1993 - يىل 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002 - يىل 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 - يىغىنىنىڭ «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2015 - يىل 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(15 - نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى» 2015 - يىل 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
2015 - يىل 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى
بىرىنچى باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
بىرىنچى ماددا بۇ نىزام دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى ئىلمىي قوغداش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
ئىككىنچى ماددا تىل - يېزىق خىزمىتىدە مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ، تىل - يېزىقنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
تىل - يېزىقنىڭ قوللىنىلىشى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىززىتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق بولۇشى، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، سىياسىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى ماددا مىللەتلەر تىل - يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى، باشقۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتى كۈچەيتىلىدۇ، مىللەتلەر تىل - يېزىقىنىڭ قېلىپلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشىلاشتا، تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، شۇ مىللەتتىكى كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق، سالماقلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك.
تۆتىنچى ماددا يېزىقى يوق ياكى ئورتاق يېزىقى يوق مىللەتنىڭ يېزىق مەسىلىسىنى شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇش، ئىختىيارىي تاللاش پىرىنسىپى بويىچە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. باشقا مىللەتنىڭ يېزىقىنى قوللانغان مىللەتنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك.
بەشىنچى ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، قاتناش - تىرانسپورت، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى تىل - يېزىققا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.
ئالتىنچى ماددا پۇقرالار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق قوللىنىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى كېرەك، ئۇلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشكە دائىر خىزمەتلىرىگە خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىش، تەنقىدلەش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تىل - يېزىق مەسئۇل ئاپپاراتى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك.
يەتتىنچى ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، مەسئۇل تارماق بىر تۇتاش پىلانلاش، ئالاقىدار تارماقلار قوللاش، جەمئىيەت ئورتاق ئىشتىراك قىلىشتەك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.
ئىككىنچى باب تىل - يېزىقنى قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش
سەككىزىنچى ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى كېرەك؛ ئېھتىياجغا قاراپ، باشقا مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ئاپتونومىيە ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى كېرەك؛ ئېھتىياجغا قاراپ، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان باشقا مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللانسىمۇ بولىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى تەڭ قوللىنىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقى ئاساس قىلىنسا بولىدۇ.
ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى بىلەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەڭ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
توققۇزىنچى ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىل - يېزىق مەسئۇل ئاپپاراتى تىل - يېزىقنىڭ جەمئىيەتتە قوللىنىلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئونىنىچى ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىل - يېزىق مەسئۇل ئاپپاراتى مەكتەپ، ئورگان، مەدەنىيەت، ئاخبارات - نەشرىيات - رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ۋە جامائەت مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشقىنى بويىچە قوللىنىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىل - يېزىق مەسئۇل ئاپپاراتى مائارىپ مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپلەرنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل - يېزىقنى قېلىپلاشقىنى بويىچە قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئون بىرىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك؛ خەتنىڭ رەڭگى، نۇسخىسى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئورۇن تەرتىپ ئۆلچىمىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش كېرەك:
بىرىنچى: ئورۇن نامى، ۋىۋىسكا، تامغا، كىنىشكا، ھۆججەت ۋە ئورۇن نامى بېسىلغان ئىش قەغىزى، كونۋېرت؛
ئىككىنچى جامائەت سورۇنلىرى، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ساھەلىرىدە يېزىق قوللىنىلىدىغان نام تاختىسى، ئېلان، ئۇقتۇرۇش، بەلگە تاختىسى، تەشۋىقات شوئارى؛
ئۈچىنچى: قاتناش ۋاسىتىلىرىگە يېزىلىدىغان ئورۇن نامى ۋە بىخەتەرلىك شوئارى؛
تۆتىنچى: ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن ھەمدە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ نامى، ئورۇسى، چۈشەندۈرمىسى قاتارلىقلار.
ئون ئىككىنچى ماددا چەت ئەل يېزىقى قوللىنىلىدىغان نام، تاختا، ئېلان، ئۇقتۇرۇش ۋە بەلگە تاختىسىدا قېلىپلاشقان دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.
ئون ئۈچىنچى ماددا دۆلەت ئورگىنىنىڭ پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئورتاق رىئايە قىلىدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىدە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىش كېرەك.
ئون تۆتىنچى ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار يىغىن ئاچقاندا، يىغىن ماتېرىيالىنى تارقاتماقچى ۋە تەرجىمە قىلدۇرۇپ بەرمەكچى بولسا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى تەڭ قوللىنىشى؛ پىلاكات، تاختا قاتارلىقلاردا يېزىقنى قېلىپلاشقىنى بويىچە قوللىنىشى، مۇشۇ نىزامدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.
ئون بەشىنچى ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوقۇغۇچى، خادىم قوبۇل قىلىش ۋە تېخنىكا باھالاش، ئۇنۋان باھالاش، ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى قاتناشقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزى ۋە ماتېرىيالىنى تەييارلاپ بەرسە بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ياكى قاتناشقۇچىلار ئۇنىڭدىن خالىغان بىرىنى قوللانسا بولىدۇ. دۆلەت ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئون ئالتىنچى ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى دەۋا ئىشلىرىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا دېلو بېجىرىشتە، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىقنى قوللىنىشى، شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل - يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇن ھۆججەتلىرىدە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يېزىقنى تەڭ قوللىنىشى كېرەك.
ئون يەتتىنچى ماددا ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى پۇقرالاردىن كەلگەن خەت، ئەرزىيەت ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىشتە، ھال ئېيتىپ كەلگەنلەر بىلىدىغان تىل - يېزىقنى قوللىنىشى ۋە ئۇلارغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ خىزمەتچى خادىملار ئەرز خېتى ۋە ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى بىلمەسلىكنى باھانە قىلىپ، مۇلازىمەتنى رەت قىلسا ياكى كېچىكتۈرسە بولمايدۇ.
ئون سەككىزىنچى ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو - تېلېۋىزىيە، تەرجىمە، تور، قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى كېرەك. ئوقۇتۇش، رادىيو، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى، دەرسلىك، گېزىت - ژۇرنال، كىتاب، كىنو، تېلېۋىزىيە ۋە تور قاتارلىقلاردا قېلىپلاشقان تىل - يېزىقنى قوللىنىش كېرەك.
ئون توققۇزىنچى ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت پەن - تېخنىكا خادىملىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، كەشپىيات - ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىلمىي ماقالە، ئەسەر يېزىش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ئويۇن قويۇشتا ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
يىگىرمىنچى ماددا پوچتا، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى قوبۇل قىلىش، يوللاش، يەتكۈزۈش، ئەشيا يەتكۈزۈش ۋە كىرېدىت، پۇل ئامانىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
يىگىرمە بىرىنچى ماددا تىل - يېزىق تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئېلان تاختىسى ئىشلەيدىغان كارخانىلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىققا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، شۇ جاينىڭ تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتى مەسئۇل ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئۈچىنچى باب تىل - يېزىقنى ئۆگىنىش ۋە تەرجىمە
يىگىرمە ئىككىنچى ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مىللەتلەرگە ئۆزئارا تىل - يېزىق ئۆگىنىش ھەققىدە تەربىيە ۋە ئىلھام بېرىشى كېرەك. خەنزۇ پۇقرالار شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنى ئاكتىپ ئۆگىنىشى؛ ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شارائىت يارىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشى، قوللىنىشىنى قوللاپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارغا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىشى، قوش تىل ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ھۆكۈمەت خادىملىرى، جامائەت مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئالاقىدار خادىملار ۋە ئوتتۇرا ياش، ياش دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قوش تىل ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
يىگىرمە تۆتىنچى ماددا مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى قوش تىل مائارىپىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يەسلىلەر ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر قوش تىل مائارىپىدا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى تەڭ يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قوش تىل مائارىپى دەرسلىك لايىھەسى بىلەن ھەرقايسى پەنلەرنىڭ دەرسلىك ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگەتكەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەپ بولۇشى ۋە قوللىنىشى كېرەك.
ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قوش تىل ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلىشى كېرەك.
يىگىرمە بەشىنچى ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا دەرس ئۆتىدىغان ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى دەرس تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.
يىگىرمە ئالتىنچى ماددا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇسا بولىدۇ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. مەكتەپلەر ئۇلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
يىگىرمە يەتتىنچى ماددا قاتناش، سەھىيە، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، باج، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا، پوچتا، ئالاقە، پۇل مۇئامىلە تارمىقى قاتارلىق كۆزنەك مۇلازىمەت تارماقلىرى خادىملىرىنى قوش تىلدا تەربىيەلەپ، ئۇلارنى شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلنى ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، ھەر مىللەت پۇقرالىرىغا خىزمەت قىلالايدىغان قىلىشى كېرەك.
يىگىرمە سەككىزىنچى ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرجىمە خىزمىتى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەرجىمە كۈچلىرىنى بىر تۇتاش ئۇيۇشتۇرۇپ، تەرجىمە مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.
ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىق تەرجىمە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى، تەرجىمە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، تەرجىمانلارنى سەپلەپ، تەرجىمە خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا (بازار)، كوچا باشقارمىسىغا كەم دېگەندە بىردىن مەخسۇس ياكى قوشۇمچە تەرجىمان قويۇش كېرەك.
يىگىرمە توققۇزىنچى ماددا ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتاب، كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ۋە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتاب ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئوتتۇزىنچى ماددا ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى خىزمەت تىلى قىلىدىغان دىكتور، رىياسەتچى، كىنو - تېلېۋىزىيە - تىياتىر ئارتىسى، ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىر، تەرجىمان قاتارلىق ئالاقىدار خادىملار ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تىل - يېزىق دەرىجە ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك. ئۆلچەمگە يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش كېرەك.
ئوتتۇز بىرىنچى ماددا تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتى مەسئۇل ئاپپاراتى، مائارىپ مەسئۇل تارمىقى تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى تەرجىمانلىرى، مۇھەررىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، پەن تەتقىقاتچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈشى كېرەك.
ئوتتۇز ئىككىنچى ماددا مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە خادىملىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە باھالىنىدۇ، ئۇلار كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
تۆتىنچى باب تىل - يېزىقنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش
ئوتتۇز ئۈچىنچى ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە قېلىپلاشقىنى بويىچە قوللىنىشى كېرەك.
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى دۆلەتنىڭ قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ قوللىنىش كېرەك، مۇرەككەپ خەت، باشقىچە خەتنى كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىشكە، ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتنى قالايمىقان ياساشقا بولمايدۇ.
ئوتتۇز تۆتىنچى ماددا ئورگان، تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق مەسئۇل ئاپپاراتى بېكىتكەن ھەمدە ئېلان قىلغان ئىملا قائىدىسى، تەلەپپۇز قائىدىسى، سۆز - ئاتالغۇ، كىشى ئىسىملىرى، يەر ناملىرىنى قوللىنىشى، تىل - يېزىققا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.
ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى كىشى ئىسمى، يەر نامىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدىكى تەرجىمىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
ئوتتۇز بەشىنچى ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تىل - يېزىق مەسئۇل ئاپپاراتى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى توغرىسىدىكى ئاساسىي نەزەرىيە، ئەمەلىي نەزەرىيە شۇنىڭدەك تور تىل - يېزىقى ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيال ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنىڭ ئۆلچەملىك تىلى، ئىملا قائىدىسى ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى قاتارلىق جەھەتتىكى بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى لۇغەتلەرنى تۈزۈش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش دەرىجىسى ۋە ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش - بېكىتىش كومىتېتى ھەر خىل تىل، پەن، كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ، كەسپىي گۇرۇپپىلارنى قۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى تەتقىق قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.
بەشىنچى باب قانۇن جاۋابكارلىقى
ئوتتۇز ئالتىنچى ماددا ئورگان، تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سۆز ۋە خەت ئىشلەتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىل - يېزىق مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ مەسئۇل خادىمى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.
ئوتتۇز يەتتىنچى ماددا كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سۆز ۋە خەت ئىشلەتكەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىل - يېزىق مەسئۇل ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
ئوتتۇز سەككىزىنچى ماددا تىل - يېزىق تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئېلان تاختىسى ئىشلەيدىغان كارخانىلاردىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتى مەسئۇل ئاپپاراتى ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى ئالاقىدار تارماقلار ئىش توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئالاقىدار ئىجازەتنامىلىرىنى بىكار قىلىدۇ ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ.
ئوتتۇز توققۇزىنچى ماددا تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتى مەسئۇل ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، كاشىلا قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
قىرىقىنچى ماددا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار مەمۇرىي جازا قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
قىرىق بىرىنچى ماددا تىل - يېزىق ۋە تەرجىمە خىزمىتى مەسئۇل ئاپپاراتى ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنى ئىشلەۋاتقان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مەسئۇل خادىمى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
قىرىق ئىككىنچى ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
ئالتىنچى باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
قىرىق ئۈچىنچى ماددا بۇ نىزام 2015 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
مەنبە : قانۇن ئۈندىدار سالونى
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA3MjI3MTEzMg==&mid=401110268&idx=1&sn=c41485feaebfc7f1a17c0ac4c2cb862f&scene=2&srcid=1115HkPf55z1yW0HSzx8hkWk&from=timeline&isappinstalled=0#wechat_redirect
|