مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1323|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(5) مەنبە: خەلق تورى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(5)مەنبە: خەلق تورى

  ۋەكىللەر! ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ئىسلاھاتى، قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شەرت. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى بويىچە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، ئىجادچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا كۈچى ۋە ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلققە سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا سېلىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى بىلەن ئادا قىلىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىمىز. ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەتتىن مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرلارنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. بارلىق مەمۇرلار خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، خىزمەتتە ھەقىقىي پاك - دىيانەتلىك بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادا قىلىدىغان ياخشى خەلق چاكىرى بولۇشى لازىم.

  ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشى، غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈشى شەرت. قائىدە - تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم: ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى يېڭىدىن سېلىشقا، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىشقا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ، مالىيە باقىدىغان خادىملارنىڭ سانىنى ئازايتىشقىلا بولىدۇكى، كۆپەيتىشكە بولمايدۇ، ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى ئازايتىشقا بولىدۇكى، كۆپەيتىشكە بولمايدۇ. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلىنىدۇ. مەمۇرىي تەپتىشلىكنى كۈچەيتىپ، ساھە ناتوغرا ئىستىلىنى تۈزىتىمىز. ئىقتىسادىي تەپتىشلىكنى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل يەرنى ھەقلىق بېرىش سوممىسىنىڭ كىرىم - چىقىمى ۋە تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش لازىم. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىشىش دېلولىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز، چىرىكلەشكەن ھەرقانداق ئۇنسۇر قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ، مۇتلەق مەيلىگە قويۇپ بېرىلمەيدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ، سودا ــ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىشى لازىم. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمىتىمىز — خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى، ھەممە خىزمەتتە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈشىمىز، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىللەر! دۆلىتىمىز — بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ھەرقايسى مىللەتلەر — جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ باراۋەر ئەزاسى. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ــ تەرەققىياتىنى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت ــ تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ــ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغدايمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناقلىق ئاساسىدا روناق تېپىپ قەلبداش بولسا، چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك، ئامان ــ ئىسەن بولىدۇ، گۈللىنىپ راۋاج تاپىدۇ. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي ــ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. چەت ئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىر ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسمى يېڭى قىياپىتى ۋە جەڭگىۋارلىق سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. يېڭى بىر يىلدا، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، قىسىمنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدىكى تەھدىت كۈچى ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز. ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى ــ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، زامانىۋى خوجىلىق بەرپا قىلىش قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق قورال ــ جابدۇقلار تەرەققىياتىنى كۈچەيتىمىز. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتىمىز. دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشى، دائىمىي ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش ــ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. زامانىۋى قوراللىق ساقچى قىسىم كۈچى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ــ مۇقىملىقنى ساقلاش، تىنچلىقنى قوغداش، سۇ تىرانسپورتىنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن دوستلۇقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئۇيۇلتاشتەك چىڭىتىش لازىم.

  دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشى، دائىمىي ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش ــ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. زامانىۋى قوراللىق ساقچى قىسىم كۈچى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ــ مۇقىملىقنى ساقلاش، تىنچلىقنى قوغداش، سۇ تىرانسپورتىنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن دوستلۇقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئۇيۇلتاشتەك چىڭىتىش لازىم. ۋەكىللەر! بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نېگىزلىك قانۇننى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى، ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىشى، دېموكراتىيەنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغدىشىنى قوللايمىز. ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ ــ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىپ، شياڭگاڭ ــ ئاۋمېننىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.

  ۋەكىللەر! بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نېگىزلىك قانۇننى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى، ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىشى، دېموكراتىيەنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى قوغدىشىنى قوللايمىز. ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ ــ ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كېڭەيتىپ، شياڭگاڭ ــ ئاۋمېننىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ. تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنىڭ زور فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 92 ــيىلى ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو رامكىسىنى قوغداپ، ئىككى قىرغاقنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، كېڭىشىش ۋە سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلىدىكىلەردەك دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن دوستلۇقنى قوغداپ، قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى ۋە كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل يۇرت ــ ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا كۈچ قوشىمىز. بىز ئىككى تەرەپنىڭ بارغانسېرى قويۇق باردى ــ كەلدى قىلىشىپ، بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىپ، توسقىلى بولمايدىغان، كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىمغا ئايلىنىشىنى كۈتىمىز.

  ۋەكىللەر!

  بۇ يىل — تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، تەرەققىياتنى ئارزۇ قىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم خەلقئارا مۇھىتقا مۇھتاج. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن ــ ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ــ تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى باشتىن ــ ئاخىر ئېغىشماي يولغا قويىمىز. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز، پۇقرالىرىمىزنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلىرىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق ـــ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز. ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق ــ دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. 2 ــ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرۇشقا ھەرگىز يول قويمايمىز. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدايمىز. ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، ساغلام چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاسىيا ــ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. جۇڭگو — مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت، بىز خەلقئارا، كۆپ تەرەپلىك ئىشلارغا پائال قاتنىشىپ، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىجابىي رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقىنى ھەقىقىي قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگو دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  ۋەكىللەر! خەلق بىزگە مۇھىم تاپشۇرۇق تاپشۇردى، كۈرەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، باي ــ قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

  
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-28 00:43:02 | ئايرىم كۆرۈش
做好政府工作,必须加强自身改革建设。各级政府要忠实履行宪法和法律赋予的职责,按照推进国家治理体系和治理能力现代化的要求,加强建设法治政府、创新政府、廉洁政府,增强政府执行力和公信力,努力为人民提供优质高效服务。

深入贯彻依法治国基本方略,把政府工作全面纳入法治轨道,用法治思维和法治方式履行职责。加强政府法制工作,改革行政执法体制。创新政府管理理念和方式,健全决策、执行、监督机制,推进政府向社会购买服务的改革。加强公务员队伍研究,全面提高公务员素质。所有公务员都要以人民利益至上,廉洁奉公,勤勉尽责,真正当好人民公仆。

各级政府必须厉行节约,反对浪费,坚持过紧日子。要严格执行“约法三章”;政府性楼堂馆所一律不得新建和改扩建,财政供养人员总量只减不增,“三公”经费只减不增。启动公务用车制度改革。加强行政监察,纠正行业不正之风。加大审计和审计结果公告力度。今年要对土地出让金收支和耕地保护情况进行全面审计。深入推进反腐倡廉制度建设,坚决查处腐败案件,对任何腐败分子都要依法严惩、决不姑息。

各级政府要自觉接受同级人大及其常委会的监督,接受人民政协的民主监督,认真听取人大代表、民主党派、工商联、无党派人士和各人民团体的意见。加大政务公开,完善新闻发言人制度,及时回应社会关切。我们是人民政府,所有工作都要充分体现人民意愿,全面接受人民监督。

我国是统一的多民族国家,各民族都是中华民族的平等一员。要全面正确贯彻党的民族政策,坚持和完善民族区域自治制度,促进民族团结进步、共同繁荣发展。认真落实中央支持少数民族和民族地区发展的政策措施。扶持人口较少民族发展,继续实施兴边富民行动。保护和发展少数民族优秀传统文化。中华民族大家庭的各族儿女和睦相处、和衷共济、和谐发展、心心相印,一定会更加幸福安康、兴旺发达。

全面贯彻党的宗教工作基本方针,促进宗教关系和谐,发挥宗教界人士和信教群众在促进经济社会发展中的积极作用。

团结海内外华侨华人的归侨侨眷,发挥侨胞参与祖国现代化建设、促进祖国和平统一、推进中外人文交流的独特作用,使海内外中华儿女的凝聚力不断增强。

过去一年,国防和军队建设扎实推进,全军和武警部队展现出新的风貌和战斗力水平。新的一年,要紧紧围绕党在新形势下的强军目标,全面加强军队革命化现代化正规化建设,不断提高军队信息化条件下威慑和实战能力。统筹推进各方向各领域军事斗争准备,加强和改进思想政治建设,加快全面建设现代后勤步伐,加强国防科研和高新技术武器装备发展。狠抓依法治军、从严治军。深化国防和军队改革,加强军事战略指导,完善现代军事力量体系。加强国防动员和后备力量建设,强化日常战备和边防海防空防管控。推动军民融合深度发展。加快建设现代化武装警察力量。坚决完成抢险救灾、反恐维稳、维和护航和处置突发事件等任务,积极参加和支援国家经济建设。各级政府要一如既往关心支持国防和军队建设,密切鱼水情谊,使军政军民团结坚如磐石。

我们将坚定不移贯彻“一国两制”方针,全面准确落实基本法,保持香港、澳门长期繁荣稳定。支持香港特别行政区、澳门特别行政区行政长官和政府依法施政,大力发展经济、有效改善民生、依法推进民主、维护社会和谐。进一步扩大内地与港澳合作,促进港澳自身竞争力提升。使国家全面深化改革和现代化进程中,香港、澳门一定会实现更好发展。

我们将全面贯彻对台工作大政方针,坚持“九二共识”,维护一个中国框架,巩固增进两岸政治互信,促进经济融合,推动交流合作,开展协商谈判,秉持“两岸一家亲”的理念,维护骨肉情谊,凝聚同胞心力,为建设中华民族美好家园、实现祖国和平统一大业贡献力量。我们期待双方越走越近,越走越亲,使两岸关系和平发展成为不可阻挡、不可逆转的历史潮流。

今年是和平共处五项原则提出六十周年。中国人民热爱和平、渴望发展,我国现代化建设需要长期稳定的国际环境。我们将继续高举和平、发展、合作、共赢的旗帜,始终不渝走和平发展道路,始终不渝奉行互利共赢的开放战略。坚决维护国家主权、安全、发展权益,切实维护我国公民和法人海外合法权益。全面推进周边外交,巩固睦邻友好,深化互利合作。维护二战胜利成果和战后国际秩序,决不允许开历史倒车。加强同发展中国家团结与合作,维护发展中国家共同利益。深化同各大国战略对话与务实合作,推动建立长期稳定健康发展的大国关系。办好亚太经合组织领导人非正式会议。中国是一个负责任的大国,我们将积极参与国际多边事务,为解决全球性问题和热点问题发挥建设性作用,切实维护国际公平正义,推动国际秩序朝着更加公正合理方向发展。中国愿同世界各国一道,推进人类持久和平,实现共同发展繁荣。

人民赋予重托,奋斗创造未来。让我们紧密团结在以习近平同志为总书记的党中央周围,高举中国特色社会主义伟大旗帜,齐心协力,开拓进取,扎实工作,为全面建成小康社会、建成富强民主文明和谐的社会主义现代化国家,实现中华民族伟大复兴的中国梦而努力奋斗!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:58 , Processed in 0.058777 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش