مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 857|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تىلىمىزدىكى پېئىللار (ئەيلەم)نىڭ 5 دەرىجىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىل (ئەيلەم)لەرنىڭ دەرىجىسى

ئۇيغۇر تىلىدىكىجۈملىلەردە ئىپادىلەنگە ھەرىكەت بىلەن ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى (ئورۇندىغۇچى)ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ھەر خىل بولىدۇ.
مەسىلەن: مۇخپۇل لەگلەك ياسىدى. زاۋۇتتا نازۇك ئەسۋابلارياسالدى، قاھار ساتىراچقا چېچىنى ياساتتى، سەنەمگۈل ئەينەككە قاراپ ياساندى. ئۇلارئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ كۆڭلىنى ياساشتى.
يۇقىرىقى جۈملىلەردە «ياسا» پېئىلى بىلەن ھەرىكەت ئىگىسىئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بەش خىل ئىپادىلىگەن.
جۈملىدە ئىپادىلىگەن ھەرىكەت بىلەن ھەرىكەت ئوتتۇرسىدىكىھەر خىل مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدىغان گرامماتىكىلىق شەكىللەر پېئىلنىڭ دەرىجەشەكىللىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللارنىڭ دەرىجە شەكىللىرى تۆۋەندىكىچەبولىدۇ.

1. ئەسلى دەرىجە
دەرىجە قوشۇمچىلىرى قوشۇلمىغان شەكىل ئارقىلىق ھەرىكەتنىئېنىق ئىپادىلەيدىغان دەرىجە شەكلى ئەسلى دەرىجە بولىدۇ.
پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجە شەكلى باشقا دەرىجەشەكىللىرىنىڭ ياسىلىشىغائاساس سالىدۇ.
مەسىلەن: قار ياغدى، مەن رەسىم سىزدىم، چىراغ ئۆچتى.

2. مەجھۇل دەرىجە
ھەرىكەتنىڭ نامەلۇمشەيئى تەرىپىدىن ئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەرىجە شەكلى مەجھۇل دەرىجەبولىدۇ.
پېئىلنىڭ مەجھۇل دەرىجە شەكلى ئاخىرىقى بوغۇمىدا «ل» تاۋۇشىبولغان پېئىل ئۆزەكلىرىگە «-ىن / -ن» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى، باشقا پېئىل ئۆزەكلىرىگە «-ل / -ىل  / -ۇل  / -ۈل» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدى ئېلىندى. ئوقۇغۇچى قوبۇلقىلىش خىزمىتى باشلاندى. بەش دانە ياغاچ دوسكا ياسالدى. جىنايەتچىلەرگە زەربەبېرىلدى. كارخانا ياخشى باشقۇرۇلدى. خىزمەتلەردە سەۋەنلىكلەر كۆرۈلدى.
ئىزاھات: پېئىلنىڭ يىلتىزى،باشقا سۆز تۈركۈملىرىدىنياسالغان پېئىللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى ئۆزەك دەپ ئاتىلىدۇ.

3. ئۆزلۈك دەرىجە
ھەرىكەتنىڭ جۈملە ئىگىسىتەرىپىدىن ئورۇندالغانلىقىنى ۋە ھەرىكەتنىڭ شۇ ئىگە تەرىپىدىن قوبۇلقىلىنغانلىقىنى ياكى شۇ ھەرىكەتنىڭ ئورۇندىغۇچىغا ئۆتكەنلىكنى بىلدۈرىدىغان دەرىجەشەكلى ئۆزلۈك دەرىجە بولىدۇ.
پېئىلنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى پېئىل ئۆزىگە«-ن، -ىن، -ۇن، -ۈن، -ل، -ىل، -ۇل، -ۈل» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىقياسىلىدۇ.
مەسىلەن:
ماختا+ن+دى — ماختاندى،   ياسا+ن+دى — ياساندى
كىي+ىن+دى — كىيىندى،   ئىل+ىن+دى — ئىلىندى
توي+ۇن+دى — تۇيۇندى،   تۇت+ۇن+دى — تۇتۇلدى
كۆر+ۈن+دى — كۆرۈندى،   سۆي+ۈن+دى — سۆيۈندى
قوزغا+ل+دى — قوزغالدى،   قامدا+ل+دى — قامدالدى
چىگ+ىل+دى — چىگىلىدى،   بەر+ىل+دى — بېرىلدى
قوش+ۇل+دى — قوشۇلدى، قۇي+ۇل+دى — قۇيۇلدى
تۈر+ۈل+دى — تۈرۈلدى،    پۈر+ۈل+دى —پۈرۈلدى
ئەسكەرتىش: ① ئۆزلۈك دەرىجىسىنى ھاسىل قىلغۇچى بەزىقوشۇمچىلار بىلەن مەجھۇل دەرىجىنى ھاسىل قىلغۇچى بەزى قوشۇمچىلار شەكىلداشبولغانلىقتىن، بۇ ئىككى خىل دەرىجە شەكلىنى جۈملىدىكى مەنىسىگە قاراپپەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
مەسىلەن: گۈل ئېچىلدى، بېلىق قارماققا ئېلىندى (ئۆزلۈك)
يىغىن ئېچىلدى، چاپان ئىلغۇچقا ئىلىندى (مەجھۇل)
② ئۇيغۇر تىلىدىكى «شادلاندى، ئىككىلەندى» پېئىللىرى ئۆزلۈكدەرىجىدىكى پېئىللارغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدۇ، ئۆزلۈك دەرىجە مەنىسىنىمۇئىپادىلەيدۇ؛ لېكىن ئۇلار ياسىلىشتەرتىپى جەھەتتىن «ئىككىلە+ن+دى» شەكلىدە ئەمەس، «ئىككىلەن+دى»شەكلىدە بولغانلىقتىن، بۇلارنى (پېئىلنىڭ ئۆزىكىنى كۆزدە تۇتۇپ) ئۆزلۈك دەرىجەدېمەي ئەسلى دەرىجە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.
③ تىلىمىزدىكى بەزى پېئىللار ئۆزلۈك دەرىجە بويىچەنۆۋەتلەشمەيدۇ.
مەسىلەن: ماڭ-، ياز-، ئىزلە-، ئوقۇ...

4. ئۆملۈك دەرىجە
ھەرىكەتنىڭ بىر قانچە شەخس تەرىپىدىن بىرلىكتەئورۇندالغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەرىجىسى ئۆملۈك دەرىجە بولىدۇ.
پېئىللارنىڭ ئۆملۈك دەرىجە شەكلى پېئىل ئۆزەكلىرىگە «-ش،-ىش، -ۇش، -ۈش» قوشۇمچىلىرى ۋە شەخس، سان ۋە زاماننىئىپادىلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
مەسىلەن: ئوي+ش+تى— ئويناشتى، سانا+ش+تى — ساناشتى
ياز+ىش+تۇق — يېزىشىتۇق، قوي+ۇش+تى — قويۇشتى
يۈگۈر+ۈش+ىڭلار— يۈگۈرۈشىڭلار،  
ئەسكەرتىش: ئۆملۈك دەرىجە قوشۇمچىلىرى بىلەن شەخسسىزپېئىللارنىڭ بىر تۈرى بولغانئىسىمداش ياسىغۇچى بەزى قوشۇمچىلار ۋە بۇ شەكىلداش قوشۇمچىلاردىنھاسىل بولغان گرامماتىكىلىق شەكىللەر شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن مەنەجەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. يەنى ئۆملۈك دەرىجىدىكى پېئىللاردا شەخس، سان، زامان ۋە رايئۇقۇمى بولىدۇ، ئىسىمداشلاردا يۇقىرىقىدەك ئۇقۇملار بولمايدۇ.
مەسىلەن: سۆزلە+ش— سۆزلەش (ئىسىمداش)
مەن مۇئەللىم بىلەن يەنە بىرقېتىم سۆزلەشتىم. (ئۆتكەن زامان، بىرلىك، 1- شەخس، بايانرايى، ئەسلى دەرىجە)
ئەسكەرتىش: «سۆزلەش-، ياردەملەش-»پېئىللىرى ئىسىملارغا بىۋاستە «-لاش، -لەش» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەنياسالغانلىقى ئۈچۈن ئۆملۈك دەرىجە ھېسابلانماي ئەسلى دەرىجە ھېسابلىنىدۇ.

5. مەجبۇرىي دەرىجە
ھەرىكەتنى جۈملىنىڭ ئىگىسى ئۆزى ئورۇندىماي باشقا بىرشەخسكە ئورۇنداتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان پېئىل دەرىجىسى مەجبۇرىي دەرىجە بولىدۇ.
پېئىلنىڭ مەجبۇرىي دەرىجە شەكلى تۆۋەنددىكىدەك ياسىلىدۇ:
1)         جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىلئۆزەكلىرىگە« -دۇر، -دۈر، -غۇر، -گۈز» قوشۇمچىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: يازدۇر-، ماڭدۇر-، كۆيدۈر-، ئەمدۈر-، تويغۇز-،ھارغۇز-، يېگۈز-، تەرگۈز-
2)         سوزۇق تاۋۇشلار بلىەن ئاياغلاشقان پېئىل ئۆزەكلىرىگە ۋە«-ار، -ەر، -اي، -ەي» بىلەن ئاياغلاشقان ئۆزەكلەرگە «ت» قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: ئوينا+ت— ئوينات، سەكرەت، ئاقارت، زورايت، كېڭەيت
3)     جاراڭسىز تاۋۇشلار بىلەن ئاخىرلاشقان پېئىل ئۆزەكلىرىگە«-تۇر، -تۈر، -قۇر، -كۈر» قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ
مەسىلەن: ئاستۇر- ،چاپتۇر-، يەشتۈر-، تېرىكتۈر-، ياتقۇز-،باسقۇز-، يەتكۈز-، ئەشكۈز-
ئەسكەرتىش: پېئىل دەرىجىلىرىدە قاتلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ،بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا شۇ پېئىل شەكلىگە قوشۇلىشىدن ئەڭ ئاخىرقى قوشۇمچىنىڭرولىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
مەسىلەن: ① يېشىندۈردى — ئۆملۈك مەجبۇرىي دەرىجە
② كۆرۈشتۇق — ئۆملۈك مەجبۇرىي دەرىجە
③ ياسىتىلدى — مەجبۇرىي مەجھۇل دەرىجە
④ ساناتقۇزدۇم — قوش مەجبۇرىي دەرىجە
⑤ چاپتۇرۇشتى — مەجبۇرىي ئۆملۈك دەرىجە
⑥ ياساندۇردى — ئۆزلۈك، مەجبۇرىي، مەجھۇل دەرىجە
⑦ تونۇشتۇردى — ئۆملۈك، مەجبۇرىي، مەجھۇل دەرىجە
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى پېئىل ئۆزەكلىرىنى ئۆزلۈك دەرىجىگەئايلاندۇرۇپ جۈملە تۈزۈڭلار.
ياسا-، تاشلا-، سىلىك-، ياپ-، تارا-، يۇ
ئۈلگە: ئۇ مونچىدا يۇيۇندى.
كۆنۈكمە: تۆۋەندىكى پېئىل ئۆزەكلىرىنى دەرىجە شەكىللىرىبويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈڭلار.

ئېيت-، كىي-، ياز-، ئۆزگەر-، ئوينا-، ئوقۇ

ئۈلگە: ئەسلى دەرىجە — ئوقۇدى
مەجھۇل دەرىجە — ئوقۇلدى
ئۆزلۈك دەرىجە — —
ئۆملۈك دەرىجە — ئوقۇشتى
مەجبۇرىي دەرىجە — ئوقۇتتى

مەنبە: ئاناتىل (www.anatil.org) دىن ئېلىندى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
ۋاقتى: 2015-4-4 19:36:24 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەلى مۆمىن: تىل بىلىمى: تاۋۇش بىلىملىرى (فونېتىكا)، سۆزلۈك بىلىملىرى (لېكسىكا)، تۈرلەش-بىرىكتۈرۈش بىلىملىرى (مورفولوگىيە)، جۈملە بىلىملىرى (سىنتاكسىس)، ئىملا بىلىملىرى، تىنىش بەلگە بىلىملىرى ۋە يېزىق بىلىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گىرامماتىكا پەقەت بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مورفولوگىيە بىلەن سىنتاكسىس دېگەن ئىككى قىسىمنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ياكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «ئۇيغۇر تىلى» دېگەن كىتابىنى «گىرامماتىكا» دېمەي «تىل بىلىمى» دېسە ئەڭ مۇۋاپىق.

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-4-4 19:38:49 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
شەھەر سىرتىغا چىققان، تېلفوندا تەڭشىيەلمىدىم، ئەتە كەچتە قايتىپ بېرىپ ئوڭشاي ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:06 , Processed in 0.060424 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش