توخۇلادېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئۇيغۇربىز سالونىدىن كۆچۈرۈلدى 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭباشلىرىدا سىۋىن ھېدىن ( 1865-1951 ) ، سىتەيىن ( 1862-1930 ) ۋە پائول پىللىئوت (1945-1978 ) قاتارلىقلار ئىلگىرى ۋە ئاخىر تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدا كۆپ قېتىمئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىشبىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن قەدىمكى دەۋرلەردە بۇرايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، جۇغراپىيىسى ، ئېتىقاد قىلغاندىنلىرى ، شۇنداقلا قوللانغان تىللىرىغا بېغىشلانغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ، ھۈرمەتكە سازاۋەر، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ، ئىلىم ساھەسىدە زور شۆھرەت قازاندى. جۈملىدىنتوخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىمۇ ئەڭ دەسلەپ ئارخىئولوگ سىۋىنھېدىن ئۆزىنىڭ ئارخىئولوگىيىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسىرى -ئاسىيا باغرىغا ساياھەت-تە : خوتەن ئەتراپىدا توخۇلا دېگەن بىر يېزا بار ، بۇ توخارلاردىن قالغان ئىسىم-دەپ مەلۇمات بەرگەن .جۇڭگو ئالىمى ۋاڭ زۇڭۋىمۇ : دۇنخۇۋاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى-ناملىق ماقالىسىدە سىۋىن ھېدىننىڭ ئەسىرىدىن يۇقىرىقى قاراشنى نەقىل كەلتۈرۈپ ،بەلگىلىك مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان . ئەمما بۇ قاراشنى تولۇقمۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن . بۇنىڭسەۋەبى ئۇ ماقالىسىدە ئاساسلىق قىلىپ : دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋەتوخارلارنىڭ جۇڭگو يازما مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنىئېنىقلاش ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى پائالىيىتى ئۈستىدىلا مۇھاكىمە ئېلىپبارغان ، ئەمما نەزىرىنى كەڭرەك دائىرىگە قويمىغان . توخۇلا-قاراقاشناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ ، شەرقتە بۇ ناھىيىنىڭ جاھانباغ ،جەنۇبتا ئاقساراي ، كۇيا ، غەربتە ماڭلاي يېزىلىرى بىلەن ، شىمالدا قاراقاش بازىرىبىلەن چېگرىلىنىدۇ . بۇ يېزىدا ( 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى )11 مەمۇرىي كەنت ، 42 مەھەللە ، 15مىڭ 507 نوپۇس ، 15 مىڭ 704 مو تېرىلغۇ يەر بار. توخۇلا-دېگەن بۇ يۇرت نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان توخارلار توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپقالدۇرۇلغان ئىشەنچلىك خاتىرە مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىيە 1-ئەسىردە ياشىغانيۇنان تارىخشۇناسى سىترابون نىڭ -جۇغراپىيە -ناملىق ئەسىرىدۇر . بۇ ئەسەردەتوخارلار ئىسكىت(ساك ) قەبىلىلىرىنىڭ بىرسى دەپ مەلۇمات بېرىلگەن . ئىسكىتلەر ،يەنى ساكلار ئەڭ دەسلەپ مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، كىيىنھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىغا ،تارمەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ،ھىندىستان ۋە ئىران قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان . ھىندىستانغا كۈچۈپ بارغانقەبىلىلەر تەركىبىدىكى توخارلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 140 -يىلىنىڭئالدى-كەينىدىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ( ئالىكساندىر ماكىدونىسكى ) ئىستىلاسىنىڭئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان گرېك-باكتىرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مەشھۇر كۇشان ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان . بۇ ئىمپېرىيىنىڭ توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇپچىقىلغانلىقى كۆپلىگەن تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى . بۇددىزىم تارىخىتەتقىقاتچىسى لۈي جىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ -ھىندىستان بۇددىزىمىنىڭ مەنبە-ئېقىملىرى-ناملىق كىتابىدا بۇددىزىمنى ياراتقان ساكيامونىنىڭ ( ساك خەلقىنىڭ دانىشمىنى )دېگەن نام بىلەن شۆھرەتلەنگەنلىكىنى ، بۇددىزىمنى سەنئەتلەشتۈرۈشنى ۋە ماھايانابۇددا مەزھىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان مەشھۇر كۇشان پادىشاھى كانىشكا نىڭخوتەنلىك ساك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان . توخارلارتەرىپىدىن قۇرۇلغان كۇشان ئىمپېرىيىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرلەردە يالغۇزھىندىستاندا ھۆكۈم سۈرۈپ قالماستىن ، بەلكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىغىمۇ ئۆزتەسىرىنى كۆرسەتكەن . سابىقسوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى ب . ئا . لىتۋىنىسكىيىنىڭ پىكرىچە - ئەڭ دەسلەپكى توخارئېتنىك دولقۇنى شۇنچىلىك چوڭ بولغانكى ، مۇشۇ دولقۇندا كەلگەن قەدىمكى توخارلارشىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك يېيىلغان . بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى كۇشانئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان خوتەندە توخارلاردىن خېلى كۆپ خەلقنىڭياشىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ . كۇشانئىمپېرىيىسىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسىي تەسىرى ھونلار تەرىپىدىن سىقىپچىقىرىلغاندىن كىيىن ، بۇ رايوندىمۇ توخارلار تەدرېجى ھالدا تۈركلىشىشكە باشلىغان. ئالىممەھمۇد كاشغەرىيمۇ -تۈركىي تىللار دىۋانى دا خوتەن تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرىبار ، ئىككى تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدابۇزۇقلۇق بار . چەتئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەنبېرىش-كېلىش قىلىدىغان خوتەن ، تۈبۈت خەلقلىرى ۋە تاڭغۇتلارنىڭ بەزىلىرىمۇ شۇنداق. بۇلار تۈركلەر ئېلىگە كېيىنرەك كەلگەن . تۈبۈتلەرنىڭ ئايرىم تىلى بار . شۇنىڭدەكخوتەنلىكلەرنىڭمۇ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار . بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىتۈركىي تىلدا چىرايلىق سۆزلىيەلمەيدۇ ....دەپ يېزىش ئارقىلىق خوتەن رايونىنىڭكېيىنچىرەك تۈركلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان . توخار-دېگەنبۇ مىللەت (قوۋم ) نامىنىڭ خوتەن رايونىدىكى ساكلار ، يەنى توخارلار تۈركلەرگەئاسسىملىياتسىيە بۇلۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ( تەخمىنەن 5-ئەسىرلەردە )كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلغان نام سۈپىتىدە كەلمەي يەنىلا قوۋمنىڭ ( توخارلارنىڭ) نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ . پەقەت تۈركلىشىش بىرقەدەر تولۇق تاماملانغاندىن كىيىنلا ، ئەينى ۋاقىتتا توخارلار كۆپراقئولتۇراقلاشقان ياكى تولۇق تۈركلىشىپ ( ئۇيغۇرلىشىپ ) كىتەلمىگەن توخارلارئولتۇراقلاشقان كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلىپ ھەم يۇرت نامىنى ، ھەم شۇ جايدىكىخەلق نامىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم . ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتنەتىجىلىرى ھەتتا -تەكلىماكان -دېگەن بۇ نامنىڭمۇ توخارلار ماكانى دېگەن مەنىدەئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا . خوتەن رايونىدا توخارلار دېگەن ئىسىم ئەڭ ئاخىرقىتوخارلار ئۇيغۇرلارغا تەلتۆكۈس ئاسسىملىياتىسىيە بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ، كونكرېتبىرەر قوۋمنى كۆرسىتىشتىن قېلىپ ، يۇرت نامىدىلا ساقلىنىپ قالغان . ئۇ ئۇيغۇرجانلىق تىلىنىڭ ئادىتى بۇيىچە تەلەپپۇزدا -ر - تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەنتوخارلا -توخالا غا ئۆزگەرگەن . ئاندىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش -ئا- نىڭ نۇتۇقتاماسلىشالماي -ئۇ-غا ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن بۈگۈنكىدەك -توخۇلا - دېگەن ھالەتكەكەلگەن . ئىزاھات: 1) ۋاڭ زۇڭۋىي -دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭيەشمىسى (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1987-يىللىق 4-سان ، 163-164-بەتلەر) 2) قاراقاشنى چۈشىنەيلى -78-بەت (1997-يىلخوتەن مەمۇرىي مەھكىمە قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ، قاراقاش ناھىيىلىك خەلقھۆكۈمىتى ئىشخانىسى تۈزۈپ باستۇرغان ) 3) يۈي تىيەنخېڭ ( خانېدا تورۇ ) :-غەربىييۇرت مەدەنىيەت تارىخى -شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 7-ئاي 1-نەشىرى 35-بەت. 4) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن - ئۇيغۇر مۇقامخەزىنىسى -دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل . شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى 1997-يىل 4-ئاي1-نەشىرى ،41-بەت . 5) ب . ئا . لىتۋىنىسكىي : غەربىي يۇرت ۋەئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى تەقدىرى ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخى -مەدەنىيباغلىنىشلار موسكۋا 1984-يىلى 6) مەھمۇد كاشغەرىي : تۈركى تىللاردىۋانى1-توم ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي 1-نەشىرى ،10-،39-،40-بەتلەر. 7) پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ، گۈلنار ئىسمايىل :تەكلىماكان نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە قايتا ئىزدىنىش -شىنجاڭ ئۇۋىرسىتىتىئىلمىي ژۇرنىلى -2000-يىللىق 4-سان 57-بەت مەنبە؛ئىزدىنىشتورى
|