مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 450|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بادام دوپپا ۋە ئۇنىڭدىكى مەدەن...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بادام دوپپا ۋە ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت ئىزنالىرى

ئەمەت دەرۋىش


ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس شەكىل ۋە مەزمۇنغا ئىگە. ئۇلاردا ئىپادىلەنگەن ھەرخىل شەكىل ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۆزى تەۋە مىللەتنىڭ پىسخىك روھىي ھالىتى، گۈزەللىك قارىشى، شەيئىلەرنى چۈشىنىشى، قامەتكە يارىشىملىقى، دەۋر روھىي قاتارلىق ئىجتىمائىي مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇلاردا ئىپادىلەنگەن ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرىغا تىككۈچىنىڭ ئەقىدە - ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتى سىڭگەن بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىملىرىدىن بىرى بولغان بادام دوپپىدا بۇ ئالاھىدىلىك تېخىمۇ يارقىن. مىكرو جەھەتتىن قارىغاندا، ھەرقانداق نەرسىنىڭ يوقلۇقتىن سەۋەبكە باغلانغان ھالدا بارلىققا كېلىش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن قەدىرلىنىش تارىخى بولغانغا ئوخشاش، بادام دوپپىنىڭمۇ يوقلۇقتىن مەلۇم سەۋەبكە باغلانغان بارلىققا كېلىش تارىخى بار، ئەلۋەتتە.

كۆك تۈرك خانلىقى تۈرلۈك تارىخىي ۋە ئىجتىمائيى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن خەلقنى بىر يەرگە يىغىپ ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا مەشھۇر ئۇيغۇر خانلىقى (745-840) نى قۇردى، بۇ خانلىق جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بەزى مەنبەلەردە «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى» (لىن گەن، گاۋزىخۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل نەشرى) دەپمۇ ئاتالدى. خانلىق ئۇلىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، بىر مەزگىللىك گۈللىنىش تارىخىنى ياراتتى؛ بىراق مىلادى 9- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپ «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى» نىڭ مەركىزىي رايونلىرى بولغان ئۆتۈكەن تاغلىرى ۋە ئورخۇن - سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدا ۋابا تارقالدى ۋە ئۇزاق داۋاملاشتى، نەتىجىدە نۇرغۇن ئادەم قىرىلىپ كەتتى. بۇ ھال خانلىقنىڭ ئالدىغا كېسەللىكنىڭ مەنبىيى ۋە خاراكتېرىنى دەرھال ئېنىقلاپ، ئادەملەرنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋە جىددىي مەسىلىنى قويدى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىزدىنىشلىرى بىكارغا كەتتى، ئاخىر جەرراھ – تېۋىپلار مول تەجرىبىسىگە تايىنىپ ھەر خىل ئۆسۈملۈك، زىرائەت ۋە مېۋىلەردىن خاس دورا ۋە ئارىلاشما دورىلارنى ياساپ جىددىي سىناق قىلىشقا باشلىدى؛ تەجرىبىلىك جەرراھ ۋە تېۋىپلارنىڭ بايانلىرى ۋە ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېكايەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇلار ياسىغان دورىلارنىڭ ئارىسىدا بادام مېغىزىدا ياسالغان دورىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولغان، يەنى ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار قارا بوراندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەجەلگە دۇچ كەلگەن ئەلدىن بۇ رېتسېپنى سىر تۇتماي، ئۇلارغا ياۋا بادام ۋە بادامدىن دورا ياساش، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تەشۋىق قىلغان، شۇنداق قىلىپ بۇ رېتسېپ ئەل ئىچىدە تېز ئومۇملىشىپ نۇرغۇن ئادەم ئامان قالغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋا بادام ۋە بادام مېۋىسى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋابا قارا قىشتا تارقالغانلىقى سەۋەبلىك، يەنە نۇرغۇن ئادەم قىرىلىپ كەتكەن. بادام مېغىزىنى تاپالمىغان كىشىلەر دەسلەپتە بادام دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنى قاينىتىپ ئىچكەن بولسا، كېيىن بادام ياغىچىنى قاينىتىپ ئىچىپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. ئەل - ئاۋام جان ھەلەكچىلىكى بىلەن يۈرگەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا سەلتەنەتنىڭ بۇ خانلىققا ئاساس ياغلاقار قەبىلىسىدىن ئادىز قەبىلىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشى، بۇ تۈپەيلىدىن قوزغالغان ھوقۇق تالىشىش يېغىلىقىنىڭ كۈچىيىشى؛ ئەينى چاغدا قاغان قوزا تېكىن بىلەن دۈشمەنلەشكەن تارقان كۆل باغانىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خاكاسلارغا مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويىشى ۋە خاكاس خاقانى ياغلاقارنىڭ كۆلباغانىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى 100 مىڭ ئاتلىق لەشكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىشى («ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990- يىلى نەشرى)؛ شۇ يىلى تارقالغان ۋاباغا يانداشقان جۇت – شىۋىرغان ۋە قېلىن قار نۇرغۇن چارۋا - مالنىڭ قىرىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، غەربكە قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان. بۇ ھەقتە تارىخىي ماتېرىياللاردا مۇنداق بايانلار بار: «ئۇيغۇرلار بارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدىن، ياۋايى ھايۋانلاردىن ۋە بوۋاق بالىلاردىن كەلگەن ‹كۆچ - كۆچ› دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ، ھەربىر جايغا بارغاندا شۇنداق ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ، كېيىن ئۇلار بىر تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا بۇ ئاۋاز توختاپتۇ. ئۇيغۇرلار شۇ يەرگە قاغان شەھىرى بىنا قىپتۇ، ئۇ شەھەرگە ‹بېشبالىق› دەپ ئات قويۇپتۇ. بېشبالىق قاغان شەھىرى دېمەكتۇر» («ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»). 3- يولدىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىغا كېلىپ، بۇ يەرگە بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن قارلۇق قەبىلىسىىگە قوشۇلدى ۋە 10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 11- ئەسىرگىچە قارلۇق، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇدرەتلىك قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇردى («شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، 1997- يىل نەشرى). بۇ يەرگە ماكانلاشقان ئۇيغۇرلار بېشىدىن كەچۈرگەن ۋابا ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ھەققىدىكى ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، يول بويى ياۋا بادام ۋە بادام مېۋىلىرىنى يەپ كەلگەن؛ شۇنداقلا بۇ يەردىكى يەرلىك قېرىنداشلىرىغا ياۋا بادام ۋە بادامنىڭ شىپالىق رولىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى بادام ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن؛ ئۆزلىرىمۇ بادام مېغىزىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ساقلىغاننىڭ سىرتىدا، ئۇنى قۇۋۋەت دورىسى سۈپىتىدە تېبابەتتە ئىشلەتكەن؛ دېمەك، ھاياتىنى ساقلاپ قالغان بۇ مېۋىنى ئەزىزلەپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن؛ بادام مېغىزىنى تارىخىي ساۋاق ۋە ھاياتلىقنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ، ئۇنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان باش كىيىمىنىڭ گۈلى قىلىپ تاللىغان.

مانا بۇ بادامنىڭ دوپپا گۈلى قىلىپ چېكىلىشىدىكى تارىخىي سەۋەب، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوقۇللا گۈزەللىك قارىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئەنە شۇنداق تارىخ قارىشىنىڭمۇ مەھسۇلىدۇر. تارىخىي ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، بادام دوپپىنى ھازىرغىچە ئەتىۋارلىق باش كىيىمى سۈپىتىدە ئەزىزلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر، يېڭىسار، يەركەن، قاغىلىق، پوسكام، قەشقەر شەھىرى، پەيزاۋات، مارالبېشى قاتارلىق ناھىيەلىرى؛ خوتەننىڭ قاراقاش، گۇما ناھىيەلىرى، ئىلچى بازىرى؛ ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ۋە كۇچا ناھىيەلىرى؛ كورلىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى؛ ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى خەلقلەر بادام دوپپىنى ئەتىۋارلاپ، قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئاساسلىق تويلۇق مېلى سۈپىتىدە قارايدۇ، بۇ ھال مۇشۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان بادامغا بولغان ئىخلاس - ئەقىدىسىنىڭ سىمۋولىدۇر. شۇلارغا قارىغاندا، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جەنۇبىي يول بىلەن ماڭغان قارلۇق ۋە ياغما قەبىلىلىرى ئارىسىدا ۋابانىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان، شۇڭا مۇشۇ قەبىلىلەر تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا بادامنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىر قەدەر كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بادامنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ئۇنى باش كىيىمىنىڭ گۈلى قىلىپ تاللىغان ئەھۋال بۇنىڭ جانلىق مىسالى. مۇشۇ رايونلاردىكى خەلقلەرمۇ بادام ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، بادامنى تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئۇلاپ كۆپەيتكەن ۋە تۈرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرغان. مەسىلەن: قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق رايونلاردا تاش بادام، جەگە بادام، قەغەز بادام، خازان بادام (قەغەز بادام)، قوشماق بادام، ئىلمەك بادام، پىستە بادام (يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە) قاتارلىق سورتلىرى يېتىشتۈرۈلگەن.

بادام دوپپىنىڭ گۈل شەكلى مانا مۇشۇ تارىخىي سەۋەبنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا كىشىلەر بادامغا بولغان ئىخلاس - ئەقىدىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئۇنىڭ تارىخىيلىكىنى نەزەرگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئېستېتىك قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، دوپپىغا چېكىلگەن بادام گۈل نۇسخىلىرىنى ئەسلىي بادامنىڭ شەكلى بويىچە ئېلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىغان، بۇنىڭ بىلەن بادام دوپپا ئەسلىدىكى بادامنىڭ شەكلى بويىچە تور بادام، گىجىم بادام، چۆچۈرە بادام، قېلىچ بادام ۋە پۇتەي بادام قاتارلىق بىر قانچە خىل نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بادام دوپپا گۈلىدىكى قېلىچ بادام گۈل شەكلى ھەجىمى باشقا باداملارغا قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ، ئۇچى ئەگرىرەك، تۈۋى يوغانراق كەلگەن، شەكىل جەھەتتىن يېرىم يايسىمان جەگە بادام دېگەن بادامنى كۆرسىتىدۇ، ئەسلىدىكى بادامنىڭ شەكلى بىلەن دوپپىدىكى بادام گۈلى شەكلى ئارىسىدا مۇئەييەن ئوخشاشلىق بار.

چۆچۈرە بادام ئۆزى تومراق، دانلىق، چاقسا ئاساسەن قوش مېغىز چىقىدىغان قوشماق بادام شەكلىنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ھاللاردا بۇ بادام دوپپا ئەنجان دوپپىسى ياكى ئۆزبېكچە بادام، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن بادام دوپپىنىڭ بادام گۈلى باشقا بادام گۈللۈك دوپپىلارغا قارىغاندا گۈل ۋە دوپپا ھەجىمى جەھەتتىن ئىخچام، چاققانراق كېلىدۇ. تور بادام ئەسلىدىكى خازان بادام (قەغەز بادام) شەكلىدىن كەلگەن، بۇ خىل بادام ھەجىم جەھەتتىن چوڭراق، پوستى ناھايىتى نېپىز، مېغىزى يوغان، قولدا مىجىپلا چاققىلى بولىدۇ؛ بادام مېۋىسى پوستىدىكى تورسىمان سىزىقچىلار ۋە بادامنىڭ مۇشۇ خىل دانلىق، چوڭ ھەم نېپىز بولۇش ئالاھىدىلىكى بادام دوپپا گۈلىنىڭ تور بادام شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن، تور بادام دەپ ئاتالغان دوپپىنىڭ شەكلىمۇ باشقا بادام دوپپىلارغا قارىغاندا ھەيۋەتلىك، گۈلى چوڭ ھەم ئېگىزرەك قىلىپ قوندۇرۇلغاچقا، بەكمۇ يارىشىملىق كېلىدۇ.

بادام دوپپىلارنىڭ گۈل نۇسخىلىرى يۇقىرىقىدەك تارىخىي جەريان ۋە شەكىلنىڭ مەھسۇلى، دوپپىنىڭ كېزەك قىسمىغا قوندۇرۇلغان دۈگلەكسىمان گۈل نۇسخىلىرى نەق بادام گۈلى بەرگىنىڭ شەكلىدۇر، ئاستىدا گۈل، ئۈستىدە مېۋە بولغان بۇنداق شەكىلنى ھەرگىزمۇ بىر - بىرىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ. بادام دوپپىنى يالغۇز ئەرلەرلا كىيىپ قالماستىن، بەلكى ئاياللارمۇ ئەتىۋارلاپ كىيىدۇ، ئاياللار كىيىدىغان بادام دوپپا «چوكان بادام» دەپ ئاتىلىدۇ. چوكان بادام ئالتۇن، قىممەت باھالىق مارجان، مەرۋايىتلار بىلەن بېزىلىدۇ. ناھايىتى يارىشىملىق، پۈتۈپ چىقىشى قىممەت ھەم تارىخىيلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپىنچە قىزلارغا تويلۇق سوۋغىتى قىلىنىدۇ. قىزلار بۇ دوپپىنى ئەتىۋارلاپ تاكى ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگىچە كىيىشىدۇ، شۇڭا بۇ دوپپا «چوكان بادام» نامى بىلەن ئاتالغان، ئاتا – ئانىلار نارسىدە قىزلىرىغىمۇ مۇشۇنداق دوپپىلارنى مەخسۇس بۇيرۇتۇپ تىكتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا بادام دوپپا ئۇيغۇرلاردىكى ئاتا – بوۋىلىرىمىزغا نىجاتلىق ئاتا قىلغان بادامنى ئەبەدىي ئۇنتۇماسلىق قارىشىنىڭ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت - ئەقىدىسىنىڭ، گۈزەللىك ۋە قىممەت قارىشىنىڭ سىمۋولىدۇر.


مەنبە:

http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5NDg2MDk4NA==&mid=401088764&idx=4&sn=7f58efe30305c57475c737875236681c&scene=23&srcid=1221BSlEnW7E6ExXBTACmKOI#rd


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:26 , Processed in 0.061243 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش