تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: ئىسمىڭ باھار ئىدى [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2017-4-25 09:08
تېما: ئىسمىڭ باھار ئىدى
ئىسمىڭ باھار ئىدى

يىلماز ئەردوغان ( تۈركىيە)

شەھەرنى يالغۇزلۇق باساتتى ئۇخلاپ قالساڭ
يۈزۈمدە پەسىللەر ئالمىشاتتى ئويغانغىنىڭدا
بىلمەيتتىڭ سېنى يوشۇرۇنچە سۆيگىنىمنى
سۆيگۈڭ ئىچىمدە ياشايتى، ئىسمىڭ باھار ئىدى.

مەھەللىمىزدىن ئۆتۈپ قالساڭ ناۋادا
پۈتۈن كوچا جىم بولاتتى، ساڭا باقاتتى
بىلمەيتتىڭ يوشۇرۇنچە كۆزەتكىنىمنى
كۆزلىرىم كۆزلىرىڭدىن قورقاتتى
ئېىسىمدە تېخىچە، ئىسمىڭ باھار ئىدى.

كوچىدا بايرام ئىدى بېكەتتە ساقلىشىڭ
مەڭگۈلۈك ئايرىلىشتەك بىلىنەتتى مەكتەپكە كېتىشىڭ
بىلمەيتتىڭ، سېنى ھەر سەھەر ئۇزىتىپ قوياتتىم
يۈرىكىم يول بويى ئارقىڭدىن يىغلايتتى
ئېسىمدە تېخىچە، ئىسمىڭ باھار ئىدى.

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت( ئايپالتا) ئۇيغۇرچىلاشتۇردى




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2