مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 233|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئانا تىل مۇھاببىتى - مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-6-27 10:39  

ئانا تىل مۇھاببىتى
مەخمۇت ئاۋۇت  ئۆڭمەس

ئۆز تىلىڭ جانىڭغا شەربەت، گەر ئىچىپ قانساڭ ئەگەر،
ياغدۇراي ئالەمچە ھۆرمەت، دىل يېرىپ تاڭساڭ ئەگەر.

نۇرلىنىپ، چاقنار جاھاندا  گەر ئۇنى ئەزىزلىسەڭ،
يار بىلىپ تانماي تەرىپلەپ، كۈي-غەزەل يازساڭ ئەگەر.

ئانا تىل ئۇزدۇر، يېقىملىق  داڭ قويار بۇلبۇلنىمۇ،
سۈرگۈزەر جەننەت ھوزۇرى،  بەزمىلەر قۇرساڭ ئەگەر.

نە بولۇر تەقدىرى بۇندا  جۆيلىسەڭ ئەبجەش قىلىپ،
ئۇ ئۆڭۈپ بولمامدۇ شالغۇت چاندۇرۇپ بۇزساڭ ئەگەر.

تىل ئۆزى دىلنىڭ بايانى خاسلىقىڭ جۇلاسىدۇر،
ئۇ خۇنۈكلىشەر  كېكەچلەپ، تەلۋىلىك قىلساڭ ئەگەر.

بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدۇ قانداق دىل بېرىپ سۆيمەي تۇرۇپ،
سارغىيىپ بولمامدۇ نابۇت يۈز ئۆرۈپ، تانساڭ ئەگەر.

ئانا  تىلىڭدا ئاياندۇر مىللىتىڭنىڭ  كىملىكى،
خوشلىشار ئۇسساپ، سولاشسا،  بېزىرىپ  تۇرساڭ ئەگەر.

مەيلى كۆپ تىللىق بولۇپ كەت، ئانا تىلدىن چانمىغىن،
يۈز كېلەلەمسەن  ئۇنىڭغا  يەر قىلىپ ئۇرساڭ ئەگەر.

جانغا ئۇ ئابى ھاياتتەك بىز ئۈچۈن تۇرسا بۈيۈك،
بۇ يۈرەك قانداق چىدايدۇ  ئۇنى خار قىلساڭ ئەگەر؟

قان بىلەن كىرگەچ ئانا تىل چىققۇسىدۇر جان بىلەن،
بولمىقىم جاندىن جۇدادۇر  ئايرىماق بولساڭ ئەگەر.

سۆيمىگەننىڭ ئانا  تىلنى نە جاھاندا قىممىتى؟
يار ئۇنىڭسىز مىڭ پۇشايمان خارلىنىپ قالساڭ ئەگەر.

سايرىسا  خەنداندا ئۇز تىل يايرىمامدۇ دىل كۈلۈپ،
باش قويارمەن ئىشقىدا تىل ئوت بولۇپ يانساڭ ئەگەر.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
دىۋان
ۋاقتى: 2016-6-27 23:00:26 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئىككى يۈز يىلنى مۆلچەرلەپ قويدۇم، ئانا تىلىم شۇ چاغدا تارىختىكى تىل بولۇپ قالىدۇ!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-6-28 09:16:32 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2016-6-27 23:00
مەن ئىككى يۈز يىلنى مۆلچەرلەپ قويدۇم، ئانا تىلىم شۇ چا ...

دېمەكچى  تىلىمىز تورى يەنە ئىككى يۈز يىل داۋاملىشىدۇ شۇنداقمۇ؟
ئەگەر ھازىرقى سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىمىز مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا  راستلا ئىككى يۈز يىل ئەتراپىدا ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن  بىراق بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ جۇمۇ، كىم بىلىدۇ يەنە ئەللىك يىلدىن كېيىن تاشقىي پىلانت ئادەملىرى ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ ھەممىمىزنى تۇتۇپ كېتەمدۇ تېخى

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
يەر
ۋاقتى: 2016-6-29 13:04:37 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2016-6-28 09:16
دېمەكچى  تىلىمىز تورى يەنە ئىككى يۈز يىل داۋاملىشىدۇ  ...

ياراتقۇچىنىڭ جايلاشتۇرۇشى تېخى مىڭ يىلغا سوزۇلۇشى مۇمكىن! كەمەرنى قولتۇقىدىن باغلايدىغانلار كەمەئەرنى بەلدىن باغلايدىغانلارنى كۆرسە بەك سەت  جانلىقلاركەن، دەپ ياراتماي كېتىپ قېلىشى تۇرغان گەپ!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
5#
ۋاقتى: 2016-12-18 02:46:14 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2016-6-27 23:00
مەن ئىككى يۈز يىلنى مۆلچەرلەپ قويدۇم، ئانا تىلىم شۇ چا ...

ھەھە،مەن ئاۋۇ قېرىندىشىم ئوغۇزتىگىن دېگەن"ئۇيغۇرتىلى- سۆز ھازىرقى شالغۇت سۆز ياساش سۈئىتىدەىكى ھالەتتە ماڭسا بىر ئەسىرگە  بارماسمىكىن"مەنچە بۇ خېلى جايىدا تۇىشى مۇمكىندەك تۇرىدۇ،غۇڭا ئۇ جىددىي ھالەتتە ئاۋۇ"ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەر لۇغىتى"دىكى ئەجنەبىي سۆزلەر ۋە يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى بەزى لۇغەتكە كىرگۈزۈلمىگەن سۆزلەرگە ھەىقىي ئانا تىلچە سۆز ياسۋېتىپتۇ،ھازىر 3000گە يېقىن يېڭى سۆز ياسىلىپتۇ،ئەسلىدە 2 يىلدا ياساپ بولۇشنى پىلانلاپتىكەن،پەمىمچە 3-4يىل كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:45 , Processed in 0.063278 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش