مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

2015-يىلى 12-ئايدىكى شىنجاڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ «جۇڭگودىكى تەسىرى كۈچلۈك يۈز گېزىت»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى
2015.12.18 15:38   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى«(ئۇيغۇرچە نۇسخىسى)نىڭ دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى تەسىرى كۈچلۈك يۈز گېزىت»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى 17-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن «كوئېنلۇن مېھمانسارىيى»دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى ئارسلان ئابدۇللا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس خاسىيەت ئېلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھۆرىگۈل تۇرسۇن ۋە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەرساھەدىن كەلگەن زاتلار قاتناشتى.

  «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»(ئۇيغۇرچە)نىڭ بۇ پائالىيىتى 20 يىللىق، 25 يىللىق، 30 يىللىق تويلىرى ۋە گېزىتنىڭ 10000-سانىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىق تەبرىكىدىن كېيىنكى يەنە بىر كاتتا خۇش خەۋەر بولۇپ، جۇڭگودىكى نەچچە مىڭ گېزىت ئىچىدىن ئۈزۈپ چىققانلىقىدىن ئىبارەت بۇ نەتىجىگە يىغىنغا كەلگەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى 500دىن كۆپ ئادەم ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدى.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15556854.html


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 22:47:46 | ئايرىم كۆرۈش
‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى ۋە ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورى بارلىققا كەلدى
http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-12/22/content_482261.htm


2015-يىلى 22-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى، ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورى رەسمىي قوزغىتىلدى.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېڭ جېنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى.
    ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى 4-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى ئاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) مەسئۇل بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنى ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ناملىق قوش ئايلىق ژۇرنال بىلەن ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورىنى قۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىللىگەن. يېقىندا، ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› ژۇرنىلى بىلەن ‹‹شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى›› تورىنى باشقۇرۇش مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)غا ۋىۋىسكا ئېسىپ رەسمىي قۇرۇلغان.

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-22 22:49:39 | ئايرىم كۆرۈش
‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئابۇنىچىلار تېرمىنالى سىناق قىلىنغان ئىككى ئايدا چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 100مىڭدىن ئاشتى
http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-12/22/content_482153.htm

‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئابۇنىچىلار تېرمىنالى سىناق قىلىنىپ ئىككى ئايدا چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 100 مىڭدىن ئاشتى!
   ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئابۇنىچىلار تېرمىنالى شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجىرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ يېڭىدىن بەرپا قىلغان، مۇلازىمەت ۋە مەسلىھەتنى بىر گەۋدە قىلغان يان تېلېفون ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، دۇنياۋى ئىلغار تېخنىكا قوللىنىلغان، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ ‹‹شەخسىي بۇيرۇتۇش›› ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان خەۋەر تېرمىنالى ھېسابلىنىدۇ.
   ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئالاھىدە ئىستون ۋە ئاپتوماتىك ئۇچۇر توپلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇچۇر توپلاپ، توپلىغان ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تور ئۇچۇرلىرىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى توردا ئىستېرېئولۇق تارقىتىشنىڭ كەڭ يولىنى ئاچتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:07 , Processed in 0.077352 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش