مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

غۇلجا مەھەللە ۋە كوچا ناملىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
غۇلجا مەھەللە ۋە كوچا ناملىرى ھەققىدە




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
دىۋان
ۋاقتى: 2016-1-28 22:34:30 | ئايرىم كۆرۈش
غۇلجا مەھەللە ۋە كوچىلىرى ھەققىدە

1.<<ئىستالىن>>كوچىسى:بۇ كوچىنىڭ ئەسلى نامى تۇغرا كۆۋرۇك بۇلوپ،خەلىق باغچىسىنىڭ ئالدىدىن <<غالىبىيەت>>يۇلىغىچە شەرىقتىن غەرىپكە سوزۇلغان بەش تارماق كوچىسى بار،1949-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۇكۇمىتى تەرپىدىن <<ئىستالىن كوچىسى>>دەپ نام بېرىلگەن .
2.<<ئەخمەتجان كوچىسى>>بۇ كوچىنىڭ ئەسلى نامى باغچا كوچىسى بولۇپ غەربىي <<شىنخۇا>>يولىدىن گۈلىستان سۇدا سارىيىغىچە بۇلغان ئارىلىقنى ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ .
3.ھاجى بۇلوس مەھەللىسى :بۇ مەھەللە ھازىرقى غەربى <<شىنخۇا>>يولىنى كۆرستىدىغان بولۇپ 1951-يىلى نامى تەرەققىي يىزىغا ئۆزگەرتىلگەن.
4.يىڭى ھايات كوچىسى:1939-يىلىدىن كېيىن كىشىلەر بۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ مەھەللە شەكىللەندۇرۇپ يوللارنى ئالغان،ھاياتخان دېگەن ئۆزبىك ئايال پۇل چىقىرىپ بۇ كوچىغا مەسچىت سالدۇرغان ،كىشىلەر ئۇنىڭ نامى بىلەن بۇ كوچىنى <<ھاياتخان كوچىسى>>دەپ ئاتىغان ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە بۇ كوچىنىڭ نامى <<يىڭىھايات >>قار ئۆزگەرتىلگەن
5.كۆنچى مەھەللە:بۇ مەھەللە 150يىللىق تارىخقائىگە.<<كۆنچى >>دېگەن سۆز خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلىگۈچى ئۇستا دېگەن مەنىدە بولۇپ بۇ مەھەللىدە ياشىغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى تىرە ئەيلەش ،خۇرۇم ئىشلەش بىلەن كۇن كەچۈرگەچكە <<كۆنچى>>مەھەللىسى دەپ ئاتالغان 1963-يىلى بۇ كوچىغا <<ئالغا >>كوچىسى دەپ نام بېرىلگەن ،بۇ مەھەللە شەرقىي <<شىنخۇا >>يولىدىن تاشكۆۋرۈك يىزىسىغىچە بۇلغان ئارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ 16يان كوچىغا بۆلۈنگەن .
6.تاقىچى مەھەللە :1940-يىلى ھېيتاخۇن دېگەن كىشى بۇ مەھەللىنىڭ ئېغىزىدا ئات تاقىلاش دۇكىنى ئاچقان شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ مەھەللە <<تاقىچى مەھەللە>>دەپ ئاتالغان 1964-يىلى <<غالىبىيەت>>يولى دەپ نام بېرىلگەن <<غالىبىيەت>>يۇلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4170مېتر بولۇپ ئىككى تەرپىدە 17يان كوچا بار.
7.ناغرىچى مەھەللىسى:بۇ جاي 19-ئەسىردە كەسكەنيار ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بولۇپ گۇڭشۇينىڭ 14-يىلى (1896-يىلى)دىن كېيىن ئىلى گۇڭى ھېكىمبەگ خۇجا ئاتا-بوۋىسىدىن تارتىپ ئولتۇرۇپ كەلگەن بەگلىك مەھكىمىسىنى دوتەي يامۇلىغا ھەدىيە قىلىپ ،بۇ جايغا كوچۇپ كەلگەن ،خەلق بۇ جاينى ئوردا مەھەللىسى>>دەپ ئاتىغان ،ھېكىمبەگ خۇجا ھەر يىلى ھېيتتا ناغرىچىلارنى بۇ يەرگە يىغىپ ناغرا چالدۇرۇپ مەرىكە ئۆتكۈزگەن ۋە ئەينى دەۋىردىكى ئاتاقلىق ناغرىچىلارنى بۇ يەرگە يىغىپ ئولتۇراقلاشتۇرغان .شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي <<ناغىرچى مەھەللىسى دەپ ئاتالغان، 1964-يىلى بۇ مەھەللىنىڭ نامى روشەن كوچىغا ئۆزگەرتىلگەن 1983-يىلى <<ناغرىچى>>دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ مەھەللىنىڭ شەرق تەرەپى <<قىزىلبايراق >>يۇلىغا تۇتىشىدۇ ئۇستۇرىسى ئىلى دەريا يولىنى كىسىپ ئۆتىدۇ ،غەرب تەرىپى سابىق قەغەز زاۋۇدى ئائىلىلەر قوراسىنىڭ ئارقا تىمىغا تۇغرا كېلىدۇ ،ئۇمۇي ئۇزۇنلۇقى 2385مېتر ،كەڭلىكى سەككىز مىتېر.
8.تۇنۇرچى كوچا :مىنگۇڭنىڭ 6-يىلى رۇسىيىلىك باي ۋەلىباي <ئۇيغۇر>بۇ جايدا بانكا سالدۇرغان شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي بانكا كۇچىسى دەپ ئاتالغان كېيىنچە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ كوچىدا تونۇر ياساپ ساتقانلىقتىن <<تۇنۇرچى كوچىسى >>دەپ ئاتالغان .
9.قازانچى كوچىسى :بۇ كوچا شەھەرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ شەرىقتە يېڭى يۇل كوچىسى ،غەرپتە تاناب توقۇمچىلىق زاۋۇدى (ياماچاڭ)شىمالدا شىنخۇا شەرقى يۇلى ،شىمالدا شەرقىي شىنخۇا يولى ،جەنۇپتا ئىلى دەرياسىغىچە بۇلغان ئوچ بۇرجەك رايۇننى ئۇز ئىچىگە ئالىدۇ .ئەينى چاغدا بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار قازان قويۇش ،سېتىشى كەسپىي بىلەن شۇغۇللانغانبۇلغاچقا ،شۇڭا بۇ جاي <<قازانچى >>مەھەللىسى دەپ ئاتالغان ،بۇ جاي تارىختا ئىلىنىڭ مىللىي قول ھۇنەر بۇيۇملىرىنى ياساش ،سېتىشى مەركىزى بۇلغان .
10.دىۋانىلەر مەھەللىسى -بۇ مەھەللىدە ئولتۇراقلاشقانلار جەنۇبىي شىنجاڭدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بولۇپ ،كۆپ قىسمى دىۋانىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكتىن <<دىۋانە مەھەللىسى >>دەپ ئاتالغان ،ئازادلىقتىن كىيىن بۇ مەھەللىنىڭ نامى <<ئازاد يېزىسى>>دەپ ئاتالغان ،ھازىرقى قارا دۇڭ تەۋەسىدە.
11.قەشقەر كوچىسى:بۇ گۇڭشۇينىڭ 26-يىلى (1900يىلى )شەكىللەنگەن بولۇپ ،مىنگۇڭنىڭ 7-يىلى (1918-يىلى )ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ قەشقەرنىڭ دۆلەتباغ رايونىدىن ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېلەك رايونىدىن بىر بۆلەك كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ تەدرىجىي<<چېلەك كوچىسىنى>>شەكىللەندۇرگەن 1964-يىلى بۇ كوچىنىڭ نامى <<قەشقەر كوچىسى>>دەپ ئۆزگەرتىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا بەشكېرەم مەھەللىسى ،ئاغۇ مەھەللىسى قاتارلىق مەھەللىلەرنىڭ ناملىرىمۇ قەشقەردىكى يۇرت ناملىرى بويىچە قۇيۇلغان .
12.ئالتە شۇئار مەھەللىسى:بۇ مەھەللە مىنگۇنىڭ 23-25-يىللىرى (1935-1936يىللىرى )شەكىللەنگەن بولۇپ ،ئەينى دەۋىردە شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلگەن ئالتە بۇيۇك سىياسەت (1.جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش2.سۇۋىت ئىتپاقى بىلەن دۇست بولۇش3.مىللەتلەر باراۋەر بۇلوش4.تىنىچلىق5.قۇرلوش ئىلىپ بىرىشى6پاك بۇلوش )ئارمىيە ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قۇللىشىغا ئېرىشكەن شۇڭا بۇ مەھەللىنىڭ كوچىلىرى ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز شەكلىدە بولوپ ،ئەينى دەۋىردە <<ئالتە يۇلتۇز >>مەھەللىسى دەپ ئاتالغان 1964-يىلى بۇ مەھەللىنىڭ ئىسمى <<تاڭنۇر>>غا ئۆزگەرتىلگەن ،بۇ مەھەللە جەنۇپتا <<ئازاد>>يولى بىلەن ،شىمالدا ئەسلىدىكى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاۋۇتىدىن تارتىپ شىمالىي شەھەر ئايلانما يۇلغىىچە تۇتاشقان
مەنبە:كەڭساي مۇنبىرى

http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... d=0#wechat_redirect
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:44 , Processed in 0.057514 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش