مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاخىرى «سىزنى سۆيىمەن! »دىگەن ئىدىڭ......

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-2-27 19:36:51 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
بەش ياشقا كىرگەندە سېنى سۆيىمەن ! دىسىەم بېشىڭنى چايقاپ، زۇمرەتتەك كۆزلىرىڭنى يۇغان ئېچىپ «نىمە دىگەن گەپ ئۇ ؟»دىگەن ئىدىڭ .....
ئون بەش ياشقا كىرگەندە _سېنى سۆيىمىن! دىسەم ئوتقاشتەك قىزىرىپ بېشىڭنى تۈۋەن سېلىپ كۈلۈپ كەتكەنىدىڭ .......
يىگىرمە ياشقا كىرگەندە _سىنى سۆيىمەن! دىسەم بېشىڭنى مۆرەمگە قۇيۇپ، خۇددى مەن ھىلىلا غايىپ بۇلدىغاندەك بىلىكىمنى چىڭ تۇتىۋالغانىدىڭ ................يىگىرمە بەش ياشقا كىرگەندە _سىنى سۆيىمەن! دىسەم، ناشتىلىقنى ئۈستەلگە قۇيۇپ قۇيۇپ، «بىلىمەن ھۇرۇن! ئەمدى ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ» دىگەنەدەڭ ...............
ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە _سىنى سۆيىمەن! دىسەم «ئەگەر مىنى راستىنلا سۆيسىڭىز كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۇياق _بۇياقلادا قاڭقىپ يۈرمەي ئۆيگە بالدۇرراق قايتىپ كىلىڭ دىگەنىدىڭ ......
قىرىققا يەتكەندە _سىنى سۆيىمەن! دىسەم ،قاچا_قۇچىلانى يۇغۇشتىرۋېتىپ، ماڭا قاراپما قويماي......بولدى_بولدى بېرىپ بالىلانىڭ تاپشۇرىقىغا يىتەكچىلىك قىلىڭ دىدىڭ.........
ئەللىككە بارغاندا _سىنى سۆيىمىن! دىسەم، تۇقىۋاتقان پۇپايكاڭنىڭ يىپلىرىنى ئوڭشىغاچ،«نىمە مىنى نىمانچە ئۆلمەيدىغاندۇ،دەپ ئىچىڭىز سىقىلىۋاتامدۇ؟»دەپ پىخلداپ كۈلۈپ كەتتەڭ......
ئاتمىش ياشقا كىرگەندە _سىنى سۆيىمىن! دىسەم، نۇقۇشلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ«ۋاي بېشىنى يەيدىغان! قېرى، نەۋرىلىك بولۇپ قالغاندىمۇ دەۋاتقان گىپىنى! »دەپ كۈلۈپ قويدۇڭ.................يەتمىش ياشقا كىرگەندە_تەۋرەنمە ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئەللىك يىل بۇرۇن مەن ساڭا يازغان سۆيگۈ مەكتۇپىنى قايتا ئۇقۇدۇق. قېرىلىق بەلگىللىرى بىلىنگەن قوللىرىمىز چىڭ سىقىلدى.«سىنى سۆيىمەن! »دىدىم. ماڭا چوڭقۇر نەزەر بىلەن تەكىلدىڭ ،مەشتىكى قايناۋاتقان سۇنىڭ ھورلىرى ئۆيىمىزگە ھارارەت بېغىشلىدى.............سەكسەن يېشىمىزدا «سىزنى سۆيىمەن! »دىدىڭ، ئەمما مەن ھېچنىمە دىيەلمىدىم،چۈنكى يىغلاۋاتاتتىم. ئەمما بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال بولغان كۈنۈم ئىدى......سەن ئاخىرى «سىزنى سۆيىمەن! »دىگەن ئىدىڭ......
..........................
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:01 , Processed in 0.054106 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش