تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى، ئەمدى چىدىغىچىلىكىم قالمىدى! [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2017-4-12 10:47
تېما: بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى، ئەمدى چىدىغىچىلىكىم قالمىدى!
ئايالى دېدى: بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى، ئەمدى چىدىغىچىلىكىم قالمىدى!
‫يولدىشىمۇ ۋاقىرىدى: چىدىمىغان بولساڭ بوپتۇ، ئاجراشساق ئاجراشتۇق، كىم ئاجرىشىشقا قوشۇلسا شۇ ئادەم ئەمەس! ئۆي، ماشىنا، بالىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بەردىم! بىراق شەرتىم مېنى بالا باققۇچى قىلىۋالىسەن، سەن نەگە بارساڭ مەن شۇ يەرگە بارىمەن! ئايالى ئىچىۋاتقان سۇنى پۈركىۋەتتى.
‫يولدىشى سورىدى: خوتۇن نەگە بارىسەن؟
‫ئايالى: سىز ئامراق سەينى ئالغىلى بارىمەن، سىز ئامراق قىزارتىپ قورۇلغان گۆش قورمىسىنى قورۇپ بېرىمەن.
‫ئېرى دېدى: مەن ساڭا ھەمراھ بولاي!
‫خوتۇنى ئېرىدىن سورىدى: نېمىشقا ھەر قېتىم سوقۇشساق ماڭا يول قويىسىز؟
‫ئېرى: مەن 170 سانتىمېتىر چىقىمەن، سەن 160 سانتىمېتىر چىقىسەن، ساڭا گەپ قىلىش ئۈچۈن بېشىمنى ئەگمىسەم بولمايدۇ دە.
‫بىر ئەركىشنىڭ قانچىلىك پۇلى بولىشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ بارلىقىنى سىزگە تاپشۇرغىنىدا.
‫مەن بۇ بىر ئابزاس سۆزنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن:
‫پۇل، سېنى بىر ئۆمۈر باقالمايدۇ.
‫كېلىشكەن تۇرقۇڭ: ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالمايدۇ.
‫ئەر بىلەن بىللە ئۆتۈش ئۈچۈن توي قىلىمىز، سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس.
‫شۇڭا پۇلدار كېلىشكەننى تاللىماي، كەڭ قۇرساق ئەرنى تاللاڭ.
‫ئەگەر ئۇ سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ۋە كەمچىلىكىڭىزگە كەڭ قۇرساقلىق قىلالمىسا، شارائىتى ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ نىمەن پايدىسى؟
‫ئەمەلىيەتتە ئەڭ ياخشى كۈنلەر، سىز بېشەملىك قىلغاندا ئۇنىڭ ئەركىلىتىشى.
‫ئاياللارنىڭ بۇ ئۆمرىدىكى ئەڭ چوڭ بەختى سىز بىلەن ھەممە ئىشتا تەڭ تۇرىۋالىدىغان ئەر ئەمەس، بەلكى سىزگە كۆيىنىدىغان ئەر تېپىش
‫تۇيۇقسىز بۇ سۆزلەرنى ناھايىتى ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ قالدىم...
‫كۆڭۈل بۆلۈش مۇھەببەت سەۋەبىدىندۇر.
‫ئاچچىقلىغانلىق ئېتىبار بەرگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر.
‫سۈكۈت، كەڭ قورساقلىق سەۋەبىدىندۇر.
‫كوتۇلداش سىزگە تېخىمۇ ياخشى بولسۇن دېگىنى ئۈچۈندۇر.
‫ئاچچىقلىغىنى سىزنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.





خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2