مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 287|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خاتا ئىشلىتىۋاتقان ئىككى سۆزگە رەددىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-1-17 20:27:23 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
خاتا ئىشلىتىۋاتقان ئىككى سۆزگە رەددىيە
*
ھازىر بەزى كىشىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىدىنلا بار بولغان، دەل جايىدا، توپتوغرا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بەزى سۆزلەرنى خەنزۇچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنىشى بويىچە ئىشلىتىش ئەۋج ئېلىپ قالدى. تۆۋەندە مەن بىر سۆزنى مىسال قىلىپ كۆرسەتمەكچىمەن:
① بىزدىكى «يۈزۈمنى قىل» دېگەن سۆزنى خەنزۇچىدا «给我面子» دەپ ئېلىنغان. بۇنى بىر قىسىم ياشلىرىمىز «ماڭا يۈز بەر» دەپ بىۋاسىتە تەرجىمىسىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بەزى يېقىن كىشىلىرىممۇ مۇشۇنداق خاتا ئىشلەتكەچكە مەن ئۇلارغا نەچچە قېتىم كۆرسەتمە بەردىم. بۇ ئۇلارنىڭ تەرجىمىگە ئۇستىلىقىمۇ ياكى كاتتا بىلىمدانلىقىمۇ، ۋە ياكى ھېچكىم بىلمەيدىغان بىرەر سۆزنى بىلىۋالغانلىقىمۇ؟
② ئۇيغۇرچىدە «بالىلىق بولۇش» دېگەن سۆزمۇ تېتىقسىزلارچە خاتا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. خەنزۇچىدە بۇ سۆز «要孩子» دەپ ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ تەرجىمىسى ھازىر بىۋاسىتىلا «بالا ئېلىش» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بۇنى «بالىلىق بولۇش» دەپ تەرجىمە قىلسا ئەڭ توغرا بولاتتى. بەزىلەر ھازىر «ئاداش، بالا ئالامسىلەر، بالا ئالدىڭلارمۇ، ياش ۋاقتىڭلاردا بالا ئېلىۋېلىڭلار، بالا ئالىدىغان ۋاقتىڭلار كېلىپ قالدى» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەكتە. بۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ يالقۇنلۇق مۇھەببىتىنىڭ مېۋىسى بولغان ئاشۇ غۇبارسىز ھاياتلىق كوچىدا ساتىدىغان ئىشتان، پايپاققا، قوغۇن-تاۋۇزغا، ئىشقىلىپ بازاردا پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئوخشىتىلغان. بۇلارنىڭ نەزىرىدە پەرزەنتنىڭ ئوبرازى نېمىدېگەن خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن-ھە!
قەدىرلىك دوستلار، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جازالانمىقى ھەم تۈزەتمىكى ئەزەلدىن بار ئىش. قاتىللىق، ئوغرىلىق، باسقۇنچىلىق قىلغانلار تۈرمىگە سولىنىدۇ، باشقا سەۋەنلىك قىلغانلارمۇ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ. ئۇنداقتا ئۆز تىلىدىكى سۆزلەرنى خاتا ئىشلىتىۋاتقانلارغا قانداق جازا بېرىش كېرەك؟ بۇنى ئويلىنىپ بېقىشىمىز زۆرۈر.
*
— قەلەمدە: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:18 , Processed in 0.055679 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش