ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىنى قانداق قىلىپ rootدەرىجىسىگە كۆتۈرۈمىز؟

0 نومۇر
ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى سالاھىيتىدە كىرسەم مۇشۇ بەتنىڭ ھىچقانداق خەت نۇسخىسى كۆرۈنمەيدۇ، پەقەت رەسىملەرلا كۆرۈنىدۇ، rootنامىدا كىرسەم ساپ ساق.
يەنە بىرسىگە، روتت نامىدا كىرسەم، Libreoffice دا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخلىرى نورمال، لىكىن ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى نامىدا كىرسەم ئۇيغۇرچە ھىچقانداق خەت نۇسخىشى كۆرۈنمەيدۇ.
ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى نامىدا سىز دىگەن بۇيرۇق بىلەن خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلىغى بولمىدى.
شۇڭا چوقۇم رەسمىي يوسۇندىكى rootدەرىجىسىگە زادى كۆتۈرۈش كىرەك ئىدى، خەنچە مەنبەلەردىن ئىزدەپ پەقەت تاپالمىدىم، بارلىق ئۇسۇللارنى سىناپ باقتىم. suduetcھۆججىتىنىمۇ ئۆزگەرتىپ باقتىم، ئامال بولمىدى.
ۋالىۋاش تولا سىستىمىدەك قىلىدۇ-بۇ.
بىر ياردەم قىلسىڭىز.
Ferhad تەرىپىدىن سورالدى 2 كۈن ئىلگىرى ئاساسىي مەشغۇلات كاتېگورىيىسىدە

1 جاۋاب

0 نومۇر
خەت نۇسخىسىنى قايسى ئۇسۇل بىلەن قاچىلىغان؟ سىز دېگەن مەسىلە ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى شۇ خەت بۇسخىسىنى ئىشلىتەلمىدى دېگەن گەپ.
Bakhtiyar تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 2 كۈن ئىلگىرى
خەت نۇسخىسىنى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى سالاھىيتىدە (بۇيرۇق بىلەن خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ،) شۇنىڭ بىلەن قوش چىكىپ، يۇمشاق دىتال مەركىزىدىن چىققان قاچىلاش كونۇپكىسىغا ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلىغان، لىكىن officeدا خەت نۇسخىلىرى كۆرۈنمىدى.
root نامىدا كىرىپ، ھۆججەت قىسقۇچنى يىشىپ خەت نۇسخا ئامبىرىغا ug-ttf-fonts دىگەن خەت نۇسخا ھۆججەت قىسقۇچىنى بىۋاستىلا كۆچۈرۈپ قويغان.

(ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى سالاھىيتىدە كۆچۈرگىلى بولمايدىكەن، ھەتتا روتت ھالەتتە كۆچۈرگەن ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە كىرگىلىمۇ بولمىدى.
خەت نۇسخىسىنى قوش چىكىپ، قاچىلىغاندا، خەت نۇسخىسى ئاپتوماتىك ھالدا شۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۆي مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى .fonts ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىگە كۆچۈرىلىدۇ، ھەم شۇ ئىشلەتكۈچى ئۆزىلا ئىشلىتەلەيدۇ.

خەت نۇسخىسىنى ئەڭ ئۆلچەملىك قاچىلاش ئۇسۇلى مۇنۇ يازمىدا، كۆرۈپ بېقىڭ:
https://www.uyghur-archive.com/ugubuntu/ubuntugha-font-qachilash.html
بۇ يەردە chmod بۇيرۇقى بىلەن خەت نۇسخىسى ھوقۇقنى 777 قىلىپ بەرگەن، بۇنداق بولغاندا، مۇشۇ كومپيۇتېردىكى بارلىق كىشىلەر مۇشۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ

ئالاقىدار سوئاللار

0 نومۇر
1 جاۋاب
0 نومۇر
1 جاۋاب
+1 نومۇر
1 جاۋاب
0 نومۇر
0 جاۋاب