مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 481|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-15 11:44  

ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش
ئەزىزى
2014.04.25 13:53         مەنبە: خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15409094.html


تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادتىكى ئوغۇزخان ھەيكىلى


مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن
  -« ئوغۇزنامە»دىن

  « ئوغۇزنامە»ئېپوسى-تارىخمىزدىكى غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئابىدىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتى، تارىخى ۋە ئېتنىگوراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا موھىم مەنبە ھېساپلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن مەشھۇر تۈركىلوگلار، مەسىلەن: گوللاندىيىلىك خوس، گېرمانىيىلىك دېتىس، رۇسىيەلىك رادلوف، فىرانسىيىلىك پىللىئوت، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىلىق شىرباك، تۈركىيىلىك رەشىد رەھمەت ئارات قاتارلىقلار بۇ ئەسەرنى نەشىرگە تەييارلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

  ھازىرغىچە بىزدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا ئەسەرنىڭ مەنبىيى ھەققىدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ۋە فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «مىللىي كۈتۈپخانا»دا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىدىن باشقا، رەشىدىددىن (1318-1247)نىڭ «جامىئۇت تەۋارىخ» (ئومۇمىي تارىخ)، مىرزا ھەيدەر كوراگانى (1551-1500)نىڭ «تارىخى رەشىدى»، ئوبۇلغازى باھادىرخان(1664-1603)نىڭ «شەجەرىئىي تۈرك» (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى)دېگەن ئەسەرلىرىدە ئوغۇرخانغا ئائىت تەپسىلاتلارنىڭ بارلىقى قەيىت قىلىنغان. گەرچە يۇقارقى مەنبەلەر تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مەنبەلەردىكى ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلار كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرىشىش پۇرسىتىگە تېخى نائىل بولالمىدى.مەن يېقىندا مەشھۇر تارىخچى شەرەپىددىن ئەلى يەزدى(1454-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ زەپەرنامە ناملىق ئەسىرى ۋ مىرزا ئۇلۇغبىك(1449-1394)نىڭ «تارىخى ئەربەئى ئۇلۇس» (تۆت ئۇلۇس تارىخى)ناملىق ئەسىرىنى كۆرۈپ، بۇ ئىككى ئەسەردىمۇ ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلارنىڭ خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەر ئىككىلا ئەسەردە ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلار يەر-جاي نامىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئىككى ئاپتور ئاساسلانغان تارىخى مەنبەنىڭ ئوخشاشلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. شۇمۇ دىققەتكە سازاۋەركى، بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش. بۇ بىر تاسادىپىي توغرا كېلىپ قىلىش بولسىمۇ، لېكىن ئىلىم ساھەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە ھېساپلىنىدۇ.

  شەرەپىددىن ئەلى يەزدى ئۆز دەۋرىنىڭ يىتۈك ئالىملىرىدىن بولۇپ، تارىخ، پەلسەپە، ئەدەبىيات ۋە ئاستىرنومىيەگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى-«زەپەرنامە» شاھرۇھ(1447-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ ئوغلى ئىبراھىم سۇلتان(1435-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان. ئىبراھىم سۇلتان «زەپەرنامە»نى يېزىشتا شەرەپىددىن ئەلى يەزدىنى مەخسۇس تارىخى ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، ئەسەرنى يېزىش ۋە بېكىتىش ئىشلىرىغا ئۆزى بىۋاستە نازارەتچىلىك قىلغان.

  «زەپەرنامە»دە ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا ئائىت مەلۇماتلار خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، « ئوغۇزنامە»ئېپوسىغا سېلىشتۇرغاندا بەزى روشەن پەرقلەرگە ئىگە. ھەتتا بەزى ئادەم ۋە يەر-جاي ناملىرى خېلى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئاساسلار بىلەن يورۇتۇلغان. شۇڭا «زەپەرنامە»دە تىلغا ئېلىنغان ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلارنى « ئوغۇزنامە»ئېپوسىنىڭ تارىخى مەنبەسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.« ئوغۇزنامە» ئپوسى ۋە باشقا تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان ئوغۇزخاننىڭ كىملىكى ھەققىدىكى كۆز قاراش تېخى تولۇق بىرلىككە كەلگىنى يوق. بىرقىسىم تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھېچقانداق بىر تارىخى شەخىس بىلەن باغلىنىشلىقى بولمىغان ئەپسانىۋىي ئوبراز دەپ قارىسا، يەنە بەزى تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت، ۋە باشقا تارىخي شەخىسلەرگە باغلاپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوغۇزخاننى باتۇر تەڭرىقۇتقا تەققاسلاپ قارايدىغانلار بىرقەدەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

  «زەپەرنامە» ۋە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىكى ئوغۇزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئائىت مەلۇماتلارنى گەرچە ئېنىق تارىخىي ئاساسقا ئىگە دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمىسىمۇ، بەزى تارىخىي ھادىسىلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوغۇزخان ھەققىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە ئېنىقلىق كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  1. «زەپەرنامە»دە ئوغۇزخاننىڭ ئاخىرقى بالىسى تەڭرىخاننىڭ ئوغلى ئېلخاننىڭ تۇر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ يېڭىلگەنلىكى بايان قىلىنىپ، «بۇ ۋەقە ئوغۇزخان ۋاپاتىدىن مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن سادىر بولغانىدى»دىيىلىدۇ. بۇ مەلۇمات ئۇلۇغبېكنىڭ «تۆت ئۇلۇس تارىخى»دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئوخشاش ھالدا ئۇچرايدۇ. ئۆزبېك ئالىمى ئامانۇللا بۆرىيىۋ رەشىدۇددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋىردىن ئىككى مىڭ يىل ئاۋۋال بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلىپ: «دېمەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن بىرمىڭ 500 يىل ئاۋۋال ياشىغان»[1]دەپ قارايدۇ.

  2.«زەپەرنامە»دىمۇ، «تۆت ئۇلۇس تارىخى»دىمۇ ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بۇ زەنجەرخاننىڭ ئەمىر ئەبۇ مۇسلىم مەرزەۋى يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈممەۋىيلەر خەلىپىلىكى (750-661) گە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرى، ئابباسلار خەلىپىلىكى(1258-750)نىڭ باش قوماندانى ۋە ئۇلارنىڭ خۇراساندىكى نائىبى ئەبۇ مۇسلىم ئابدۇرەھمان ئىبىن ئەسەد مەرزەۋىي(755-727)بىلەن زامانداش ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. «تۆت ئۇلۇس تارىخى»دا يەنە بۇزەنجەرخاننىڭ چىنگىزخاننىڭ توققۇزىنجى بوۋىسى، ئەمىر تېمۇر كوراگان(1405-1336)نىڭ 14-بوۋىسى ئىكەنلىكى يېزىلغان.

  3.جۈنەيدۇللا خوجا ئوغلى ئىسھاقخان(1862-1937 –يىللار، تەخەللۇسى ئىبرەت)نىڭ «پەرغانە تارىخى» ناملىق ئەسىرىدىمۇ ئوغۇزخانغا ئائىت بەزى مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.«پەرغانە تارىخى»نىڭ باش قىسمىدا ئاپتور تۇران ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ مۈلۈكلەرگە دەسلەپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆتكەنلەرنىڭ بىرىنچىسى ئوغۇزخان، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇران خانى ئەپرا سىياب»[2] دەپ يازسا، يەنە بىر يەردە يەنى ئەسەرنىڭ ئەنجان تارىخىغا بېغىشلانغان قىسمىدا «ئوغۇزخان بۆقۇخاننىڭ سەككىزىنچى بوۋىسىدۇر يەنى بۆقۇخان ئەپراسىيابنىڭ موڭغۇلچە ئىسمىدۇر»[3]، «ئەندىجان تۆت مىڭ يىل مۇقەددەم يەنى ئوغۇزخان ۋاقتىدا شەھەر ئىدى، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئاۋات شەھەر ئىكەن. ئوغۇزخان ھەزرىتى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇزىنچى ئوغلىدۇر»[4] دېگەنلەرنى بايان قىلىدۇ.

  يۇقىرىلاردىن بىز ئوغۇزخانغا ئائىت بەزى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولۇش بىلەن بىرگە يەنە يېڭى بىر مەلۇمات-تارىخىمىزدىكى ئۆچمەس سىما ئەپراسىياب يەنى ئەلىپ ئەرتۇڭانىڭ ئوغۇزخان بىلەن بىر نەسەپتىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۆقۇخان دېگەن يەنە بىر ئىسمىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالالايمىز. مەلۇمكى ئەپراسىياب-ئەلىپ ئەرتۇڭانىڭ پارسچە ئىسمى.ئۇنىڭ يەنە بۆقۇخان دېگەن ئىسمىنىڭ بولۇشى، تۈرك ئوغلانى ئەلىپ ئەرتۇڭانىڭ نەقەدەر شانۇ-شەۋكەتلىك خاقان ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۆقۇخان دېگەن بۇ ئىسىم «بۆكۈخان رىۋايىتى»دىكى باش شەخىس بۆكۈخاننىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئىككى خىل ئوقۇلغان ياكى ئىككى خىل تەلەپپۇز قىلىنغان بىر ئىسىم بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. بۇ مەسىلىنى بۇ ئىسمغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىرىياللار ۋە رىۋايەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  يۇقىرىقىلاردىن شۇنى تونۇپ يېتىشكە بولىدۇكى، ئوغۇزخان قانداقتۇر ئەپسانىۋىي شەخىس بولماستىن، بەلكى كۆپ ئەسىرلىك تارىخىمىزنىڭ ئۇلىنى قۇرغۇچى ھەقىقىي شەۋكەتلىك خاقاندۇر. ئۇنىڭ خانلىقى قەدىمكى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، زامان ئۇقۇمىنى تولۇق ئىسپاتلايدىغان ئېنىق ھۆججەتلىك يىلنامىلار ھازىرچە تېپىلمىغان بولسىمۇ كېيىنكى زامان تارىخچىلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنغان بەزى مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىپ كۆرسەك، بۇ ھەقتە خېلى قايىل قىلارلىق يەكۈنلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

  ئۇلۇغبېك «تۆت ئۇلۇس تارىخى»دا، «تارىخ ۋە خەۋەرلەر تەھقىقلىگۈچىلىرى نەزىرىدە شۇ مۇقەررەركى، ئوغۇزخان سۇلتان ئوسمان خاننىڭ ئون بەشىنچى بوۋىسىدۇر»[5]دەيدۇ. يەنە باشقا مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رەشىدۇددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» ناملىق ئەسىرىدە خارەزىمشاھىنىڭ قوشۇن توپلاپ بۇخاراغا يۈرۈش قىلغانلىقى ۋە «ئەتراپتىكى ھاكىملارنىڭ خۇسۇسەن سەمەرقەندنىڭ سابىق ھاكىمى، ئەپراسىياب ئەۋلادلىرىدىن بولغان سۇلتان ئوسمانغا خۇشخەۋەر ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ ياخشى ۋەدىلىرى بىلەن ئۈمىدۋار»[6] قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى مەلۇم. مىلادىيە 1204-يىلىدىن 1211-يىلغىچە قاراخانىيلارنىڭ ماراۋەئۈننەھر (سەمەرقەند)دىكى ھۆكۈمدارى بولغان سۇلتان ئوسمانخاننىڭ ئوغۇزخان ھەم ئەپراسىياپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقى ئوغۇزخان بىلەن ئەپراسىيابنىڭ بىر نەسەب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماستىن، بەلكى قاراخانىيلار سۇلالىسنىڭ ئوغۇزخان ئاساس سالغان خانلىق بىلەن يىلتىزداش ئىكەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئاتاقلىق تارىخچى موللا مۇسا سايرامى (1917-1836) ئۆزىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» ناملىق ئەسىرىدە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (مىلادىيە 956-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭمۇ ئەپراسىياپنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.[7] دېمەك، بۇ يەردە بىرقىسىم تارىخچىلارنىڭ «رىۋايەتتىكى ئوغۇزخان قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىر خاننىڭ سىمۋۇلى»[8] دېگەن تەنتەكلەرچە قاراشلىرى پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. تارىخىمىز شۇقەدەر مۆجىزىگە بايكى، خەلقىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى سەلتەنەت ساھىبى بولغان ئوغۇزخاننىڭ دادىسى قاراخان دەۋرىدىن تاكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۈيۈك قاراخانىيلار سۇلالىسىگىچە ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋىرنى «قار» دېگەن بىر سۆز خۇددى سىرلىق يىلتىزغا ئوخشاش بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە ئايرىم-ئايرىم دەۋىرلەردە قوللىنىلغان بۇ سۆزنىڭ مەلۇم ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ليۇزىشياۋ ئەپەندى «قارا»دېگەن سۆز ھەققىدە توختىلىپ: «‹قارا› دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلى رەڭدىكى ‹قارا›نى ئىپادىلەيتى، بىراق يېقىنقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ‹قارا› دېگەن سۆزنىڭ ‹كەڭ، بىپايان› دېگەن مەنىلىرىمۇ بار ئىكەن. سۆز مەنىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ‹ئۇلۇغ، ھەيۋەتلىك› دېگەن مەنىلەرمۇ سىڭگەن» [9]دەيدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئوغۇزخاننىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى بىر تەرەپتىن نوقۇل ئىسىملىك رول ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۆزنىڭ سۈپەت مەنىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇنىڭ «ئۇلۇغ»، «ھەيۋەتلىك» خان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

  دەرۋەقە لۇغەت مەنىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «قارا» بىرخىل رەڭنىڭ نامى. قارا رەڭ بارلىق رەڭلەر ئىچىدە ئەڭ ساپ، ئەڭ توق ئانا رەڭ. شۇ نۇقتىدىن قارا رەڭنى رەڭلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھەمدە قارىنى مەركەز، ساپلىق، مۇستەھكەملىكنىڭ سىمۋولى دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. لۇغەتلەردە يەنە «قارا» دېگەن سۆزگە كۆچمە مەنە سۈپىتىدە، نىشان، چىداملىق، دەھشەتلىك دېگەندەك تەبىرلەر بېرىلگەن. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ئوغۇزخاننىڭ دادىسى قاراخاننى تارىخىمىزدىكى ئەڭ قەدىمكى خان، ئۇ قۇرغان خانلىقنى كېيىنكى خانلىقلىرىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىساقمۇ خاتا بولمايدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەكى، قارا ئەڭ ساپ رەڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن گۈزەل دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: تۇرمۇشىمىزدا چىرايلىق قاش-قارا قاش، چىرايلىق كۆز-قارا كۆز، چىرايلىق چاچ –قارا چاچ دەپ سۈپەتلىنىدۇ. يۇقىرىدىكى بىر قاتار سەۋەپلەردىن بولسا كېرەك، قارا قەدىمكى ئوغۇزلارغا نىسبەتەن يۈكسەك ئورۇندىكى مۇبارەك رەڭ ھېساپلانغان. 10-ئەسىردە ئۆتكەن ئەرەب سايياھى ئىبنى پەزلان ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئوغۇزلار ھەققىدە توختالغاندا: «يەر-يەرلەردە ئۇلارنىڭ قارا ئۆيلىرى ئۇچرايتتى»[10] دېسە، يەنە بىر سەيياھ ئەبۇ دۈلەف «رىسالە»ناملىق ئەسىرىدە توققۇز ئۇغۇزلار ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلارنىڭ بايرىقى قارا بولىدىكەن»[11]دەيدۇ.

  بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنيا قارىشىدا تۆت پەسىل ۋە تۆت تەرەپ تۆت خىل رەڭ بىلەن قىياسلاپ قارالغان. مەسىلەن، شەرق-يېشىل، غەرپ-ئاق، جەنۇپ-قىزىل، شىمال-قارا. «شىمالنىڭ قارا رەڭدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشى تاسادىپىي ھادىسسە ئەمەس، ئەپسانىگە ئاساسلانغاندا نوھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوغۇللىرىغا زېمىن بۆلۈپ بەرگەندە، ياپەسنى شىمالغا ئەۋەتكەن».[12] تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بارلىق تۈرك قەۋىملىرى ئۆزلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئەنە شۇ شىمالغا ئەۋەتىلگەن ياپەسنىڭ ئوغلى تۈرككە باغلاپ قارايدۇ. ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندىمۇ، ھازىرقى تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىنىڭ شىمالدا ياشىغانلىقى مەلۇم.

  ئۇنداقتا، ئوغۇزخاننىڭ دادىسى قاراخاننىڭ ئىسمى نېمە سەۋەپتىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى قۇدرەتلىك بىر سۇلالىنىڭ ئىسمى ۋە خاقانلىرىنىڭ پەخرىي نامى بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالدى؟

  ۋىنگىرىيىلىك مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم ھىرمان ۋامبېرى ئۆزىنىڭ «بۇخارا ياكى ماۋارەئۈننەھر تارىخ» ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدە، «تۈرك خەلقنىڭ قەدىمدىن قالغان بىر ئادىتى بار، ئەگەر ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرەرسى مەملىكەتنى ياخشى ئىدارە قىلسا ياكى مەملىكەتتە يېڭى بىر ئۇسۇل ۋە تەرتىپنى يولغا قويۇپ ئۆزىگە خاس خىزمەت كۆرسەتسە، ئۇنىڭ نامىنى مەڭگۈ ئەسلەشكە تېرىشىدۇ»[13] دەيدۇ. بۇ سۆز بىزنىڭ يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاپ تېپىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك. قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغۇچىلار ئوغۇزخاننىڭ دادىسى قاراخاننىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىدۇر. قاراخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى ئوغۇزخان سەلتەنەت باشقۇرۇش جەريانىدا «يېڭى بىر ئۇسۇل ۋە تەرتىپ يولغا قويۇپ، ئۆزىگە خاس خىزمەت» كۆرسەتكەن. شۇڭا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تارىختىكى ئۆچمەس خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياد ئېتىپ تۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ، ئەجدادلىرىنىڭ ئەنە شۇ پارلاق خاتىرىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۆز سۇلالىسىنىڭ نامىنى قاراخانىيلار دەپ ئاتىغان ھەمدە قاراخان دېگەن بۇ سۆزنى ھەرۋاقىت يادلاپ، ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزلىرىگە پەخرىي خانلىق نام قىلىۋالغان.

  ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە «قارا» دېگەن سۆز ھەققىدە توختىلىپ: «قارا. خاقانىيە خانلىرى ‹قارا› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ‹بۇغرا قارا خاقان› دېگەندەك»[14] دەيدۇ. يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە «قارا» دېگەن سۆز «پۈتۈن»، «بارلىق» دېگەندەك مەنالارغىمۇ ئىگە ئىكەن.


  قارا رەڭنى ئۇلۇغلاش ئىديىسى قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلغان. 15-ئەسىردىكى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «سەببەئى سەييارە» (يەتتە سەييارە) داستانىدا:

  قارا رەڭ ئېلگە تاجۇ تەرەكتۇر،
  كىم قارا رەڭ ئىچرەدۇر مۇبارەكدۇر.

  يەنى قارا رەڭ ئەلنىڭ بېشىغا تاج ھەم تىرەكتۇر، كىم قارا رەڭ ئىچىدە بولسا مۇبارەكتۇر، دېگەن مىسرالارنىڭ بارلىقى مەلۇم. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ شان-شەرىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قارا چۈشەنچىسى كېيىنكى چاغلاردا تامامەن باشقا مەنالارنى ئاتقۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، نەۋائىيغا ئوخشاش ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەدىر قىممىتىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن يەنىلا ئەسلى خاسىيىتى بىلەن ياد ئېتىلىپ تۇرۇلغان.

  ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، «زەپەرنامە» ۋە «تۆت ئۇلۇس تارىخى»دىكى ئوغۇزخانغا ئائىت مەلۇماتلار قويۇق ئىسلام دىنى روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان. بۇنىڭدا پۈتۈنلەي ئاپتورلارنىڭ دىنى ئېتىقادى چقىش قىلىنغان بولۇپ، ئۇ تارىخى چىنلىققا زادى ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئوغۇزخانغا دائىر ۋەقەلەر ئىسلام دىنى مەيدانغا كېلىشتىن خېلىلا بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.

ئىزاھاتلار:
[1]«شەرىق يۇلتۇزى» ژورنىلىنىڭ 1992 - يىل 3-سان 85-بەتتىكى ئىزاھات
[2]«مېراس» مەجمۇئەسى، 1991-يىل تاشكەنت ئۆزبېكچە نەشرى(«پەرغانە تارىخى») 276-بەت
[3][4] يۇقۇرىقى كىتاپ،324-بەت
[5]مىرزا ئۇلۇغبېك «تۆرت ئۇلۇس تارىخى» 1994 –يىل تاشكەنت «چولپان » نەشرىياتى ئۆزبېكچە نەشرى 58 –بەت
[6]«شەرىق يۇلتۇزى» ژورنىلىنىڭ 1991 –يىل 7 –سان 194 –بەت
[7]موللا مۇسا سايرامى «تارىخى ئەمىنىيە» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 411 –بەت
[8]«ئۇيغۇر تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 1-قىسىم 1 –كىتاپ 295 –بەت
[9] يۇقۇرىقى كىتاپ 295 -294 –بەتلەر
[10][11] «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» (ئىچكى ماتىرىيال) 1988 –يىل 5-4 –سانلار
[12] ئىبراھىم ھەققۇل «زەنجىرلەنگەن شىر قېشىدا» 1989 –يىلى تاشكەنت «يۇلتۇزچە» نەشرىياتى ئۆزبېكچە نەشرى 39 –بەت
[13]«شەرىق يۇلتۇزى»ژورنىلى 1990 –يىل 6 –سان 102 –بەت
[14]مەھمۇد كاشغەرى «تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى 3 –توم 306 -305 -بەتلەر

http://uyghur.people.com.cn/165019/15409094.html

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:24 , Processed in 0.064093 second(s), 28 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش