تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
مەشھۇر تارىخچى موللا مۇسا سايرامى تەۋەللۇتىنىڭ 180 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش يىغىنى ئۆ
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
uyghur
ۋاقىت:
2016-9-30 00:08
تېما:
مەشھۇر تارىخچى موللا مۇسا سايرامى تەۋەللۇتىنىڭ 180 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش يىغىنى ئۆ
مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى تەۋەللۇتىنىڭ 180 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2016-يىلى 29-سېنتەبىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور ئابدوروپ پولات تەكلىماكانىي، مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى، ياش قەلەمكەش ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر، خەلق تورىنىڭ مۇخبىرى ئالىمجان ھەمدە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن - كىشى يىغىنغا قاتناشتى. مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئەدىبى موللا مۇسا بىننى ئەيسا سايرامى مىلادىيە 1826-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى باي ناھىيەسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئاناقىر يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى موللا ئەيسا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى ۋاقىتنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن دىنىي زاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئوغلىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇدەررىسلىك قىلىۋاتقان سايرام مەدرىسەسىدە ئوقۇتۇپ باشلانغۇچ ساۋادىنى چىقىرىدۇ.1847-يىلى ئۇنى ئەينى زاماندا جەنۇبىي شىنجاڭدا داڭلىق بولغان كۇچادىكى ساقساق مەدرىسەسىگە ئوقۇشقا بېرىدۇ. بۇ مەدرىسەنىڭ مۇدەررىسى شۇ زاماندىكى داڭلىق ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولغان موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت دېگەن كىشى ئىدى. موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا، قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، كالېندارشۇناسلىق(تەقۋىم)، ئاستىرونومىيە ئىلىملىرى ھەمدە ئەرەب، پارس تىللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ ، «بالا موللا»، «موللا مۇسا» دېگەن ناملار بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك روھىنىڭ تەسىرىدە ئىدىيە جەھەتتىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ. ئۇ 1854–يىلى مەدرىسەنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ ، ئانا مەكتىپى سايرام مەدرىسەسىدە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ناھايىتى ئېغىرچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ . بۇ ئېغىر تۇرمۇش ئۇنى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ. 1917-يىلى 81 ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ يۇرتى سايرامغا قايتىدۇ . شۇ يىلى 4-ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى، تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە ئانا يۇرتى ئاناقىر يېزىسىغا دەپنە قىلىنىدۇ. 2016-9-29 بېيجىڭ
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2016-10-2 15:33
ئاناقىر ئەمەس ئاناقىز!
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2016-10-2 15:34
ئاناقىر يېزىسى؟ ئاناقىز كەنتى!
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2016-10-2 15:34
سايرامنىڭ ئاناقىز كەنتى!
يوللىغۇچى:
uyghurman
ۋاقىت:
2016-12-19 22:21
ئەركمان ئەپەندى ،ئاڭلىسام بۇ مەرھۇم خواجەلەردىن دەيدۇغۇ؟راستمۇ ؟
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2