات كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
kbjys تەرىپىدىن سورالدى 3 ئاي ئىلگىرى ئاساسىي مەشغۇلات كاتېگورىيىسىدە