بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-20 22:24
تىتۇسنىڭ سىرى : يالماۋۇز پۇقرا، دانا ئىمپېراتور تارىخ كىتابلىرىدا ئەڭ مۇكەممەل ئىمپېراتور، دەپ ئاتالغان تىتۇس ھەقىقەتەن مۇشۇ نامغا لايىق بىردىنبىر ئىمپېراتور. رىم ئىمپېراتورلىرى ئىچىدە ھېچقانداق بىرى ئۇنىڭدەك ئىۋەنسىز ئەمەس. ئەمما، تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ بەئەينى يالماۋۇزدەك بىر كىشى ئىدى. تىتۇسمىلادى 39-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاچكۆزلۈكتە ئۇچىغا چىققان ئىمپېراتورۋېسپاسىئاننىڭ ئوغلى. ئەمما ئۇ بەدبۇي چاۋىسى چىتقا يېيىلغان ئاتىسىنىڭ ئەكسىچە،ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 3 يىلغا يېقىن ۋاقت ئىچىدە پۈتكۈل رىم خەلقى زەررىچە ئىۋەن تاپالمايدىغان پادشاھلىق ئەخلاقى بىلەن يۈكسەك ئابرويغا ئېرىشىپ تارىختا ياخشى نام قالدۇرغان. ئەمما تىتۇس يېڭى تەختكە چىققاندا رىم پۇقرالىرى كلاۋدى، نېرو، ۋېسپاسىئاندەك پادشاھلارنى كۆرۈپ سەسكىنىپ كەتكەچكە قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى 2-نېرو بولۇپ قالىدۇ، دېيىشكەن. بۇزادى نېمە ئۈچۈن؟ تىتۇس ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ھەممىلا جەھەتتىن مۇنەۋۋەر بالا ئىدى، ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىدىن سالاپەت ئۇرغۇپ تۇراتتى، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، ساغلام بولۇپ، قىلىچبازلىق،جانبازلىق، نەيزىبازلىققا پىشقان، چىقىشقاق، چەۋەندازلىقتا ۋايىغا يەتكەن ئىۋەنسىزبالا ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى ياخشى ئىدى، دەرىجىدىن تاشقىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە ئىدى، ھەممىلا ئىشقا قىزىقاتتى،لاتىن، گرېك تىللىرىدا راۋان سۆزلەيتتى ھەم بۇ تىللاردا ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا يازغان شېئىرلىرىدىن داڭلىق شائىرلارمۇ ئىۋەن تاپالمايتتى. مۇزىكىدا ئۆزگىچەتالانتقا ئىگە ئىدى، تۈرلۈك سازلارنى خېلىلا ياخشى چالاتتى. گەرچە ئۇ مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە تالانت ئىگىسى بولسىمۇ رىملىقلار ئۇنى زادىلاياقتۇرمايتتى، ھەتتا ئۇنىڭغا ئاجايىب بىر خىل ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى. چۈنكىئۇنىڭ ئەتراپىدا پالاقشىپ يۈرگەن بىرتالاي دوستلىرى رىم جەمئىيىتىنىڭ داشقاللىرىبولۇپ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمايتتى، تىتۇس مانا شۇنداق كىشىلەر بىلەنئاپاق-چاپاق بۇرادەرچىلىك قىلاتتى. ئۇ يەھۇدىي پادشاھى ئاگرىپپاⅠنىڭ قىزى بېلېنس بىلەنئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگەن، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولغان، دېگەنمىش-مىشلەرمۇ تارقالغان. رىملىقلار ئۇنى ئۇچىغا چىققان پاراخور، دەپ گۇمانقىلىشقان. رىملىقلارنىڭ نەزەرىدە تىتۇس ئەشەددىي زالىم ئىكەن، ئۇ ئوردامۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىدا كوماندىر بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا بىرەرى ئۇنىڭ گۇمانىنىقوزغاپلا قويسا ئۇنى دەرھال ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. تەختكە چىققاندىن كېيىنكى تىتۇس مۇشۇنداقيالماۋۇز سۈپەت بىر ياشنىڭ تەختكە چىققىنىنى كۆرگەن رىملىقلار قاتتىقئۈمىدسىزلەنگەن. ئەمما كىشىلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغىنى شۇكى، تەختكە چىققاندىنكېيىنكى تىتۇس تەختكە چىقىشتىن بۇرۇنقى تىتۇس بىلەن %100 ئەكسىچە بىر ئادەم بولۇپقالغان. ئۇ ھەقىقىي دانا ھۆكۈمراندا بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق شەرتلەرنىھازىرلىغان. تىتۇس تەختكە چىقىپ قىلغان تۇنجى ئىشى يەھۇدىي پادشاھى ئاگرىپپاⅠنىڭ قىزى بېلېنسنى رىمشەھىرىدىن ئۇزىتىپ قويغان، بۇ بۇ ئىككى ياش ئۈچۈن تولىمۇ ئازابلىق ئىش ئىدى.تىتۇسنىڭ ئىلگىرىكى ئاشنىلىرى ئۇسسۇلدا كامالەتكە يەتكەن رەققاسلار بولۇپ،تىتۇسنىڭ ياردىمىدە رىم سەھنىلىرىنىڭ چولپانلىرى بولۇپ قالغان ئىدى، ئەمما تەختكەچىققاندىن كېيىنكى تىتۇس ئاشۇ گۈزەل چولپانلار بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى چورتلائۈزگەن، ئاشكارا سەھنىلەردە ئويۇن كۆرۈشتىن بىراقلا قول ئۈزگەن. ئۇ ھەرقانداقئادەمنىڭ پۇل، ماللىرىنى ئېلىشنى قاتتىق رەت قىلغان، نورمال ئىئانە-تارتۇقلارنىمۇرەت قىلغان، ئەمما ئىلگىرى ئۇ خۇددىي دادىسىغا ئوخشاش رىمدىكى مەشھۇر پاراخورئىدى. باشقىلارنىڭ تەلىپىنى، مەيلى ئۇ ئاددىي پۇقرا بولسىمۇ، ئىمكانىيىتىنىڭبېرىچە بېجىرىپ بەرگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا « بەك كۆپ كىشىلەرگەبېجىرىش قىيىن بولغان ۋەدىلەرنى بەردىڭ» دېگەندە ئۇ «پادشاھ بولۇش سالاھىيىتىمبىلەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى ئورۇندىشىم كېرەك» دېگەن. ئۇ ھەركۈنى ئۆزىنىڭ كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىنى ئەستايىدىل ئويلاپ، باشقىلارغا ياردەمبەرمەي ئۆتكۈزگەن كۈن بولۇپلا قالسا بەك ئۆكۈنگەن. رىم شەھىرىدە تەبىئىي ئاپەتيۈزبەرگەن چاغدا، ئۆز مال-مۈلكىنى سەرپ قىلىپ مۇساپىرلارنى قۇتقۇزغان، ئۆزئۆيىدىكىلەرنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى ئىبادەتخانىغا ھەدىيە قىلىۋەتكەن. پادشاھ بولغاندىن كېيىنكى تىتۇس ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدەرەھىمدىل بولۇپ كەتكەن، قان تۆكۈشتىن، كاللا كېسىشتىن، دارغا ئېسىشتىن تەلتۆكۈسقول ئۈزگەن. ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان، ئىككى ئاق سۆڭەك ياش پادشاھنى ئاغدۇرۇشئۈچۈن توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا پاش بولۇپ قالغان بولسىمۇ، تىتۇسئۇلارنى جازالىماي ئەكسىچە كەچۈرۈۋەتكەن، پەقەت ئۇلارنى بۇ خىيالىدىن ۋاز كېچىشكەئاگاھلاندۇرۇپ، پادشاھلىقنى تەقدىر ئۇنىڭغا ئاتا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تەۋرەنمەس ھوقۇقئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا تەربىيە بەرگەن. ھەتتا ئۇ بۇ يىگىتلەرنىڭ باشقاھەرقانداق نەرسىنى تەلەپ قىلسا ئويلىنىپ كۆرۈدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئىنىسى ئۇتەختكە چىققاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ ئۇنى جايلىۋېتىش قەستىدە تۈرلۈكقىلمىشلارنى سادىر قىلىشنى توختاتمىغان، ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئارمىيىنىسىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا قۇتراتقان. مانا مۇشۇنداق ئىنىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈمقىلمىغان، سۈرگۈنمۇ قىلمىغان، ئەكسىچە ئۇنى ۋەلىئەھدلىككە تاللىغان. بەزىدە تىتۇسيىغلاپ تۇرۇپ ئىنىسى بىلەن بۇرۇنقىدەك ئىجىل-ئىناق ئۆتۈشنى ئۆتۈنگەن. مىلادى 81-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى تىتۇس ئۆزداچىسىدا كېسەل بىلەن قازا قىلدى. بۇ شۇم خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن رىم پۇقرالىرىھازا ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە ماتەم تۇتۇپ تەزىيە بىلدۈرگەن. سېناتلار كېڭەش زالىغاجەم بولۇپ، ئەڭ گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن تىتۇسقا بولغان ھۆرمەت-سېغىنىشىنى بىلدۈرۈشئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرگەن. ئومۇمەن، تىتۇس ھاياتلىقىدا ئېرىشمىگەن بارلىقشان-شەرەپلەرگە ئۆلگەندىن كېيىن ئېرىشكەن.
|