مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 229|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋىدالىشىش ‏ بايرون (ئەنگلىيە) ‏ جاسارەت تاش تەرجىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-5-27 01:54:58 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ۋىدالىشىش

بايرون (ئەنگلىيە)

جاسارەت تاش تەرجىمىسى

ئەلۋىدا! تەلپۈنسەڭ بولۇشقا جۇدا،
مۇراتقا يەت! ئۆتكىن چەكمەي دەرد-پىراق!
قەلبىمگە نەپرەتنى سالسىمۇ خۇدا،
مەن ساڭا ئاسىيلىق قىلماسمەن بىراق!
ھەر قېتىم كۆزۈڭگە ياماشسا ئۇيقۇ،
باغرىمغا باش قويۇپ تاپاتتىڭ ئارام.
سەن ئوچۇق باغرىمدىن ئالغان زوق، تۇيغۇ
ئەمدى دىل قەسرىڭدە قىلالماس داۋام!
بارچە سۆز-ئويۇمنى قىلاتتىم بايان،
نىگاھىڭ ئوقىدا ئەيلىنىپ شىكار.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىلەرسەن ھامان:
ناھەقتۇر باغرىمدىن بولغىنىڭ بىزار!
خەق ساڭا مەدھىيە ئېيتىشىپ ھەر چاغ،
تەبەسسۇم ئىلكىدە تۇرۇشار قاراپ②.
بۇ سېنىڭ نامىڭغا تەگكۈزگەنلىك داغ،
خۇش قىلار ئۇلارنى مەن چەككەن ئازاب.
مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ تارتساممۇ ئەلەم،
باغرىڭغا بېسىلدىم قوللىرىڭ ئارا.
ئاھ، سەندىن ئايرىلسام، قايسى بىر سەنەم
قالدۇرار قەلبىمدە ساقايماس يارا؟
بولدى بەس! ئۆزۈڭنى ئالدىما، جېنىم،
مۇھەببەت يالقۇنى ئۆچمەيدۇ ئاسان،
جۇدۇنغا ئۇچرىسا پەقەت بىر قېتىم،
رىشتىنىڭ گۈللىرى بولمايدۇ خازان.
ھاياتلىق ساقلىنار جىسمىڭدا يەنە،
مەن ئۆلۈپ كەتمەسمەن قاخشىساممۇ زار.
دىللاردا دەرد-ھەسرەت ئەيلەپ تەنتەنە،
ئۇچرىشىش بولمايدۇ ئەمدى بىزگە يار.
مۇسىبەت ئەھلىنىڭ نالە-زارىغا
تەققاستۇر بۇ سۆزگە جەملەنگەن ئازاب.
بىز مەڭگۈ ئېسىلىپ ھىجران دارىغا،
ئۆتەرمىز بويتاق ھەم تۇل كەبى ياشاپ.
قىزىمغا تىل چىقىپ، قاراپ سەن ئاڭا،
تاپقاندا ئالەمچە تەسەللى-مەدەت،
ئۆگىتىپ قويامسەن دېيىشنى «دادا!»
ئۇ قانماي قالسىمۇ مېھرىمگە پەقەت؟
شوخلۇقتا چىڭ گىرە سېلىپ ئۇ ساڭا،
مەڭزىنى مەڭزىڭگە ياققاندا خۇشال،
تىلەرمەن ساڭا قۇت، ئىشەنگىن ماڭا،
مەن بۇرۇن سۆيگۈڭدىن تاپقان زوق، ۋىسال!
مېنىڭ يۈز-چىرايىم، خۇلقىمدىن ئۇدۇم
قالسا شۇ قىزىمنىڭ جىسمىدا ئەگەر،
دىل تارىڭ يېقىملىق چېكىلىپ چوقۇم،
سەمىمىي مېھرىڭدىن يەتكۈزەر خەۋەر.
بىلەرسەن مەندىكى ئەيىب-نۇقساننى،
چۈشەنمەس خەق مەندەك مەجنۇن سىياقنى.
تەلتۆكۈس يوقاتتىم ئىشەنچ- ئارماننى،
كەتتى ئۇ سەن بىلەن كۆزلەپ يىراقنى.
ھېس-تۇيغۇ لەھەتكە كۆمۈلدى تىرەن.
ھېچكىمگە باش ئەگمەس ئىپتىخار — ئەرك
تىزلانسا ئالدىڭدا، قىلمىدىڭ ئىرەن،
روھىممۇ جىسمىمنى ئەيلىدى تەرك.
بەس! گەپ-سۆز بولالماس ھېچنېمىگە دال،
مەن ئېيتقان بۇ سۆزلەر بىر تىيىن — كاسات.
مۇمكىنمۇ خىيالنى قىلماق بەند-قامال،
ئۇ كېتەر ئىستەكسىز قېقىپ پەر-قانات.
ئامان بول! بىز شۇنداق كەتتۇق ئايرىلىپ،
ئۈزۈلدى باغلانغان رىشتىمىز ئەبەد.
كۆڭلۈمنىڭ شاخلىرى سۇندى قايرىلىپ،
ئاھ، مېنى قوينىغا ئالسىچۇ لەھەت!

1816-يىلى 17-مارىت
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:24 , Processed in 0.056373 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش