ئۇيغۇر تىلىدىكى 1-شەخسنىڭ بارلىق شەخسلەرگە بولغان تۈپ بۇيرۇق پېئىلى
ھەممىمىزگەئايان، مۇتلەق كۆپ قىسىم تىللاردا، تۈپ پېئىلدىكى بۇيرۇق قاراتمىسى 1- شەخسنىڭ 2-شەخسكە قىلغان بۇيرۇقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەسىلەن،خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچىدىن مىسال ئالسا: ئېنىقكى،بۇلارنىڭ ھەممىسى 1- شەخسنىڭ 2- شەخسكە بولغان بۇيرۇقى، يەنى «مەن»نىڭ «سەن»گەبولغان بۇيرۇقى ھېساپلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى پېئىللارنىڭ ئالدىكەينىگە شەخس سۆزلىرى ياكى قوشۇمچىلىرى قوشۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى ھالەتلىرىدۇر. لېكىن ئۇيغۇرتىلىدا، 1- شەخس «مەن» ئۆزىگە ۋە قالغان شەخسنىڭ ھەممىسىگە بۇيرۇق قىلالايدۇ.مەسىلەن: 1- شەخسنىڭ 1-شەخسكە بۇيرۇقى: قىلاي، يازاي، يەي 1- شەخسنىڭ 2-شەخسكە بۇيرۇقى: قىل، ياز، يە 1- شەخسنىڭ 3-شەخسكە بۇيرۇقى: قىلسۇن، يازسۇن، يېسۇن كالتە پەمىمچە،«قىلغاي، يازغاي، يېگەي» دېگەنلەر 1-شەخسنىڭ 4-شەخسكە بۇيرۇقى، چۈنكى بۇ بۇيرۇقنەق مەيداندا يوق ياكى ھۆرمەت- ئىززەت پەرقى بەك چوڭ كىشىلەر ئارا ئېيتىلىدۇ، ياكىپادىشاھ، خاقان قاتارلىق بۈيۈك ھۆكۈمدارلار قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇق شەكلىدە ئېيتىدۇ.مەسىلەن: موغۇل ئەلچىسى ئورىدىغا كىرگەي!
مۇتلەق كۆپقىسىم تىللاردا، 2- ۋە 3- شەخسلەر قالغان شەخسلەرگە بۇيرۇق قىلالمايدۇ، ئۇيغۇرتىلىدا ھەم شۇنداق. باشقا تىللار پەقەت 1- شەخسنىڭ 2- شەخسكە بۇيرۇق قىلىشىبىلەنلا چەكلىنىدۇ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىدىكى 1-شەخس ھەممە شەخسلەرگە بۇيرۇققىلالايدۇ.
لېكىن «بىرىنچىشەخسنىڭ بىرىنچى شەخسكە بۇيرۇقى»، «بىرىنچى شەخسنىڭ ئىككىنچى شەخسكە بۇيرۇقى» دەپئېيتساق ئاتالغۇ سۆزى بەك ئۇزراپ كېتىدىكەن، ئاندىن ئۇنى جۈملە ئىچىگە سالساق، گەپئۇزىراپ كېتىپ سۆزلەشكە، چۈشەندۈرۈشكە ۋە چۈشىنىشكە تەسىرى يېتىدىكەن. شۇڭاشەخسلەرنىڭ بۇ تۈپ بۇيرۇق پېئىللارنى شەخسلەرنىڭ سان- سىفىرلىرىغا ئاساسەن مۇنداققىسقارتىشقا بولۇمۇ؟ 1- شەخسنىڭ 1-شەخسكە بۇيرۇقى: 11-بۇيرۇق (ئوقۇلۇشى: ئون بىرىنچى بۇيرۇق) 1- شەخسنىڭ 2-شەخسكە بۇيرۇقى: 12-بۇريۇق 1- شەخسنىڭ 3-شەخسكە بۇيرۇقى: 13- بۇيرۇق (1- شەخسنىڭ 4-شەخسكە بۇيرۇقى: 14-بۇيرۇق)
ھۆرمەت بىلەن: ئىسكەندەر جېلىل (كۆكتاش)
|