|
تۆت تال شام ئاستا كۆيىۋاتاتتى , ئەتراپنىڭ تىنىچلىقىدا ئۇلارنىڭ سۆھبەتلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
بىرىنجى شام سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى
مەن ‹‹ تىنىچلىق ››بولىمەن , ھېچىكىم مېنىڭ يېنىپ تۇرىشىمنى خالىمىدى , شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئۆچۈپ قالىدىغانلىقىمنى بىلىمەن ...
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىرىنجى شام راستىنلا ئۆچۈپ قالدى .
ئىككىنجى شام گەپ ئېچىشقا باشلاپ ‹‹ مەن ئىشەنىچ بولىمەن , ئىنسانلار ھازىر مېنى كېرەك قىلماس بولۇپ كەتتى , شۇڭا ئەمدى مېنىڭ يېنىپ تۇرىشىمنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدى دېدى ۋە ئارقىدىنلا يالقۇنى ئازلاپ ئۆچۈپ قالدى .
ئۈچىنجى شام ئۆچكەن ئىككى شامغا قاراپ ئېغىر بىر ئۇھسىنىۋىتىپ تۆتىنجى شامغا قاراپ ‹‹ مەن سۆيگۈ بولىمەن , مېنىڭ ئەمدى يېنىپ تۇرغۇدەك ماجالىم قالمىدى , ئىنسانلار مېنى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇپ , مېنىڭ ئەھمىيىتىمنى يوقاتتى , ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىگە ئەڭ يېقىن بولغانلارنىمۇ سۆيۈشنى ئۇنۇتىشتى ›› دېدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇمۇ ئۆچۈپ قالدى .
دەل شۇ چاغدا سىرىتتىن بىر كىچىك بالا يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى ۋە ئۆچۈپ قالغان ئۈچ شامنى كۆرۈپ ‹‹ سىلەر نېمىشقا ئۆچۈپ قالدىڭلار ? سىلەر مەڭگۈ يېنىپ تۇرىشىڭلار كېرەك ئىدىغۇ ... سىلەرنى كىم ئۆچۈرۈپ قويدى ››دېگىنىچە ئۆينى بېشىغا كىيىپ يىغلاشقا باشلىدى .
بالىنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك يىغىسىغا چىدىيالمىغان تۆتىنجى شام بالىغا قاراپ تۇرۇپ , ‹‹ بالام , قورقما ! مەن ئۇ ئۆچۈپ قالغان ئۈچ شامنى قايتا ياندۇرالايمەن , چۈنكى مەن ئۈمىد بولىمەن ›› دېدى .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان بالىنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى ۋە ئۈمىدنى قولىغا ئېلىپ ئۆچۈپ قالغان ئۈچ تال شامنى قايتا ياقتى... |
|