ئۇيغۇر تىلى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى ھەققىدە* غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات تارىخىنى دەۋرگە بۆلۈش ئاساسىي نىشان قىلىنىپ، جۇڭگو ۋەچەت ئەل ئالىملىرىنىڭ پۈتكۈل تۈركىي تىللارنى دەۋرگە بۆلۈش قارىشى بايان قىلىنىش بىلەنبىللە، ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىنى قەدىمكى زامان ئۇيغۇرتىلى، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامانئۇيغۇر تىلى دەپ تۆت باسقۇچقا ئايرىش قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچ _________ * مەزكۇر ماقالە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات فوندىنىڭ 2010- يىللىق تەتقىقات تېمىسى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»نىڭ باسقۇچلۇق تەتقىقات نەتىجىسى. تەستىق نومۇرى: 10BYY076 ئۇيغۇرلار مەيلى موڭغۇل يايلاقلىرىدا بولسۇن، مەيلى تەڭرىتېغىنىڭجەنۇبىي، شىمالىي ئېتىكىدە بولسۇن ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولسۇن،تارىختا ئۆز تىلىنى يېزىق دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن تۈرلۈك يېزىقلاردا ئىپادىلەپ كەلگەن.ھاكىمىيەت، دىن، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى كۆپلەپ باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەنە شۇتارىخ ئېقىنىنى بويلاپ ئۆز تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر تىلى تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى ئۇيغۇر تىلى تارىخىھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنلىرىگە بىۋاسىتە تەسر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر تىلى تارىخىنىدەۋرلەرگە بۆلۈش مەسىلىسى ئۇزاقتىن بېرى ئالىملارنىڭ كۈچلۈك دىققەت- ئېتىبارىنى تارتىپكەلمەكتە. ئېلىمىزدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئالىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنىدەۋرلەرگە ئايرىشتا، ھەرقايسىسى ئۆز چۈشەنچىسى ۋە قاراشلىرى بويىچە ھەر خىل يول تۇتقان.زادى قانداق دەۋرگە ئايرىش ھازىرغىچە بىر تۇرغۇچقا كېلەلمىگەن مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.بەزىلەر ئۆز ۋاقتىدىكى، يەنى ئەينى ۋاقىتتا تېپىلمىلارنىڭ دەسلەپ تېپىلغان ۋاقتىدىكىقىياسى بويىچە ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلىرى ئۇنى قىسمەن ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرىغاقويماقتا. يەنە بەزىلەر بولسا ئۇنى مەلۇم مىللەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى بويىچە ئاتاشنىلايىق تاپماقتا. ئەمما شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈركىي تىللار ئائىلىسىدىكى تىللارھەرگىزمۇ بىر- بىرىدىن مۇستەسنا، ئايرىم ھالدا تەرەققىي قىلغان ئەمەس، ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ ئىچىدە، بىر- بىرىنى شەرت قىلىپ ھەم تولۇقلاپ خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋردىنكېيىن، ئەينى دەۋردىكى قەبىلە، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئاساسىدا ئايرىم مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا تۈركىي قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى باشلامچى، يېتەكچى قەبىلىلەرنىئاساس قىلىپ مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەچكە، ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىي قەبىلىلەرتىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم غول شاخلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانا تۈپىنى ھۇن دەۋردىكىقەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر تىلى ياكى ئورتاق ئالتاي تىلى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز. بەزى ئالىملار ئومۇمىي تۈركىي تىللارنى بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچەدەۋرگە بۆلۈپلا چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرقى زاماندىكى كونكرېت تىللارنى، بولۇپمۇئۇيغۇر تىلىنى دەۋرلەرگە بۆلۈپ كونكرېت ئىپادىلىمىگەن. جۇڭگو ۋە چەت ئالىملىرى ئۇيغۇرتىلىنى دەۋرگە بۆلگەندە، ئاساسلىقى قەدىمكى تۈركىي تىللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىشقىلغان. بۇ ئالىملار قەدىمكى تۈركىي تىللارنى مۇنداق دەۋرلەرگە بۆلىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى باسكاكوف قەدىمكى زامان تۈرك تىلىۋە ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى مۇنداق ئالتە باسقۇچقا يىغىنچاقلايدۇ 1) ئالتاي دەۋرى (بۇ دەۋرنىڭ ئېنىق يىلىنى بېكىتىش مۇمكىن ئەمەس)؛ (2) مىلادىيە5- ئەسىردىن بۇرۇنقى ھۇن دەۋرى (بۇ دەۋر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادىيە5- ئەسىرگىچە بولغان ھۇنلار دەۋرى)؛ (3) 6 ~ 9- ئەسىرلەردىكى قەدىمكى زامان تۈرك تىلىدەۋرى؛ (4) 9 ~ 15- ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (5) 16~19- ئەسىرلەردىكى يېقىنقى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (6) 20- ئەسىردىكى ھازىرقى زامانتۈركىي تىللار . ۋېنگىرىيەلىك تۈركولوگ رونا تاسنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈش ئەھۋالىتۆۋەندىكىچە: (1) ئالتاي/ ئىلگىرىكى تۈرك تىلى دەۋرى (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3000 ~4000- يىللار)؛ (2) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3000 ~500- يىللاردىن مىلادىيە 400- يىلغىچە)؛ (3) يېقىن قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى(مىلادىيە 400 ~ 550- يىللاردىن مىلادىيە 1000 ~ 1200- يىللار)؛ (4) ئوتتۇرا قەدىمكىزامان تۈرك تىلى دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىيە 1200- يىلىدىن باشلىنىدۇ، تۆۋەنگە قاراپماڭغاندا ھەر قايسى دەۋرلەر كونكرېت تىللارغا ئاساسلىنىپ ئايرىلىدۇ)؛ (5) يېڭى تۈركىيتىللار دەۋرى؛ (6) ھازىرقى زامان تۈرك تىللىرى دەۋرى. . تۈركىيەلىك ئالىم ئەخمەت جەفەر ئوغلۇ تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىنىيەتتە دەۋرگە بۆلىدۇ: (1) ئالتاي دەۋرى (تۈرك- موڭغۇل ئورتاق گەۋدىسى)؛ (2) ئەڭ قەدىمكىتۈرك تىلى دەۋرى (ئىپتىدائىي تۈرك تىلى گەۋدىسى)؛ (3) ئىپتىدائىي تۈرك تىلى دەۋرى؛(4) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (5) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛(6) يېقىنقى زامان تۈرك تىلى دەۋرى؛ (7) ھازىرقى زامان تۈرك تىلى دەۋرى. . ۋېنگىرىيەلىك تۈركولوگ لىگېتى مىلادىيە 6- ئەسىردىن كېيىنكىتۈرك تىلىنىڭ تارىخىنى ئۈچ ئاساسىي دەۋرگە بۆلىدۇ: 1) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى (مىلادىيە6 ~ 9- ئەسىرلەر)؛ 2) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى (مىلادىيە 5 ~ 15- ئەسىرلەر)؛3) يېقىنقى زامان تۈرك تىللىرى دەۋرى (16- ئەسىردىن ھازىرغا قەدەر) . ئامېرىكىلىق نىكولاي پوپپې تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىنى مۇنداقبەش دەۋرگە بۆلىدۇ: 1) ھۇن تىلى دەۋرى (مىلادىيە 4 ~6 - ئەسىرلەر)؛ 2) ۋولگا، دونايبۇلغارلىرى تىلى دەۋرى (6- ئەسىر)؛ 3) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى (6 ~ 10- ئەسىرلەر)؛4) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى (10 ~ 15- ئەسىرلەر)؛ 5) ھازىرقى زامان تۈركىيتىللار دەۋرى (16- ئەسىردىن كېيىن). . سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركولوگى تېنىشېف قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكىيازما يادىكارلىقلار تىلىنى مۇنداق توققۇز ۋارىيانتقا ئايرىيدۇ: 1) رۇنىك ئورتاق تىلى(7 ~ 9 - ئەسىرلەر)؛ 2) قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (8 ~ 10- ئەسىرلەر)؛ 3) قاراخانىيلارــــ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى؛ 4) خارەزم ــــ تۈرك ئەدەبىي تىلى (13 ~ 14- ئەسىرلەر)؛5) چاغاتاي ئەدەبىي تىلى (15 ~ 19- ئەسىرلەر)؛ 6) تۈرك ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ ۋارىيانتلىرى؛7) سالجۇق ئەدەبىي تىلى (13 ~ 14- ئەسىرلەر)؛ 8) مەملۇك ۋە ئەرمىنىيە- قىپچاق ئەدەبىيتىلى (13 ~ 14- ئەسىرلەر). گېرمانىيە مېينىز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لارس يوھانسونتۈركىي تىللار تارىخىنى مۇنداق تۆت دەۋرگە بۆلىدۇ: 1) قەدىمكى زامان دەۋرى:. 2) ئوتتۇرائەسىر: 3) ھازىرقى زاماندىن ئىلگىرىكى دەۋر: 4) ھازىرقى زامان دەۋرى . ئېلىمىز ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭتەرەققىياتىنى بايان قىلغاندا، ئۇنى مۇنداق تۆت باسقۇچقا بۆلىدۇ: 1) مىلادىيە 8- ئەسىردىن9- ئەسىرگىچە، بۇ دەۋرنىڭ تىلى «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»، «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈتېشى»، «سۇجى مەڭگۈ تېشى» قاتارلىق مەڭگۈ تاشلاردا كۆرۈلىدۇ؛ 2) 9- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە،يەنى «ئالتۇن يارۇق»، «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «خۇانسىفت» («مانى دىنى مۇرىتلىرىنىڭتوۋانامىسى»)، «ئېۋانگىلۇم»، «قۇتادغۇ بىلىك»، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»قاتارلىق يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى؛ 3) 13- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە، يەنى «ئوغۇزنامە»،«قىسسەسۇل ئەنبىيا» قاتارلىق يازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى؛ 4) 16- ئەسىردىن كېيىنكىيازما يادىكارلىقلارنىڭ تىلى . جاڭ تيېشەن ئەپەندى تۈركىي تىللار يازما يادىكارلىقلىرىنىدەۋرلەرگە بۆلگەندە، تىل ئالاھىدىلىكى، جەمئىيەت تارىخى، يېزىق تىپى قاتارلىق ئۈچ ئۆلچەمگەئاساسلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىدا بۇئۈچ ئۆلچەمگە ئاساسلىنىپ تۈركىي تىللار يازما يادىكارلىقلىرىنى تۆۋەندىكىدەك دەۋرگەبۆلىدۇ: 1) قەدىمكى زامان تۈرك تىلى يازما يادىكارلىقلىرى ياكى قەدىمكى زامان تۈركيازما يادىكارلىقلىرى (6 ~ 9- ئەسىرلەر)؛ 2) ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈركىي تىللار يازمايادىكارلىقلىرى ياكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى يازما يادىكارلىقلىرى (9 ~ 15- ئەسىرلەر)؛3) يېقىنقى زامان تۈرك تىلى يازما يادىكارلىقلىرى ياكى چاغاتاي تىلى يازما يادىكارلىقلىرى . يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالىملار تۈركىيتىللارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى دەۋرگە بۆلگەندە، ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغاقويغان ۋە تۈركىي تىللارنىڭ ئۆزىدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغاندەۋر ۋە باسقۇچلارغا بۆلگەن. لېكىن ئۇلاردىكى بىر ئورتاقلىق شۇكى، تۈركىي تىللارنىڭتەرەققىيات تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلگەندە جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تىلنىڭ ئۆزگىرىشىقاتارلىق ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقنىئىپادىلىگەن. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى ئالىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭتەرەققىيات باسقۇچىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرى ۋە ھازىرقىزامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى دەپ ئۈچ باسقۇچقا، يەنە بەزىلەر بولسا قەدىمكى تۈركىي تىلىدەۋرى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەۋرى، چاغاتاي تىلى دەۋرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدەۋرى دەپ تۆت باسقۇچقا، يەنە بەزىلەر بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى قەدىمكىزامان تۈرك تىلى دەۋرى، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرى، كاشغەر تىلى دەۋرى،چاغاتاي تىلى دەۋرى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن ئىبارەت بەش دەۋرگە ئايرىپتونۇشتۇرىدۇ. بىزمۇ بۇ قاراشلارنى خاتا دېمەيمىز. ئەمما شۇنى قەيت قىلىپ قويۇشىمىزكېرەككى، چەت ئەل ئالىملىرى ئۇنىڭغا قانداق نام بەرسۇن ۋە ياكى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارداقانداق خاتىرىلەنسۇن، ئۇيغۇر تىلى قەدىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بىر خىل لىنىيەنىبويلاپ، يەنى ئاشۇ تىلنى قوللانغۇچى خەلق ئەجدادىدىن ئەۋلادىغىچە ئاشۇ بىر تىلنى، يەنىئۇيغۇر تىلىنى تەرەققىيات باسقۇچى بويىچە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ تارىخىيماتېرىياللاردا قانداق خاتىرىلىنىشىدىن ۋە ياكى چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ قانداق چۈشىنىۋېلىشىدىنقەتئىينەزەر، ئۇ يەنىلا ئۇيغۇر تىلى دېيىلىشى كېرەك. چەت ئەل ئالىملىرى ئەڭ دەسلەپموڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىكى ئورقۇن- يېنىسەي دەريالىرى بويىدىن تېپىلغان ئابىدىلەر تىلىنىبايقىغاندا، ئۇنىڭ يېزىق شەكلىگە قاراپ، ئۇنى قەدىمكى گرېكلەر قوللانغان رۇنا (رۇنىك)يېزىقىغا ئوخشىتىپ قالغان، كېيىن بۇنىڭ قەدىمكى تۈركىي تىلى ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىنكېيىن، ئىستېخىيىلىك ھالدا ئۇنى «تۈرك- رۇنىك يېزىقى» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئورقۇن- يېنىسەيدەريالىرى بويىدىن تېپىلغانلىقىغا قاراپ «ئورقۇن- يېنىسەي ئابىدىسى تىلى» دەپمۇ ئاتىغان.دېمەك بۇ خىل ئاتاش ھەرگىزمۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئەينىۋاقىتتىكى شارائىت بويىچە كۆنۈپ قېلىشتىن بولغان. «ئۇيغۇر» سۆزىنىڭ قەدىمكى خەنزۇچەتارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىمۇ ئەنە شۇنداق ھەرقايسى دەۋردىكى تارىخشۇناس ۋەتەرجىمانلارنىڭ ھەر خىل خەتلەرنى ئىشلىتىپ «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئىپادىلىگەنلىكىدىن باشقانەرسە ئەمەس. ئەلۋەتتە، تارىخىي دەۋرلەردە ئارىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېقىن- يىراق بولۇشى،خانلىقلار ئارىسىدىكى قوشۇلۇش- بۆلۈنۈش سەۋەبلىرى، ئىتتىپاقلىشىش- قارشىلىشىش جەريانلىرىتۈپەيلىدىن شۇ بىر سۆزنى ئىپادىلەيدىغان خەتلەرنىڭ بەزىدە ئىجابىي مەنىدىكى خەتلەرگە،بەزىدە سەلبىي مەنىدىكى خەتلەرگە ئالماشقانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمىساقمۇ، لېكىنئۇنىڭ پەقەت شۇ بىرلا «ئۇيغۇر» سۆزىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز.«چاغاتاي تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي يېزىقى»، «چاغاتايچە» دېگەن ئاتالغۇلارئۈستىدىمۇ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆپ. چۈنكى چىڭگىزخاننىڭئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن موغۇلىستانغا خان بولۇپ، چاغاتايخانلىقىنى قۇرغاندا، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى يەنىلا يەرلىك ئۇيغۇرلار بولۇپ، چاغاتايبۇ تىل- يېزىقنى موڭغۇل خانىدانلىقىدىن ئېلىپ كەلمىگەن، شۇنداقلا بۇ ئۇ خانلىق تەختىگەچىققاندىن كېيىن قوللانغان تىل- يېزىقمۇ ئەمەس، بۇ تىل- يېزىق مۇشۇ يەردە، ھەتتا ئۆزدائىرىسىدىنمۇ كەڭ دائىرىدە بۇرۇندىن قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان تىل- يېزىق. «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى ئەمەلىيەتتە، ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ۋە ‹قۇتادغۇ بىلىك›قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرباش بەلگە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋرئۇيغۇر تىلى)نىڭ داۋامى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى، ھېلىھەم زوق- شوخ بىلەنتەرەننۇم قىلىنىۋاتقان ۋە تۈگىمەس- پۈتمەس مۇھەببەت بىلەن ئوقۇلىۋاتقان ئۇيغۇر 12 مۇقامىتېكىستلىرىنىڭ تىلى بولغانلىقى، شۇنداقلا ھازىرغىچە بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا،نىسبەتەن زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان ئەدەبىي، تارىخىي ۋە ئىسلامىي ئەسەرلەر يېزىلغانشاراپەتلىك تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلىشھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىي قىممەت، رېئال ئەھمىيەت ۋە ئىقباللىق زۆرۈرىيەتكە ئىگىدۇر.» شۇڭا،بۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ بۇ تىل- يېزىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق بىر خاننىڭنامى بىلەن ئاتىلىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. يۇقىرىقى سەۋەبلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتباسقۇچلىرىنى دەۋرلەرگە ئايرىشتا، يەنىلا ئەسلىگە سادىق، ئىلمىي، بىر يۆنىلىشلىك بولۇشنىئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» ئۈستىدە توختالغاندا،چوقۇم مۇشۇ نۇقتىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچەبولغان تەرەققىيات باسقۇچىنى تۆۋەندىكىچە بىر پۈتۈن سىستېما بويىچە ئايرىشنى لايىقتاپتۇق. 1- باسقۇچ: قەدىمكىزامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى بۇ باسقۇچ ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدىن (بىز پەقەت يازماپاكىت ئاساسى بولغان كۆكتۈرك، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە بولغان ئابىدىلەر يېزىقتىلىنى ئاساس قىلىمىز) تارتىپ، ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن غەربكە كۆچكىچە بولغاندەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەۋر تۈرك خانلىقى بىلەن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھۆكۈمرانلىققىلغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى خانلىق قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا ئۆزىنىڭ تىلىنىخاتىرىلەپ بىر تۈركۈم مەڭگۈتاش يادىكارلىقلىرىنى مىراس قالدۇرغان. تىلشۇناسلار ھازىرقىزامان تۈركىي تىللىرى بىلەن قەدىمكى زامان تۈرك تىلىنى تارىخىي سېلىتۇرما تىلشۇناسلىقئۇسۇلى بويىچە تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدەنۇرغۇن ئوخشاشلىقلار ۋە يېقىنلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. شۇنىڭ بىلەنھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىدىكى نۇرغۇن تىل ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ قەدىمكى زامان ئۇيغۇرتىلىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 2- باسقۇچ: ئوتتۇراقەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى بۇ باسقۇچ ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن (9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى)دىنكېيىنكى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا قوللىنىلغان قۇچۇ ئۇيغۇر تىلى دەۋرى بىلەن قاراخانىيلارسۇلالىسىدا قوللىنىلغان خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى دەۋرى ھەمدە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭئاخىرىدىكى خارەزم ئۇيغۇر تىلى دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى مىلادىيە 9- ئەسىرنىڭئوتتۇرىلىرىدىن باشلىنىپ، مىلادىيە 13- ئەسىرنىڭ بېشىدا ئاخىرلىشىدۇ. مىلادىيە840- يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار غەربكە قاراپ كۆچۈپئىلگىر- ئاخىر بولۇپ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار سۇلالىسىقاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنى قۇردى. بۇ دەۋردە دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىنئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇ ۋە خېشى (گەنجۇ ۋە شاجۇ)دىكى بۆلىكىدە بۇددا دىنى بىلەن مانى دىنىئەۋج ئېلىپ، ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئوتتۇرا قەدىمكىزامان ئۇيغۇر يېزىقى، مانى يېزىقى، سوغدى يېزىقى، سۈرىيان يېزىقى، براخما يېزىقى، خەنزۇيېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى ئىشلەتتى؛ قاراخانىيلار سۇلالىسى مىلادىيە 10- ئەسىرنىڭئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب ھەرپلىرىئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقىنى ئىشلەتتى. بۇ دەۋردە ئىككى خىل يېزىق تىلى بارلىققا كەلدى: قوچو ئۇيغۇرخانلىقى بىلەن خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلىدا «ئالتۇن يارۇق»،«شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»،«ئېۋانگېلۇم»، «ئېزوپ مەسەللىرى»، «خۇانسىفىت»، «مايترى سىمت» قاتارلىق بۇددا دىنى،مانى دىنى، نىستورىيان دىنىغا ئائىت تەرجىمە ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى؛ خاقانىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭتىلىدا «قۇتادغۇ بىلىك»، «دىۋان لۇغاتىت تۈرك»، «دىۋانى ھىكمەت»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»،«قۇرئان كەرىم تەپسىرى» قاتارلىق ئەسەرلەر يېزىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 20- ئەسىرنىڭ بېشىدايەكەن، خوتەن، مارالبېشى قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمكى زامان ئۇيغۇريېزىقى ۋە خاقانىيە يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەر قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋەدۇر. بۇ دەۋر تىلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، غەربىييۇرتنىڭ تۈركلىشىشى (ئۇيغۇرلىشىشى) ۋە ئىسلاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار غەربىي يۇرتقاكۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە ياشاپ كېلىۋاتقان ساك، توخرى،سوغدى قاتارلىق ھىندى- ياۋروپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تۈركىي تىللىقخەلقلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. ساك، توخرى، سوغدى تىللىرىنىڭئورنىنى ئۇيغۇر تىلى ئىگىلىدى. گەرچە بۇ تىللار يوقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىرىئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسى، لېكسىكىسى ۋە گىرامماتىكىسىدا ئاستقاتلامغا ئايلىنىپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. 13- ئەسىردىن 14- ئەسىرنىڭ بېشىغىچەخارەزمنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاھالىسىنىئاساس قىلغان خارەزم ئۇيغۇر تىلى 100 يىلچە ئەدەبىي يېزىق تىلى سۈپىتىدە ھۆكۈم سۈردىۋە بۇ تىللار بىلەنمۇ بەزى ئەسەرلەر يورۇقلۇققا چىقتى. بۇ يەردە يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، باشتا قەيت قىلىنغاندەكبەزى تىلشۇناسلار ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىق تىلى ـــقوچۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇندىن كېيىنكى دەۋردىكى بۇددىزم مۇھىتىدىكىئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىسلامىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى ئىككى دەۋر تىلى دەپ ئايرىۋېتىدۇ.بىز بۇ ئىككى جۈپ يېزىق تىلىنى ئوخشاش دەۋرگە قويۇشنى مۇۋاپىق، دەپ قارايمىز. بۇنىڭسەۋەبى: 1) قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغەربكە كۆچكەندىن كېيىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولغان دەۋرىئوخشاش، شۇڭا بىر دەۋرگە ئايرىش مۇۋاپىق؛ بۇددىزم مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ بولغان خېشىئۇيغۇرلىرى ۋە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇت بولغان دەۋر ئوخشاش بولۇپ، 13 ~ 15- ئەسىرلەردىكىموڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بىر دەۋرگە ئايرىش مۇۋاپىق. 2)گەرچە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان رايون، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىسەۋەبىدىن خاقانىيە تىلى بىلەن قوچۇ ئۇيغۇر تىلىدا، بۇددىزم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلىبىلەن ئىسلامىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گىرامماتىكا جەھەتلەردەبەلگىلىك پەرقلەر كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىق ۋە ئوخشاشلىقئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشماسلىقتىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، خاقانىيە تىلى بىلەن قوچۇئۇيغۇر تىلىنى ئوتتۇرا قەدىمكى زامان تۈرك تىلى دەۋرىگە، 13 ~15- ئەسىرلەردىكى بۇددىزممۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىسلامىيەت مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى «ئوتتۇرا قەدىمكىزامان ئۇيغۇر تىلى» دەۋرىگە تەۋە قىلىش، يەنى ئوخشاش بىر دەۋردە ئوخشاش بولمىغان رايونلاردائىستېمال قىلىنغان ئىككى جۈپ يېزىق تىلىنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى دەۋرگە تەۋە قىلىشئۇيغۇر تىلى تارىخىنى دەۋرلەرگە بۆلۈشكە پايدىلىق. 3- باسقۇچ: يېقىنقىزامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى بۇ باسقۇچ 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، 20- ئەسىرنىڭباشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر تىلى تارىخىدا مۇھىم ئورۇنداتۇرىدۇ. بۇ دەۋردە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى، جۇڭغار خانلىقى، چىڭ سۇلالىسىدەۋرلىرىنى بېسىپ ئۆتتى؛ قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئىسلامىيەت مەدەنىيەت رايونى بىلەنقوچونى مەركەز قىلغان بۇددىزم مەدەنىيەت رايونى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈكئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. يېزىق جەھەتتە، ئۇيغۇرلار ئوخشاش بولمىغان يېزىقلارنىئىشلىتىدىغان دەۋرگە خاتىمە بېرىلىپ، خاقانىيە يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن چاغاتايدەۋرى يېزىقىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى تىكلەندى. بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى «چاغاتاي يېزىق تىلى»ياكى «چاغاتاي تىلى»، «چاغاتاي تۈركچىسى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنڭ ھەر قايسىساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلغان بولسىمۇ، بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالغۇبولمىغاچقا، بىز بۇ دەۋر تىلىنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلىدا تۇتقان دەۋر ئورنىغا قاراپيېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتاشنى لايىق تاپتۇق. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىننەۋائىي، نەۋبەتى، زەلىلى، نىزارى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى مۇشۇ تىلدا يېزىلدى، ئەرەبتىلى ۋە پارس تىلىدىن تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەر مۇشۇ دەۋر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. 4- باسقۇچ: ھازىرقىزامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى بۇ باسقۇچ 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغانئاز كەم 100 يىللىق دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يېقىنقىزامان ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتجەريانىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى 19- ئەسىرنىڭئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە تەدرىجىي بۆلۈنۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلار ۋەئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان يېقىنقى زامانئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلى)نى ئورتاق يېزىق تىلى ئورنىدا ئىستېمال قىلىپكەلگەنىدى. لېكىن، بۇ تىل كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا ئېغىز تىلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىپ،ئۆگىنىش ۋە ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر تىلغا ئايلىنىپ قالدى، بولۇپمۇ19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ چار رۇسىيەگە قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە،19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدەبۇ تىلنى ئىستېمال قىلىدىغانلار ئومۇمىي ئاھالىگە نىسبەتەن ئاز سانلىققا ئايلاندى. ئېغىز تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، 20- ئەسىرنىڭ10 ~ 20- يىللىرىدىن باشلاپ، چار روسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكىتۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرى شىنجاڭدا كەڭ تارقىلىشبىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈرۈمچى، ئىلى ۋە قەشقەر شېۋىلىرى تەدرىجىيھالدا ھەر قايسى دىيالېكت رايونلىرىنىڭ ئورتاق ئالاقە قورالىغا ئايلاندى. چۈنكى، چىڭسۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە مىنگونىڭ بېشىدا، ئىلى ۋە ئۈرۈمچى شىنجاڭنىڭ سىياسىي مەركىزى،قەشقەر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدەمەركىزىي دىيالېكت (ئىلى، قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپان شېۋىلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ھازىرقىزامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاقە قورالىغا ئايلاندى ۋە ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى ئۆلچەملىكتەلەپپۇز بولۇپ شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى شەكىللىپ ۋە تەرەققىيقىلىپ، 20 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ يېزىق تىلىغا ئايلاندى. غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار 1966- يىل 21- سىنتەبىر بورتالاشەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1975- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە سابىق بورتالائوبلاستلىق «7- ماي» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1980- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە سابىق بورتالائوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپ (ھازىرقى بورتالا شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپ)تە ئوقۇغان.1985- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەرئۇنىۋېرسىتېتى) مىللەتلەر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتى (ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى فاكۇلتېتى)نىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. 1990- يىلىدىن تارتىپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەرئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. http://uyghur.people.com.cn/185084/310091/310269/15477998.html مەنبە: خەلق تورى
|