مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 548|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاكىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ھالاكىتى
2014-03-11 ihsan

  1914يىلى 7- ئاينىڭ 28-كۈنى 1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلاندى. گىرمانىيە، ئاۋىستىرالىيە، ۋېنگىرىيە، ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىرلەشتى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بولۇپ ئۇيۇشتى. ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە روسىيە ئانتانتا دۆلەتلەر گوروھىنى شەكىللەندۈردى. ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تېزدىن كېڭىيىۋاتقان روسىيەنى چەكلەشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئانتانتا دۆلىتىنىڭ مەقسىتى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى يەر شارىدىن يوقىتىش ئىدى. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ شاھزادە نىكۇلاي باشچىلىقىدىكى 200 مىڭ كىشلىك قوشۇنى 1914-يىلى قىشتا ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدىكى 100 مىڭ كىشلىك تۈرۈك قوشۇنىنى يوقاتتى. ئارقىدىنلا غەلبەسىرى ئىلگىرلەپ ترابزون، ئەرزىنجان، مۇش ۋە تىبلىسنى ئىگەللەپ بۇ جايدىكى تۈرك ئاھالىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ، كاپكازدىن ئەرمەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇردى. سۈۋەيىش قانىلى بويىدا ئەنگىلىيە ئارمىيىسى جامال پاشا قوماندانلىقىدىكى قوشۇننى مەغلۇپ قىلدى. 1915-يىلى ئەنگىلىيە-فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى پايتەخىت ئىستانبولنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ كەلدى. ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇلھەمىد ئىستانبولنى تاشلاپ كۇنياغا كەتمەكچى بولدى. 1915-يىلىدىن 1917- يىلىغىچە ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بەسرە، باغدات، فىرات دەريا ۋادىسى قاتارلىق ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنلىرىنى ئىشغال قىلدى. ئوسمان ئىمپىرىيىسى بارغانسىرى ئاجىزلاپ كەتتى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەرەبلەر مۇپتى ھۈسەيىننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈرك ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى سەپ تۈزدى. ئۇ 1914- يىلى ئەنگىلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدى. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئەرەبلەر  ۋە ئەنگىلىيە بىرلىشىپ ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى يوقۇتۇش. ئەنگىلىيە ئەرەبلەرگە سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا سوزۇلغان ئەرەب دۆلىتى قۇرۇپ بېرىش ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ قوزغىلىڭى باشلىنىپ، تۈرك ئاھالىلىرى ئۆلتۈرۈلدى. تۈرك ئارمىيىسىگە ھوجۇم قىلىش باشلاندى. 1917-يىلى ئەرەب-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئېروسالىمدىكى تۈرك ئارمىيىسىنى يوقۇتۇپ ئېروسالىمنى تارتىۋالدى. 1918-يىلى يېڭىدىن تەشكىنلەنگەن ئەرەب-ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تۈرك ئارمىيىسىنىڭ 80 مىڭ كىشلىك قوشۇنىنى ھەلەپتە قورشىۋالدى. ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ يېڭىدىن سەپلەنگەن ئوت كۈچى زور زەمبىرەكلىرى تۈرك ئارمىيىسىنى تىرە-پىرەن قىلىۋەتتى، ئارقىدىنلا قىلىچ ۋە ئەنگىلىيە مىلتىقلىرى بىلەن قوراللانغان ئەرەب جەڭچىلىرى ھوجۇمغا ئۆتتى. 80 مىڭ كىشلىك تۈرك قوشۇنى ھەلەپتە يوقۇتۇلدى. بۇنىڭ بىلەن تۈرك قوشۇنىنىڭ ئېروسالىمغا ھوجۇم قىلغۇدەك كۈچى قالمىدى.
(بۇ ۋەقە گەرچە ئەرەبلەر ئۈچۈن ئازادلىق بەلگىسى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيەنىڭ ئېروسالىمنى ئىشغال قىلىشىغا ياردەملىشىشى دەل ئەرەبلەرنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇشقا قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ قالدى.)
دەل شۇ پەيىتتە مۇستاپا كامال مەغلۇپ بولغان تۈرك قوشۇنىنى تەرتىپكە سېلىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قايتا ھوجۇم تەشكىللەپ ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تارتىۋالغان دەمەشىق، ھەلەپ ۋە ئېروسالىمنى قايتۇرىۋېلىشنى، جەڭگە ئۆزى قۇماندانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپ سۇلتان تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
-1918 يىلى سۇلتان ۋاھىددىن ئانتانتا دۆلەتلىرىگە تەسلىم بولدى. ئەنگىلىيە-فىرانسىيە ئارمىيىسى ئىستانبولغا كىردى. سولتان ۋاھىددىن نامدىكى سۇلتانلىقنى ۋە ئوردا-ساراي، كېنىزەكلىرىنى ساقلاپ قالدى. تۈرك ئارمىيىسىگە قۇرالنى ئەنگىلىيە-فىرانسىيە ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش، ئۆزلىرى ئۆيىگە قايتىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. گەرچە مۇستاپا كامال چېچىلىپ كەتكەن تۈرك ئارمىيىسىنى قايتا تەشكىللەپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ تۈركىيىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قايتا قۇرالمايىتتى ئەلۋەتتە. ئەنگىلىيە بولسا ئەرەبلەرنى تۈركلەردىن ئازاد قىلغان دوست سۈپىتىدە ئېروسالىمدا قوشۇن تۇرغۇزدى. ئەنگىلىيەلىك دوستلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپلا كەلگەن يەھۇدىيلار ئېروسالىمغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى. ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىينىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى. ئەرەبلەر يەرلىرىنى چۆللۈكلىرىنى، قاقاس تاغلىرىنى سېتىپ بەردى. پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىغان يەھۇدىيلار ئىنتايىن ياخشى تەسىرات قالدۇردى. ئەرەبلەر يەھۇدىيلار پارچە-پۇرات يەرلەرنى ئۇلاپ ‹ئىسرائىلىيە› دۆلىتى قۇرغانلىقىنى جاكارلىغاندا ئىشنىڭ ماھىتىنى ئاڭقىرالىغان بولىشى مومكىن. بىراق بۇ چاغدا ھەممە ئىش ئۆتكەن ئىدى.
اللە ھەممىدىن بەك بىلگۈچىدۇر.
ئاپتۇرى: karahan

http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MzA3NjQxMzkxOQ==&mid=200080054&idx=4&sn=cc5af115d3da976f75d4dc21f25b964e&scene=2&from=timeline&isappinstalled=0#rd



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.055486 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش