مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 11|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەي ،ھايات ئاجايىپ قىسمەتلىرىڭ بار ھە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 6 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ھەي ،ھايات ئاجايىپ قىسمەتلىرىڭ بار ھە !ھىلى كۈلدۈرسەڭ ،ھىلى يامغۇر كەبى تۈكۈلدۈردىغان .ئەمدى تەبەسسۇم قىلىشقا تەمشەلگەندە ،يىغىنى باشلاپ قۇيدىغان . كىملەر ئەمدى كۈلەي دەپ تەييار بولغىنىدا ،ئاچچىق ئەلەملەر بىلەن كۆز ياشلارنى ھەدىيە قىلۋاتىسەن ؟كىملەر ئەمدى يامغۇر كەبى تۈكۈلدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغىنىدا ،ئاللاقانداقتۇر سوۋغاتلىرىڭ بىلەن يىغىلارنى كۈلكىگە باشلاۋاتىسەن ؟                 ھەي ،ھايات ھەجەپ ئويلىمىغانلا يەردىن سوۋغاتلانى ھەدىيە قىلىسەن ھە .مانا ئەمدى كۈلەي دىيىشىمگە يىغىنى ھەمرا قىلدىڭ ،زورىغا قۇبۇل قىلىپ، ئەمدى يىغلاي دەپ تۇرسام ،بىراۋغا ئىشىك چەكتۈرۈپ ،ياشلىرىمنى زورىغا توختاتقۇزۇپ ،مەجبۇرسىغا سۈرۈتكۈزدۈڭ .ھەي ،ھايات سىنىڭدىن ئۈتۈنەي ،قاقاقلاپ كۈلۈشكە تەمشەلگىنىمدە يىغىنى زورىغا ھەمراھ قىلمىغىن ،ئەمدى قانغۇچە يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتاي دەپ تۇرغۇنۇندا بولسا ئىشىكىمنى باشقىلارغا چەكتۈرۈپ ،تۈكۈلۋاتقان ياشلىرىمنى زورىغا توختۇتۇپ ،مەجبۇرسىغا سۈرۈتكۈزمىگىن .كۈلگەندە شۇنداق بىر كۈلەي ،ئەتراپىمدىكى دوست-يارەنلىرىم تەڭ كۈلسۇن ،دۈشمەنلىرىم ھەسەتتىن ئۆلسۇن .  يىغلىغاندا شۇنداق بىر تۈكۈلۈپ يىغلاي ،ئەمما دوست -يارەن ،دۈشمەنلىرىم كۆرمىسۇن .گەر دوستۇم كۆرسە كۆڭلى لەختە قانغا تۇلىدۇ ،كۈزىدىن ئاققىنى  ياش ئەمەس قان بۇلىدۇ .دۈشمەنلىرىم كۆرسە ئاجىزكەن دەپ مەسخىرە قىلىدۇ .ئەمما ئۈتۈنەيكى  ھەرگىز كۈلكىنى ئوتتۇرسىغا يىغىنى قىسۇلدۇرمىغىن .لىكىن شۇنى ئۇنۇتما  يىغىنى توختاتقاندىن كىيىن قەلىب ئاسمىنىمغا قۇياشنى چىقارغىن ،شۇ قارا بۇلۇتلار قۇياشنىڭ نۇرىدا كۈرۈنمەي قالسۇن .          ھەي ،ھايات يەنە ساڭا شۇنداق پىچچىرلاپ سۆز قىلاي ،سەندىن ئۈتۈنەي يېقىنلىرىمنى دۈشمەن قىلمىغىن ،مىنى ھەم دۈشمەن سىياقىدا كۆرسەتمىگىن .سەن بىرىشكە چىدىغان بىلەن ،مەن ئېلىشقا چىدىمايدىكەنمەن .                2017يىل 4ئاي      خانقىز مەمەت يازمىسى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:40 , Processed in 0.055889 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش