ئىمپېراتور گامبىسىس ئۆلۈمىنىڭ سىرى تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان
مىلادىدىن بۇرۇنقى 525-يىلىپېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى گامبىسىس يىراققا يۈرۈش قىلىپ مىسىرنىبويسۇندۇردى، كېيىن يەنە نۇبىيەگە ( ھەبەشىستان، يەنى بۈگۈنكى ئېفىئوپىيە ) يۈرۈشقىلغان بولسىمۇ نۇبىيەنى بويسۇندۇرالمىدى. 522-يىلى، ئىراندا كاھىن گاموتتاسىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغاندا، خەۋەرنى ئاڭلىغانگامبىسىس ئىرانغا قايتىش سەپىرىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچەئۇنىڭ ئۆلۈمى بىر سۈپىتىدە دۇنيا تارىخىدا تالاش-تارتىش قوزغىماقتا. زالىم ئالەمگىر گامبىسىس مىلادىدىن بۇرۇنقى 529-يىلى، پېرسىيەئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى كۇرۇس ماسساگېتلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئۆلگەندىنكېيىن ئۇنىڭ ئوغلى گامبىسىس ئاتىسىغا ۋارسلىق قىلىپ پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭتەختىگە ئولتۇردى. زالىملىقتا ئۇچىغا چىققان گامبىسىس تۇغما تۇتقاقلىق كېسىلىقوزغالغاندا سېپى ئۆزىدىن بىر تەلۋىگە ئايلىنىپ قالاتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 525-يىلى گامبىسىس مىسىرپايتەختى مومفېسنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، مىسىر پىرئەۋىنى ۋە ئۇنىڭۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى تىرىك ئەسىر ئالدى. گامبىسىس غالىبىيەتچىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆز-كۆزقىلىش ئۈچۈن مونفىسنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن نۇسرەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ،تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە تەنتەنە ياڭراتتى. مۇراسىمدا ئۇ مىسىرپىرئەۋىنى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى شەھەر سىرتىدىكى بىر مەيدانغا يىغىپ، ئۇلارۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى قۇللۇق لىباسى كىيىپ قۇللۇق بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىدى،يەنە تېخى ھەشەمەتلىك مىسىر ئوردىسىنىڭپاراغەتلىك تۇرمۇشىدا يېتىلگەن خانىش-مەلىكە، ۋەزىرلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى مالتاقبىلەن سۇ توشۇشقا مەجبۇرلىدى. ئوردا ئايىم-خانىملىرى نەدىمۇ بۇنداق خورلۇققابەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇلار يىغلاپ-قاقشاپ پىرئەۋىن، ۋەزىر-ۋۇزرالار ئالدىدىنئۆتۈشكە مەجبۇلاندى. پىرئەۋىن، ۋەزىر-ۋۇزرالار بۇنداق كوللېكتىپ خورلاشنى كۆرۈپئىلاجسىزلىقىدىن داد-پەرياد كۆتۈرۈشۈپ گامبىسىستىن رەھىم-شەپقەت تىلىدى، ئەمماتەلۋە گامبىسىس ۋە ئۇنىڭ ئەسكەر-چېرىكلىرى نۇسرەت تەنتەنىسىدە ئۇسسۇلغا چۈشۈپكۆڭۈل ئاچتى. گامبىسىس مىسىردىكى نۇسرەتلىرىدىن مەست بولۇپنۇبىيەگە ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ مەغلۇب بولۇپ قايتتى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تۇتقاقلىقكېسىلى قوزغىلىپ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىقىپ مىسىرلىقلارغا قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى،سالمىغان زۇلۇملىرى قالمىدى. دەل شۇ مەزگىللەردە، گامبىسىس ئىرانداكاھىنلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ تەخت تارتىۋالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىرانغاقايتىش سەپىرىگە ئاتلانغان بولسىمۇ سەپەر ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆلدى. ئۇ زادى قانداقئۆلدى؟ نېمە سەۋەبتىن ئۆلدى؟ نەدە ئۆلدى؟ مانا بۇ 2500 يىلدىن بۇيان بىر سىر بولۇپكەلمەكتە. گامبىسىسنىڭئۆلۈمى « ئابىس » بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ قەدىمقىمىسىرلىقلار گامبىسىسنىڭ ئۆلۈمىنى ئىلاھنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى،دەپ قارايدۇ. چۈنكى گامبىسىس قەدىمقى مىسىرلىقلار تىۋىنىدىغان مۇقەددەس كالا «ئابىس » نى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرگەن ئىكەن. قەدىمقىمىسىرلىقلار كۆپ ئىلاھلىق ئېتىقادتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنەك ئىلاھئابىسقا مەنسۇپ ئىكەن. ئېكىن مەدەنىيىتىدىكى مىسىرلىقلار دېھقانچىلىقنى ئاساسقىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئابىس ئەڭ بۈيۈك ئىلاھ بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەڭ داغدۇغىلىقبايراملىرىدا ئەڭ پاكىز ئىنەك ۋە غونۇجۇنلارنى ئىلاھ ئابىسقا ئاتاپ نەزىرقىلىدىكەن. ئىلاھ ئابىس ئەنە شۇنداق ئۆزىگە ئاتالغان نەزىردە نەچچە يىلدا بىرقېتىم تۇغۇلىدىكەن. گامبىسىس نۇبىيەنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولۇپ قايتىپكەلگەندە ئۆتكۈزۈلگەن نەزىر يىللاردىكىدىنمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،مىسىرلىقلار دۆلەت مۇنقەرز بولغان ئەنسىز يىللاردا ئابىستىن كۆپرەك ھوسۇل تىلەپداغدۇغا قىلغان ئىكەن. ئەمما تەلۋە گامبىسىس بۇ بايرامنى مىسىرلىقلار ئۆزىنىڭنۇبىيەدىن يېڭىلىپ قالغانلىقىنى تەبرىكلىشىۋاتىدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ غەزەب شەمشىرىنىشىلتىپ، مەشھۇر مىسىر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپلا قالماستىن بەلكى نەزىربېگىگە پۈتكۈل مىسىرلىقلار جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ تىۋىنغان، مىسىرلىقلار شۇ نەزىرگە ئاتىغان « ئابىس » نى ئېلىپ كېلىشكەبۇيرۇپتۇ. ئەسلىدە « ئابىس » قايتا موزايلاش ئىقتىدارى قالمىغان بىر ئىنەكنىڭغونۇجۇنى ئىكەن. قەدىمقى مىسىرلىقلارنىڭ قارىشىچە بۇ ئىنەك قۇياش نۇرىدىن بوغازبولۇپ « ئابىس » نى تۇغقان ئىكەن، « ئابىس » نىڭ بەلگىسى پۈتۈن تېنى تېرىقچىلىكمۇئالىسى يوق تۇم قارا تۇغۇلغان بولۇشى، قاشقىسىدا پىرامىدا شەكىللىك ئاق بولغان بولۇشى،ئوڭ بېقىنىدا ھىلال ئاي شەكلىدە ئاق بولغان بولۇشى، تىلىدا ئىلاھى قوڭغۇز سۈرىتىبولغان بولۇشى، قۇيرۇقىدىكى تۈك قوش قەۋەت بولغان بولۇشى، دۈمبىسىدە قانات كېرىپ تۇرغان تازقارا شەكلىبولغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. نەزىر بېگى « ئابىس »نى ئېلىپ كەلگەندە، گامبىسىسقىلىچىنى سۇغۇرۇپ «ئابىس» نىڭ قورسىقىغاسانجىغان بولسىمۇ، قىلىچى « ئابىس » نىڭ ساغرىسىغا سانجىلىپتۇ، تەلۋىلىكىقوزغالغان گامبىسىس نەزىر بېگىنى قامچىلاپتۇ ۋە پېرسىيە قوشۇنىنى مىسىرلىقلارنىڭبايرام تەنتەنىسىنى بۇزۇشقا بۇيرۇپتۇ. يارىلانغان « ئابىس » ئۆلۈپتۇ. قەدىمقىمىسىرلىقلار قالدۇرغان ھۆججەتلەردە يېزىلىشىچە، شۇ ۋەقەدىن كېيىن گامبىسىسنىڭتەلۋىلىكى ئۇچىغا چىقىپ، ئارقا-ئارقىدىن كەچۈرگۈسىز گۇناھلارنى سادىر قىلىۋېرىپتۇ. زالىمگامبىسىس كېيىنچەگامبىسىس ئۆز تەختىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر قورساق ئىنىسى باردىيانى ئۆلتۈرگەن،بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى خانىشى ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى توسۇماقچى بولغاندا،خانىشىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. گامبىسىسباشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغان مۇستەبىتئىدى. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ گامبىسىس بىر بىمار، دۆلەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى يوق،دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قېلىشنى خالىمايتتى. بىركۈنى گامبىسىس ۋەزىر ئەزەم پلېكساسپېس تىن : «دېگىنە، پارسلار ماڭا قانداق قارايدۇ ؟ مەن توغرىلىق نېمىلەرنى دېيىشىدۇ ؟ » دەپسورىغان. پلېكساسپېس ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن : « ئۇلارئالىيلىرىنى ماختىشىدۇ، شۇغىنىسىزە ... ئۇلار ئالىيلىرىنى شارابنى سەل كۆپ ئىچىپقويىدۇ، دېيىشىدۇ» دېگەن. گامبىسىسنىڭ تەرى تۈرۈلۈپ : « مەن ئۆتكەندە بەزىلەردىنسورىسام ئۇلار مېنى ناھايىتى مۇنەۋۋەر پادشاھ، دېگەن ئىدى، ھەتتا ئۇلار مېنى ئاتامدىنمۇقابىل پادشاھ، دېگەن ئىدى، ئەمدى ئۇلار مېنى سەن دېگەندەك دېگۈچى بوپتىمۇ ؟ مەن بۇنى ئىسپاتلاپ چىقىمەن، زادى پارسلاريالغان سۆزلىدىمۇ ياكى سەن يالغان سۆزلىدىڭمۇ ؟ » دېگەن ۋە مىرغەزەبلىرىنى پلېكساسپېس نىڭئوغلىنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇغانھەم پلېكساسپېس كە : « ئوغلۇڭ ھازىر دەل ئىشىك سىرتىدا تۇرۇۋاتىدۇ،ئەگەر مەن بىر ئوق بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىيالىسام پارسلار خاتالاشقان بولىدۇ،ئەگەر ئوغلۇڭنىڭ يۈرىكىگە تەگكۈزەلمىسەم ئۇلار توغرا ئېيتقان بولىدۇ، مەنئەقلىمدىن ئازغان بولىمەن » دېگەن ھەم مىرغەزەبلىرىگە ۋەزىر ئەزەمنىڭ ئوغلىنىتۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ يانىڭ كىرچىنى بولۇشىغا تارتىپ ئوق ئۈزگەن، ئوق دەل بالىنىڭيۈرىكىگە سانجىلىپ بالا نەق مەيداندىلا ئۆلگەن. گامبىسىس تەلۋىلەرچە قاھقاھلاپ : «مەن ناھايىتى سەگەك ئىكەنمەن، پارسلار ئەقلىدىن ئېزىپ ساراڭ بوپتۇ » دېگەن. مىسىرداتۇرغان ئۈچ يىلدا گامبىسىسنىڭ تۇتقاقلىقى غالجىرلىققا ئايلانغان، شۇ مەزگىللەردەئۇ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ھۆرمەتكە لايىق پارس ئاقسۆڭەكلىرىنى تىرىك كۆمدۈرۈۋەتكەن، بىر قورساق ئىگىچى-سىڭىللىرىنىۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەن. ۋەزىرلىرى ھەر كۈنى قايسى كۈنى بېشىمىزغا شۇم كۈلپەتكېلەركىن، دەپ دەكە-دۈككە، غەم-ئەندىشىدە كۈن ئۆتكۈزگەن. ئىراندىكىئىچكى نىزا گامبىسىس مىسىردا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىۋاتقانكۈنلەرنىڭ بىرىدە، پارسلارنىڭ يۈرىكى بولغان ئىراندا زوروئاستېر ( ئاتەشپەرەستلىك) دىنىنىڭ كاھىنى گاۋماتا غەليان كۆتەردى. گاۋماتا پارسلارنىڭ گامبىسىسخاندانلىقىنىڭ رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزگەن ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقكەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ گامبىسىس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن باردىيانىڭ ئۈچىنچىئوغلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 522-يىل 3-ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىشقوزغاپ، ئۆزىنى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادشاھى، دەپ جاكارلاپ گامبىسىسنىڭ شاھلىقتەختىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گاۋماتاسىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن ئىراندىكى خەلقنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن لەشكىرىيمەجبۇرىيەت ۋە باج-ھاشارنى ئۈچ يىلغىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپپۈتكۈل خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. پۇقرالار تۇشمۇتۇشتىن قوزغىلىپ ئىلگىرىكى رەھىمسىز باي-ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆلتۈرۈپ ۋەقوغلىۋېتىپ، مال-مۈلكىنى بۆلۈشۈۋېلىشتى. دۆلەتئىچىدىكى غەلياندىن خەۋەر تاپقان گامبىسىس چاقماق تېزلىكىدە لەشكەرلىرىنى باشلاپدۆلىتىگە قايتىپ غەلياننى تىنچىتىشقا ئاتلاندى. ئۇ سەپەر ئۈستىدە، بىر كۈنى ئاتقامىنىۋاتقاندا، قىلىچىنىڭ غىلاپ تۈگمىسى ئېتىلمەي قالغانلىقتىن قىلىچ غىلاپتىن سۇغىرىلىپ چۈشتى، ناھايىتى ئۆتكۈر تىغ ئۇنىڭيوتىسىغا سانجىلىپ ئۇ ئاتتىن موللاقچىلاپ چۈشۈپ كەتتى. يارىلانغان گامبىسىس ئۆزىدەرھال ئىرانغا قايتماي، قول ئاستىدىكى يېقىن سەركەردىلىرىنى ئىرانغا غەلياننىتىنجىتىشقا ئەۋەتىپ، ئۆزى ئالدىرىماي يۈرۈشنى پىلانلىدى، ئىلغار قىسىمى ( ئالدىنيۈرەر قىسىم ) قۇملۇقتا قارا قۇم بورانغا ئۇچراپ ھالاك بولدى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە،ئارخېئولوگلار پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولغان بۇ ئىلغار قىسىمىنىڭجەسەتلىرىنى تېپىۋېلىشتى. گامبىسىسيارىلانغاندىن كېيىن قارارگاھىغا قايتىپ كەلدى، ھاۋا ئىسسىق، جاراھەت تېڭىلغانماتا پاكىز بولمىغاچقا، جاراھىتى شەلۋەرەپ، ھەر كۈنى زەرداب ئېقىپ، بىرەر ئايئۆتمەي بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى. قەدىمقىيۇنان تارىخچىسى ھرودود « تارىخ » ( « يۇنان –پېرسىيە ئۇرۇشى تارىخى ») دېگەن ئەسىرىدە، يۇقىرىقى شەرھنى يېزىپ قالدۇرغان، باشقا قەدىمقى تارىخچىلارمۇبۇ قاراشنى ئاساسەن قوللاپ ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەر قالدۇرغان. يېقىنقى زاماندىكىنۇرغۇن تارىخچىلارمۇ ھرودود نىڭ گامبىسىس ئۆلۈمى ھەققىدىكى يۇقىرىقىخاتىرىلىرىنى نەقىل قىلىشقان، ئەمما يېقىنقى زاماندىكى بۇ تارىخچىلار ئىلىمگەمۇخالىپ بولغان دىنىي قاراش تەركىبلىرىنى چىقىرىۋېتىشكەن. بەھىستانئابىدىسىگە ئىزاھ قەدىمدە،مىسىرلىقلارنىڭ يۇقىرىقى قارىشىدىن باشقا يەنە پېرسىيە شاھىنشاھى دارىئۇس Iبەھىستاندىكى قىياغا تاشقا ئويۇپ قالدۇرغان مەشھۇر شىنا يېزىقىدىكى ئابىدىدىمۇگامبىسىس نىڭ ئۆلۈمىنى تىلغا ئالغان، ئەمما ناھايىتى ئاددىيلا بايان قىلغان،شىنا يېزىقىدىكى بۇ ئابىدە ھەققىدە ئىلىمساھەسى ئوخشاشمىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىزاھاتنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرىنچىخىل ئىزاھات : « ئۆلۈۋالغان » دېگەندىنئىبارەت. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ خىل قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىكۆپ ساندىكى بەھىستان ئابىدىسى تەتقىقاتچىلىرى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىئالىملار گامبىسىس گاۋماتانىڭ غەليان كۆتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كەلگۈسىدىنئۈمىدسىزلىنىپ ئۆلۈۋالغان، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچىخىل ئىزاھات : « ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەن »دېگەندىن ئىبارەت. 1912-يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم سۇلتىز تۇنجى بولۇپ بۇ خىلقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ « گامبىسىسنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە » دېگەنمەخسۇس تەتقىقات ماقالىسىدە 20 خىل ھىندى-ياۋروپا تىلىدىكى ماتېرىياللارنىئومۇملاشتۇرۇپ سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق « گامبىسىس ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەن »دېگەن يەكۈننى چىقاردى. 1919-يىلى، رېيدمان خاۋپت ئۆزىنىڭ « زوروئاستېر دەۋرىھەققىدە تەكشۈرۈش » دېگەن مەخسۇس ئەسىرىدىمۇ يۇقىرىقى قاراشنى ياقلىدى. ئۈچىنچىخىل ئىزاھات : « تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان »دېگەندىن ئىبارەت. بۇ خىل قاراشنى ياقلايدىغانلار بەھىستان ئابىدىسىدىكى پارسچەئەسلىي تېكىستنى ئارامى يېزىقى ۋە ئاركاد يېزىقىدىكى نەقىل تېكىستنى سېلىشتۇرۇپھەم باشقا پارسچە ئابىدىلەردىن پايدىلىنىپ، « بەھىستان ئابىدىسىدىكى پارسچەتېكىستتە گامبىسىسنىڭ ‹ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغانلىقى ›، ھەرگىزمۇ ‹ ئۆلۈۋالمىغانلىقى› ياكى ‹ ئۆز ئەجىلىدە ئۆلمىگەنلىكى › بايان قىلىنغان » دېگەن يەكۈننى چىقارغان.بۇ قاراشنى ياقلايدىغانلار « تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان » دېگەن قاراش گامبىسىستىن بىرئەسىر كېيىن ياشىغان ھرودودنىڭ خاتىرىلىگەنلىرى بىلەن ئوخشاش، بۇ قەدىمقىپارسلارنىڭ بىر خىل ئەنئەنىۋىي قارىشى يەنى گامبىسىسقا ئۆچلۈك قىلىپ دارىئۇس I گەچوقۇنۇش قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈدۇ، دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل قاراشتىكىلەر مۇنداقچەئېيتقاندا دارىئۇس I نىڭ قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىشىدۇ، دارىئۇس Iنىڭ قارىشى بولسا گامبىسىس كەچۈرگۈسىز گۇناھ قىلغانلىقتىن تەڭرىنىڭ تېگىشلىكجازاسىغا ئۇچرىغان، دېگەندىن ئىبارەت. باشقا قاراشلار يەنە بىر قىسىم ئالىملارگامبىسىس باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، دەپ قاراشماقتا. بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭبەزىلىرى گامبىسىسنى زوروئاستېر دىنىنىڭ كاھىنلىرىدىن ماگاۋس ئۆلتۈرگەن، دېيىشىدۇ؛يەنە بەزىلىرى گامبىسىس قول ئاستىدىكى لەشكەرلەردىن بىرى تەرىپىدىنقەستلىۋېتىلگەن، دېيىشىدۇ. گامبىسىس ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىئېنىق بولمىغاندىن سىرت يەنە ئۇ ئۆلگەن جاي ھەققىدىمۇ تۈرلۈك قاراشلار بار.قەدىمقى تارىخچىلارنىڭ بايانىدا تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان: يۈسۈففەللاۋىي گامبىسىس دەمەشقتە ئۆلگەن، دەپ يازىدۇ. ئەمما ھرودودنىڭ يېزىشىچە،گامبىسىس ئۆلۈشتىن سەللا ئىلگىرى مەھرەملىرىدىن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ قايسىشەھەر ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، مەھرەملىرى « ئالىيلىرى ھازىر ئەغبادانناداتۇرۇۋاتىدىلا » دەپ جاۋاب بېرىشكەن. ھرودود خاتىرىسىدە « ئىلاھنىڭ بىشارىتىدەگامبىسىسنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەغباداننادا ئۆلۈدىغانلىقى قەيت قىلىنغان، پاكىت بۇنىئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ » دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. يەنە بەزىلەر ئارخېئولوگىيىلىكئىسپاتلاش ئارقىلىق ئەينى زاماندا بۇنداق بىر شەھەرنىڭ بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغاقويۇشتى. ھالبۇكى، تارىخچى قەززىس گامبىسىس يوتىسىغا قىلىچ سانجىلىپ يارىلانغاندىنكېيىن بابىلوندا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
|